نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (1)

‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (1)

ۋاقتى: 2015-07-21 ئاۋاتلىقى: 4523 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر



كىم ئۇيقۇ، تاماققا بولىدىكەن بەندە،
بولار مەردلىكتە سۇس ۋە پىقىر، شەرمەندە.
بىر تېۋىپ يېنىغا كېلىپ بىر ئىنسان
دېدى: ‹‹قارنىم كور – كور قىلىدۇ ھامان،
ھەزىم بولمايدۇ ھېچ يېگەن تامىقىم››.
دېدى: ‹‹ھەزىم قىلىپ، ئاندىن يە، نادان!››
— ئابدۇقادىر بىدىل
قانائەت
غەۋۋاس تەمە قىلىپ مەرۋايىت، مارجان،
ئاخىر پىدا قىلار ئاڭا شېرىن جان.
دال سەن تەمەدىن چېكىپ نادامەت،
ئازاد بول ئىلىپتەك، تىك بولسۇن قامەت.
— ناسىر خىسراۋ
بولمايدىكەن تەمە مەردلىك بىلەن بىر،
كۆپ كۆرۈپ چۈشەندىم، مەلۇم بولدى سىر.
ئىنسان ئىچىدە ئەڭ ئەبلەخ ئىنسان —
نەپسى ھاۋا كەينىدىن بولىدۇ سەرسان.
— پەرىدىدىن ئەتتار
كىمنىڭ بوشراق چۆنتىكى،
تىنچراق سوقار يۈرىكى.
— نىزامى گەنجەۋىي
چاقىرمىسا تەشرىپ قەدەم ئەيلىمە،
ئۆلۈمتۈك كەينىدىن قاغىدەك يۈرمە.
— پەرىدىدىن ئەتتار
تەمەگەر كۆڭلى كىر ھەم كالۋا تىلى،
قاچان روشەن بولسۇن تەمەگەر دىلى.
— جالالىدىن رومىي
ئاچكۆز كۆتۈرەر قورساق يۈكىنى،
قورساق تويماي قالسا ئەلەم يۈكىنى.
ئاچ كۆز ئەھلىگە رەھىم قىلما زىنھار،
ئاچكۆز، تويمىغۇر ئادەم دائىم خار.
ئاچ قورساقنى تويدۇرار بىر ناننىڭ ئۇۋىقى،
ئاچ كۆزنى تويدۇرالماس پۈتۈن ئالەم نېمىتى.
ئولتۇرغىن ئاچ ۋە بىچارە، يالىڭاچ،
لېكىن ناكەسكە ئەسلا بولما موھتاج.
باشقىلار مېلىغا بەرمىگىن كۆڭۈل،
كېيىن كۆڭۈل ئۈزمەك بەكمۇ مۈشكۈل.
پەس كىشى مال – دۇنياغا كۆتۈرمەس بى شەك،
ئېشەك ئەتلەس توقۇمى بىلەنمۇ ئېشەك.
— سەئىدىي شېرازىي


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى