نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى

چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى

ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 4169 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى
تۇرسۇنجان ئابابەكرى
 
زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن چىققان بوۋاق جەسىتى
   80-يىللاردىن باشلانغان چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىلىرىنى قايتىدىن بېكىتىش ئارخېئولوگىيىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش-قېزىش ئىشلىرىدا بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قەدىمكى چەرچەننىڭ قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمكى مەدەنىيىتى قىسمەن بولسىمۇ خەلقى ئالەمگە ئاشكارا بولدى.
    زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى-ناھىيەمىزنىڭ توغراقلىق يېزىسىدىكى زاغۇنلۇق كەنتىنىڭ ئىككى كىلومېتىر غەربىگە، يەنى بوستانلىقنىڭ ياقىسىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان. ئورنى چەرچەن ناھىيە بازىرىغا ئالتە كىلومېتىر، چەرچەن دەرياسىدىن غەربكە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان تۈپۈلۈككە جايلاشقان. قەبرىستانلىقنىڭ شەرقى قەدىمىي دەريا ئېقىنىغا يېقىن بولغاچقا ئەتراپتىكى يەر يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز، چەرچەنلىكلەر بۇ جاينى «تۇزلۇققاش» دەپ ئاتايدۇ. قەبرىلەر تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، شالاڭ، زىچلىقى تەكشى ئەمەس. كۆلىمى تەخمىنەن 35 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
    بىر قىسىم مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىلگىرى زاغۇنلۇق كەنتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەبرىلەر توپىنى بەزى ئادەملەرنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوغۇرلۇقچە قېزىش ئەھۋاللىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلگەن. قەبرىلەر توپى داۋاملىق ئوغرىلىنىشقا دۇچ كەلگەچكە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تارىخىي مەلۇماتلار ۋە بىر قىسىم ئېكىسپىدىتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا ھازىرقى زاغۇنلۇق دېيىلىۋاتقان بۇ جايدىن تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى «لەلىلىك» (لەمپىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىۋاتقان جايدا روشەن ھالدا قەدىمكى ئولتۇراق ئۆي، مۇنار، شەھەر سېپىللىرى بار بولۇپ، كۆجۈم شەھەر مەنزىرىسىنى قىياس قىلىشقا بولىدىكەندۇق. ئەپسۇسكى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي شەھەر ئورنى نامەلۇم «بايلىق قازغۇچىلار» نىڭ زور كۆلەملىك قالايمىقان قېزىشى، تەبىئىي ئاپەت يەنى قۇم بوران ئاپىتى تۈپەيلىدىن يىلمۇ-يىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن. يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئېيتىشىچە: زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى ۋە لەلىلىك خارابىسىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئەڭ زور بولغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى قەدىمكى قەبرە ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرنى بۇزۇپ ئېسىل بويۇملارنى ئوغۇرلاش قىلمىشى 1947-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «بايلىق ئىزدەش» تەتۈر تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن پۈتۈن ناھىيە خەلقى قوزغىلىپ، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىققا كۆچۈپ چىقىپ، ئىزچىل تۈردە قەبرە قېزىش، بۇزۇش، كولاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق بالايى ئاپەتلىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بېجىرىم ساقلانغان پۈتكۈل قەبرىلەر ئاساسى جەھەتتىن ئېچىۋېتىلىگەن، جەسەتلەر پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەن، قىممەتلىك ساپال قاچىلار چېقىۋىتىلگەن، باشقا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرى قالايمىقان بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. بۇزۇش، كولاش ئىشلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى 3-4 ئاي داۋاملاشقان. ئۇندىن باشقا يەرلىك ئاھالىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ رايوندىكى خارابىلار ۋە قەبرىلەرنىڭ ئۇستىدىكى يۇلغۇنلارنى چېپىش، تۇز كولاش. قەدىمكى ئولتۇراق ئۆي ئورونلىرىنى قالايمىقان كولاش، تاملىرىنى يىقىتىش، قەبرىلەرگە يېپىلغان ياغاچلارنى ئوغۇرلاش، قەبرە ئۈستىگە ياپقان قۇمۇش-يىكەنلەرنى ئېلىپ كېتىپ ئوغۇت ئورنىدا ئىشلىتىش، قەبرىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ جەسەتلەرنى پارچىلاش، ھەر خىل ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چېقىش، ئېسىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلش قاتارلىق ئىشلىرى ئىزچىل داۋاملاشقان، قەبرىلەر بۇزۇپ تاشلانغان. 1985-يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ رايوندىكى قەبرىلەرنىڭ %95 دىن ئارتۇقراقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
    1985-يىلدىن 1996-يىلغىچە بۇ رايوندىكى ئارخېئولوگىيىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش-قۇتقۇزۇش خاراكتىرلىك قېزىش جەريانىدا ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسىمۇ، قەبرە شەكلى دەپ پەرەز قىلىنغان 169 قەبرە قېزىلىپ، ئۇنىڭدىكى ساقلىنىپ قالغان ئاز بىر قىسىم ھەمدەپنە بۇيۇملار قۇتقۇزىۋېلىندى.
 
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇخبىرى، تەرجىمان توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي (ئوڭدا) بىلەن چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن پولات نىياز (سولدا) چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا  (2011-يىلى 5-ئاي)
    قەبرىلەر ۋە دەپنە ئادەتلىرى
    1. قەبرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشـى-قەبرىلەر ئۈستىدە قەبرە دۆۋىسى يوق بولۇپ، قەبرىلەر ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، تىك ئازگاللىق، لاپاسلىق قەبرىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاخىرقى ئىككى خىل شەكىلدىكىسى تىپىك قەبرىلەر ھېسابلىنىدۇ.
    2. دەپنە ئادىتى-جەسەتلەرنى يالغۇز دەپنە قىلىش، ئىككىدىن بەشكىچە ئادەمنى بىللە دەپنە قىلىش، بىر قەبرىگە كۆپ قېتىم دەپنە قىلىش، جەسەتنىڭ پۇت-قوللىرىنى پارچىلاپ دەپنە قىلىش ئادەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جەسەتلەرنى بىللە دەپنە قىلىش ئادىتىدە ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرنى بىللە دەپنە قىلىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنى بىللە دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ ئۇچرايدۇ. لېكىن ئاساسى ئورۇندا تۇرمايدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەر بىللە دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرگە بىر ئەر جەسىتى بىلەن بىر نەچچە ئايالنىڭ جەسىتى بىللە دەپنە قىلىنغان. بىر ئەر جەسىتى بىلەن ئىككى ئايال جەسىتى ياكى ئۈچ ئايال جەسىتى قويۇلغانلىرىمۇ مەۋجۈت. بىراق ئىككى ئەر جەسىتى بىلەن ئۇچ ئايال جەسىتى قويۇلغانلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. جەسەتلەر كۆپ قېتىمدا دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنى بىللە دەپنە قىلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم قەبرىلەردە كىچىك بالىنى دەپنە قىلغان ئەھۋاللارمۇ بايقالدى. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ جەسىتى ئىچىدە ئەر ئايال جەسەتلىرى بار. ئەر-ئايال جەسەتلىرىنى بىر قەبرىگە كۆپ قېتىمدا دەپنە قىلىش ئەھۋاللىرىدىن قارىغاندا، بۇ رايوندا ئەر-خوتۇننى بىللە دەپنە قىلىش ياكى قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە جەمەتىنى ئاساس قىلىپ بىر قەبرىگە كۆپ قېتىمدا دەپنە قىلىش ئادىتى كەڭ تارقالغان دېيىشكە بولىدۇ.
    3. دەپنە شەكلـى-جەسەتنى ئوڭدىسىغا قىلىپ، پۇتىنى تىزىدىن يۇقىرىغا ئىگىپ، ئىككى قولىنى ئىگىپ، قورسىقىغا قويۇپ ياتقۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇخىل دەپنە قىلىش ئۇسۇلى ئاساسىي نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. بەزى جەسەتلەرنىڭ پۇتى سول تەرەپكە ياكى ئوڭ تەرەپكە ئىگىلگەن ھالەتتە بولۇپ، ئۇلار دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن سىقىلىپ شەكلى ئۆزگىرىشتىن شەكىللەنگەن. ئۇندىن باشقا گەۋدىسى ئېڭىشتۇرۇلگەن ھالدا دەپنە قىلىنغان بىر جەسەت ۋە كىچىك بالىنىڭ پۇت قوللىرىنى پارچىلاپ دەپنە قىلغان بىر قەبرە بايقالدى. بۇلار ئالاھىدە ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوڭدىسىغا تۈز ياتقۇزۇلۇپ، ئىككى قولىنى قورسىقىغا قويغان ۋە جەسەت ئوڭدىسىغا قىلىنىپ، پۇتى ئىگىلگەن، ئىككى قولى بەدىنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇلغان ھالەتتە دەپنە قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ بايقالدى. بۇلار نورمال دەپنە شەكلىدۇر. بۇ مەزگىلدىكى جەسەتلەرنىڭ بېشىنىڭ يۆلىنىشى تەرتىپى ئېنىق ئەمەس. ھەر خىل يۆلىنىشتىكىلەر بار. كۆپلىگەن قەبرىلەردە مەخسۇس قويۇلغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرى يوق. بىراق كىگىز بىر قەدەر كۆپرەك كۆرۈلدى. بەزى جەسەتلەرنىڭ ئاستىغا يۇڭ ئەدىيال سېلىنغان، بەزىلىرىنىڭ ئاستىغا قوي تېرىسى سېلىنغان ياكى قۇمۇش، دەرەخ شاخلىرى يېيىلغان. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ پۇت بۇغۇمى ئاستىدىن ياغاچ تېرەك بايقالدى. بۇ بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، تەتقىق قىلىپ كۆرۇشكە ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر قەبرىدىن يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ياغاچ جەسەت ساندۇقى يەنە بىر قەبرىدىن ئىنچىكىرەك كەلگەن يۇمىلاق ياغاچلارنى چېتىپ ياسىغان تاۋۇت بايقالدى. جەسەتلەرگە چاپان ئىشتان كىيگۈزۈلگەن، بەزىلىرىنىڭ بېشىدا بۆكى بار، يۈزى نىقاپلانغان، ئاغزى سۇقىچاق ئالتۇن ياپىراق بىلەن يېپىلغان. بەزى جەسەتلەرنىڭ يۈزىگە رەڭلىك بوياقلار بىلەن گىرىم قىلىنغان (بۇ بەلكىم ئومۇميۇزلۈك ئادەت بولسا كېرەك).
    4. ھەمدەپنە بۇيۇملار-قەبرىلەردە يىمەكلىكلەرنى بىللە قويۇش ئادىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى قوينىڭ قۇۋرۇغىسى كۆپرەك. ئاشلىقتىن قىلىنغان يېمەكلىكلەر بىر قەدەر ئاز. ئۇندىن باشقا ئۆلگۈچىگە قۇربانلىق قىلىپ كۆمۈش ئادىتىمۇ مەۋجۈت بولغان، ئاساسلىقى قوينىڭ بېشى ۋە تارغاق سۆڭىكى، كالا مۈڭگۈزى، ئاتنىڭ بېشى، چىش ئاستىدىكى جاغ سۆڭىكى، تۈلكىنىڭ پۇتى قاتارلىقلار قېزىۋېلىندى. ئۇندىن باشقا قەبرىلەردىكى ھەمدەپنە بۇيۇملەردە ياغاچ بۇيۇملار بىلەن ساپال قاچىلار ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ياغاچ بۇيۇملاردىن ياغاچ ئورچۇق، تارغاق قاتارلىقلار. ساپال قاچىلاردىن ساپال ئاياق، ھەر خىل شەكىلدىكى كومزەك قاتارلىقلار. ئۇلاردىن قالسا، سۆڭەك بۇيۇملار بولۇپ، بۇلار مۈڭگۈز جام، مۈڭگۈز قۇشۇق ۋە سۆڭەك تارغاق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مىس بۇيۇملار ناھايىتى ئاز قېزىۋىلىندى. ئۇلار ئاساسلىق پىچاق، زىننەت بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت. تۆمۈر بۇيۇملار نىسبەتەن كۆپرەك بايقالدى. بىراق ئۇلارنىڭ ساقلىنىشى ياخشى ئەمەس، ئېغىر دەرىجىدە داتلاشقان. پەقەت تۆمۈر پىچاقنىڭلا شەكلىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. قەبرىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئاساسلىقى ئاياللارغا ئۇرچۇق ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان. ئەر جەسەتلەرگە ئىگەر، قامچا ۋە بىلەي تاش ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان. كىچىك بالىلارعا مۈڭگۇز جام ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان.
    ئاخىرىدا شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملەر تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ساقلىنىشنىڭ پۇختىلىقى، سانىنىڭ كۆپلىكى، تەتقىقات قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزنى تارىم ئويمانلىقىدىكى (چەرچەندىكى) قەدىمقى زامانلاردا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىتنىك تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيىتى، ئىقتىسادى جەھەتلەردىكى تەتقىقاتلاردا مول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇخبىرى، تەرجىمان توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 2011-يىلى 5-ئايدا چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىق كۆرگەزمىخانىسىنىڭ ئالدىدا

 مانا بۇ چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقى

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


 
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى