نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (1)

ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (1)

ۋاقتى: 2015-08-02 ئاۋاتلىقى: 7979 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (1)

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي




   1. ناۋادا بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ قۇدرەتلىك بىر قوغدىغۇچىسى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ خىل مەدەنىيەت زەئىپ مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھامان نادانلىق تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىدۇ.
   2. ناۋادا مەدەنىيەت نادانلىقنى يەكلىيەلمىسە، بېسىم ئەكىلەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇ خىل مەدەنىيەت ھەقىقىي مەدەنىيەت ئەمەس. 
   3. بىر مىللەتنى يوقىتىشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش كېرەك؛ مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تىلنى يوقىتىش كېرەك؛ بۇ خىل تىلنى يوقىتىشتا، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىگە قول سېلىش كېرەك.
  4. يەڭگەن بەگ بولۇر، يېڭىلگەن باسقۇنچى بولۇر. مەن ئەتە پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان سەۋەبلىك مېنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى؟ 
   5. ناۋادا گېرمان مىللىتى قان تۆكۈش بەدىلىگە ئۆز مەۋجۇدلۇقىن ساقلىيالمىسا، ئۇنداقتا ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشى كېرەك. 
   6. ئېتىقاد بىلىمدىن مۇستەھكەم بولىدۇ، قىزغىنلىقنىڭ ھۆرمەتكە ئايلىنىش ئىنتايىن تەس. ئۆچمەنلىك نەپرەتتىن ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ. 
   7. بىز بىر نىشاننى بەلگىلىۋالدۇق ھەمدە بۇ نىشان ئۈچۈن ئاداققىچە تىرىشىمىز. 
   8. سىلەر چوقۇم مېنىڭ كۈچلۈك قەسىمىمگە ئەگىشىڭلار: بىز تىنچلىققا مۇھتاج، بىز تۆھپە قوشۇشقا مۇھتاج. 
   9. مېنىڭ دۇنيا كېلىشىم كىشىلەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەس، بەلكى، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىش.
   10. بىزنىڭ كۈرىشىمىز پەقەت ئىككى خىل نەتىجە بېرىدۇ: يا دۈشمەن بىزنىڭ جەسىتىمىزنى دەسسەپ ئۆتىدۇ، يا بىز دۈشمەننىڭ جەسىتىنى دەسسەپ ئۆتىمىز. 
   11. بىز چوقۇم چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپ، بار كۈچىمىز بىلەن بىرلا ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك، بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز. 
  12. دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ قۇدرەتلىك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاممىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەننىي بىلىملەر ئەمەس، بەلكى، ئاممىغا كۈچ ئاتا قىلالايدىغان ئەسەبىيلىك، بەزىدە ھەتتا ئۇ خەلقنى ئالغا مېڭىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ئەسەبىيلىكتۇر. 
   13. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقىلارنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە يۈكسەپ قويۇشقا بولمايدۇ، تارىخ ھامان ھەربىي قوراللار بىلەن ئالغا باسىدۇ، بۇ دۇنيا ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولىدىغان دۇنيا. مەۋجۇدلۇق، ھۆرمەت كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئېھتىياجلىق. 
  14. ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى ئۈچ نۇقتىئىنەزەردىن ئايرىلالمايدۇ: بىرى، بارلىق نەرسىلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئىككىنچىسى، گۈزەل ئەخلاق قان تۆكۈش بەدىلىگە كېلىدۇ، ئۈچىنچى، رەھبەرلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە قارار خاراكتېرلىكلىكىدىن ئىبارەت. 
   15. ئىجتىمائىي ئىشلارنى تاماملىماق تەس، ئۇنىڭدىكى مەسىلىنىڭ يادروسى ئاز-تولا ئىلتىپات كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى، ئاۋامنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. 
   16. بىزمۇ ئېھتىمال ۋەيران بولارمىز، ئەمما بىز ۋەيران بولغاندا، پۈتۈن دۇنيامۇ بىز بىلەن بىر قېيىققا تەڭ دەسسىگەن بولىدۇ-دە، بىراقلا دوزاخقا سەكرەيمىز. 
   17. ناۋادا بەزىلەر ماڭا: ‹‹سەن چۈش كۆرۈپسەن››، دېسە، مەن پەقەت ئۇنىڭغا: ‹‹سەن دۆتكەنسەن، ناۋادا مەندەك بىر چۈش كۆرگۈچى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز نەدە تۇرۇپتۇ›› دېگەن بولاتتىم. مەن گېرمانىيەگە ئىزچىل ئىشەنگىنىمدا، سىز مېنى مەن چۈش كۆرگۈچى دەيسىز. مەن ئىمپېرىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرغىنىمدا، سىز مېنى ئەخمەق دەيسىز، مەن ھوقۇقۇمنى قايتىدىن قايتۇرۇۋالالدىغانلىقىمغا ئىچىل ئىشەنگىنىمدە، سىز مېنى ساراڭ دەيسىز، مەن نامراتلىقتىن باش كۆتۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنگىنىمدە، سىز مېنى ئوتوپىيە دەيسىز. زادى كىمنىڭ توغرا؟ سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ؟ مېنىڭ توغرا، چۈنكى مەن ھەممىنى قىلالايمەن. 
   18. بىر مىللەتنىڭ داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرۈشى ئامەت ئىلاھىنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتى.
   19. بىز خۇشال بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى كەلگۈسى تامامەن بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. 

   20. گېرمانىيەنىڭ ئەتىسى سىلەرگە باغلىق، گېرمان ياشلىرى. 

   21. بىز چىداپ تۇرۇپ، بار كۈچىمىز بىلەن بىرلا ئىشنى قىلىشىمىز زۆۈر، بولمىسا ھېچنېمىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز.
   22. ھەربىر ئەۋلاد چوقۇم ئاز دېگەندىمۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك.
   23. مەن ئەيسا پەيغەمبەر، خىرىستوسلار تاماملاپ بولالمىغان ئىشلارنى تاماملىغىلى كەلگەن. 
   24. سىلەر ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ سەۋر-تاقىتىمىز چېكىگە يەتكەندە، نومۇسسىز يەھۇدىيلارنى زۇۋان سۈرەلمەس قىلىۋېتىمىز. 
   25. ئىلگىرى بىزنى توختىماي مەسخىرە قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھازىرمۇ كۈلۈۋاتقىنىغا ئىشەنمەيمەن. 
   26. سىلەر ماڭا ئەگىشىپ قەسەم بېرىڭلار: بىزگە لازىمى تىنچلىق، بىزگە لازىمى ئىشلىرىمىزغا تۆھپە قوشۇش.
   27. مىللەتنى بويسۇندۇرۇش، ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش، تالان-تاراج قىلىش، ھەتتا پەس كۆرۈش، يوقىتىۋېتىش مېنىڭ باش تارتماس مەسئۇلىيىتىم ۋە ئالاھىدە ھوقۇقۇم.
   28. ناۋادا گېرمان مىللىتى كۈچەيمەستىن، پەقەت قانلىق بەدەل تۆلەپلا ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلايدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا ھالاك بولۇشى كېرەك.
   29. ناۋادا مىللىتىم بۇ سىناقتا مەغلۇب بولسا، مەن ياش تۆكمەيمەن، چۈنكى ئۇلار بۇ ئاقىۋەتنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
   30. پەۋقۇلئاددە ئىدىيەلەر ئاددىي ئادەملەر بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولالالمايدۇ. 
   31. بىز بىر نىشان بېكىتتۇق ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز.
   32. پەقەت غالجىرلاشقان كىشىلەرلا ئىتائەت قىلىدۇ.
   33. خەلق دېگەن قارىغۇ ۋە دۆت كېلىدۇ.
   34. مەن ماھىرلىق بىلەن ھەممىگە ئېرىشتىم.
   35. ئاياللار مائارىپىدىكى تەۋرەنمەس نىشان شۇكى، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش.
   36. پەقەت ماڭا پايدىسى تېگىدىغان شەرتنامىلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
   37. بىز ئىلگىرىمۇ شۇنداق ئىدۇق، كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىمىز.
   38. بىز ھامان ئۇرۇش قىلىش خىيالىدا بولۇشىمىز كېرەك.
   39. دۈشمەنگە قەبرىدىن ياخشىراق جاي بولمىسا كېرەك.
   40. بىزنىڭ شان-شەرىپىمىزنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. گېرمانىيە خەلقى ئۈچۈن، بىز چوقۇم 15 ~ 20 يىللاپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
   41. مەن 50 يېشىمدا ئەمەس، ھەتتا 55، 60 يېشمدىمۇ ئۇرۇش قوزغاشقا رازىمەن.
   42. دەۋرنىڭ چاقىرىۋاتقىنى تىنچلىق ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش.
   43. سىياسىينىڭ ئاخىرقى نىشانى ئۇرۇشتىن ئىبارەت.
   44. بىز پەقەت قوراللار بىلەنلا تىنچلىقنى قوغدىيالايمىز.
   45. دۇنيادا ئۇرۇشنىڭ بولۇش-بولماسلىقى ماڭا بەرىبىر.
   46. ياشلار ئەسلىدە قۇربان بېرىشى كېرەك.
   47. يەنە بىر گېرمانىيە ئورنىدىن دەست تۇرغۇچە، ئۇرۇش داۋام قىلىۋېرىدۇ.
   48. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز پارلامېنت تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.
   49. ئېتىقاد بىلىمدىن مۇستەھكەم بولىدۇ، قىزغىنلىق ھۆرمەتكە قارىغاندا تەستە ئۆزگىرىدۇ، نەپرەت بىزارلىقتىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
   50. دۇنيادا ئۆزگەرتىشتە ئەڭ كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىغىنى خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئىلمىي تونۇش ئەمەس، بەلكى خەلققە قىزغىنلىق ئاتا قىلىش، بەزىدە ھەتتا خەلقنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قىزغىنلىقىنى يوقىتىۋېتىشتىن ئىبارەت.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى