نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شى جىنپىڭ بەنچەن ئېردېنى چۆجىجېبنى قوبۇل قىلدى

شى جىنپىڭ بەنچەن ئېردېنى چۆجىجېبنى قوبۇل قىلدى

ۋاقتى: 2015-06-11 ئاۋاتلىقى: 3854 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شى جىنپىڭ بەنچەن ئېردېنى چۆجىجېبنى قوبۇل قىلدى


جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئىيۇن جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردېنى چۆجىجېبنى قوبۇل قىلدى

    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 10-ئىيۇن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئىيۇن جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردېنى چۆجىجېبنى قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ۋە تىرىشىپ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا، 10-ئەۋلاد بەنچەن ئۇستازنىڭ ئارزۇسى، بۇددا دىنىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ باراۋەرلىكى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشتەك ئىدىيەسى بويىچە شىزاڭدا بۇددا دىنى تارقىتىش بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتىنىڭ ماسلىقىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇددا ئەھكاملىرىدا يېتىشكەن ۋە راھىبلار، پۇقرالارنىڭ بىردەك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بۇددا دىنى تارقىتىشتىكى نىجادكار راھىب بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

   جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى.

   بەنچەن ئېردېنى شى جىنپىڭغا خادا ھەدىيە قىلدى ھەمدە ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىزاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ يىل شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ كۈننى تەبرىكلەيدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، 2020-يىلىغا بارغاندا شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

    شى جىنپىڭ بەنچەن ئېردېنىنىڭ بۇددا دىنىنى تارقىتىشتا دىننى، ۋەتەننى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنگە مۇھەببەت باغلاپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلدى. (مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى)


جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئىيۇن جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردېنى چۆجىجېبنى قوبۇل قىلدى


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى