نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شىنجاڭلىقلار​ 3000 يىللار بۇرۇن ئىشتان كىيىشكە باشلىغان

شىنجاڭلىقلار​ 3000 يىللار بۇرۇن ئىشتان كىيىشكە باشلىغان

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 2302 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئىشتان كىيىشكە باشلىغانلىقى ئىسپاتلاندى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىشتان ئىنتايىن زۆرۈر بۇيۇم بولغاچقا، كىشىلەر قەدىمدىن بۇيانلا ئىشتان كىيىشكە باشلىغان. ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋردە، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىشتان كەيمەيتتى. تاكى 3000 يىللار ئىلگىرىكى تۇرپانلىقلار ئىشتاننى «ئىجاد قىلغان»دىن كېيىن، قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئىشتان كەيمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، 3000 يىللار ئىلگىرى، شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلىدىكەن، كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىقتا ئات مىنىش زۆرۈر بولۇپ، كەڭ كەتكەن نىمچە (ئۇزۇن چاپان) ۋە يۇڭ يوپكىلار بىلەن ئات مىنىش بەكمۇ قولايسىز بولغان، ئاتنىڭ دۈمبىسى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ كاسسىسى ۋە يوتىسىغا سۈركىلىپ ئاغرىتىۋەتكەن.

شۇنداق قىلىپ، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىر خىل كاسسا ۋە يوتىنى قوغدايدىغان بىر خىل «كىيىم» ___ ئىشتاننى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ دەل مەملىكىتىمىز دائىرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىشتان بولۇپ قالغان.

شىنجاڭنىڭ تۇرپان ياڭخى قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان 3000 نەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئىككى ئىشتان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ قارىشىنى كۈچلۈك دەلىللەپ تۇرماقتا.

بۇ ئىككى ئىشتاننىڭ تاشقى شەكلى بۈگۈنكى ئىشتانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئىشتاننىڭ لايىھەلىنىسى سەل ئىپتىدائىي: پۈتۈن ئىشتان ئاساسلىقى ئىككى پارچە يۇڭ توقۇلما رەختتىن تەركىب تاپقان، بىر پارچىسى پۇت قىسمىغا، بىر پارچىسى سۆڭگەچ قىسمىغا ئىشلىتىلگەن.

بۇ ئىككى ئىشتاننى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئەرلەر كىيگەن بولۇپ، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئۇلارنىڭ قەبرىسىدىكى قامچا، ئات تۇيىقى، جەڭ پالتىسى ۋە كامالەك قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئانالىز قىلىشىچە، ئۇلار ئېھتىمال چارۋىچى ياكى لەشكەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

2500 يىللار ئىلگىرى شىنجاڭدىكى قەدىمكى كىشىلەرمۇ «ئېغى ئوچۇق ئىشتان» كىيگەن.

ئارخېئولوگلارنىڭ دەلىللىشىچە، گەرچە تۇرپانلىقلار 3300 يىللار ئىلگىرى ئىشتاننى كەشىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن 3300 يىللاردىن 2500 يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا، شىنجاڭدا يەنىلا نۇرغۇن قەدىمكى كىشىلەر بەئەينى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى كىشىلىرىگە ئوخشاشلا ئىشتان كەيمەيتتى، پەقەت پۇتىغىلا رەختتىن تىكىلگەن پاچاق كىيىمى تاكى ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك كىيىۋالاتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، قومۇل قارادۆۋە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى «پاچاق كىيىمى»، پىچان سۇباش قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان 2500 يىللار ئىلگىرىكى «پاچاق كىيىمى»دىن قارىغاندا، شىنجاڭلىقلار كەشىپ قىلغان «پاچاق كىيىمى»نى ئۇزۇن نىمچىگە ماسلاشتۇرغاندا خېلى يامان ئەمەس ئۈنۈم كۆرۈلگەن، ئۇنىڭ پاچىقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرىنىڭ «پاچاق كىيىمى»دىن ئۇزۇن ئىكەن، شۇڭا قىشتا پۇتنىڭ توڭلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن.

بۇ خىل «پاچاق كىيىمى»نىڭ ئېغى بىلەن لېپىزى يوق بولۇپ، كەيگەندە سەل ئاۋارىچىلىق ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاۋۋال بىر پۇتنى كىيىپ، بەلگە مەھكەم باغلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە بىر پۇتنىڭكىنى كىيىدىكەن.

شىنجاڭلىقلار يەنە بىر ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈككە ئوخشاپ كېتىدىغان خىرۇم ئاياغ ۋە پىيما كىيىشنى بىلىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن پىچان سۇباش قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغانلىرىمۇ بار، ۋاقتى تەخمىنەن 2500 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ.


يېغىلىق دەۋرىدە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىشتىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىشكە باشلىغان.

ئارخېئولوگلارنىڭ دەلىللىشىچە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2800 يىللاردىن كېيىنكى ۋاقىتتىن كېيىن، شىنجاڭ رايونىدا ئىشتان كىيىشكە باشلىغان قەدىمكى كىشىلەرنى سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.

1985-يىلى، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى چەرچەن ناھىيەسى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغاندا، 2800 يىلدىن 2500 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 50 تىن ئارتۇق تامبال ئىشتاننى بايقىغان. تىكىلىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، بۇ ئىشتانلارنىڭ كۆپىنچىسى توقۇلما ئىشتان بىلەن قىيما ئىشتاندىن تەركىب تاپقان. توقۇلما ئىشتان ئالدى بىلەن پۇت قىسمى بىلەن ئېغى توقۇۋېلىنغان، ئاندىن ئىشتان قىلىپ تىكىپ تۇتاشتۇرۇلغان. قىيما ئىشتان ئالدى بىلەن پۈتۈن رەختتىن پۇت قىسمى ۋە ئېغى كېسىۋېلىنغان، ئاندىن ئۇلاردىن ئىشتان تىكىلىپ چىققان.

بۇ ئىككى خىل ئىشتاننىڭ ئېغىنىڭ ئالدى-كەينى قىسمى سېممىتىرىك ھالدا «پەلەمپەيسىمان» رومبىلارغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇ ئەينى يىللاردىن شىنجاڭ قەدىمكى كىشىلىرىنىڭ ئىشتان تىكىش ھۈنىرىنىڭ خېلىلا پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئىشتان تىكىش ھۈنىرى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن باشلاپلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھۇنلار ئاتلىق جەڭ قىلغاندا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك لەشكەرلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، جاۋ بەگلىكىدىكى جاۋ ۋۇۋاڭ ئىشتاننىڭ ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى لەشكەرلەر ئۇزۇن نىمچىلەرنى كىيىشىپ ھارۋىلاردا تۇرۇپ جەڭ قىلىدىغان بولۇپ، ئات مىنىۋالغان، ئىشتان كىيىۋالغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرگە تەڭ كېلەلمەيتتى. جاۋ ۋۇۋاڭ ئاخىرىدا ئىشتان كىيىشكە پەرمان چۈشۈرگەن. بۇ تارىختا «غۇچە كىيىنىپ ئاتتا ئوقيا ئېتىش» دەپ ئاتالغان.

تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇرۇشقان بەگلىكلەر دەۋرىدە، ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكدىكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئىشتان كىيىشى پەقەت لەشكىرىي يۈرۈشلەردىلا مودا بولغان. «خەننامە: شاڭگۈەن خانىشنىڭ تەرجىمىھالى»دە خاتىرىلىنىشىچە، خەن دەۋرىدىكى ئۇلۇغ سانغۇن خۇ گۇاڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندا، ئەينى چاغدىكى خانىش خۇ گۇاڭنىڭ جيەن نەۋرە قىزى ئىدى، ئۇ ھوقۇقنى داۋاملىق قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، خانىشنىڭ بىر ۋارىس تۇغۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كېنىزەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يوپكىسىنىڭ ئىچىگە ئىشتان كىيىشكە پەرمان قىلغان، بۇ خىل ئىشتان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پۇقرالىرى ئارىسىدا مودا بولۇشقا باشلىغان.

خەن، جىن سۇلالىرى دەۋرىدە گارمون ئىشتان مىڭ يىلدىن كېيىن خەلقئارادا مودا بولۇشقا باشلىغان.

خەن، جىن سۇلالىرى دەۋرىگە كەلگەندە، شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كىشىلىرىنىڭ ئىشتىنىنىڭ ماتېرىيالى، رەڭگى بارغانسېرى موللىشىشقا باشلىغان، ئىشتاننىڭ شەكلى ۋە تىكىلىشىمۇ كۆپ خىللىشىشقا باشلىغان. مەسىلەن: ئارخېئولوگلار لوپنۇر ناھىيەسىدىكى قەبرىستانلىقتىن بايقىغان جىگەررەڭ سىيدام شايى كانايچە ئىشتان، نىيە خارابىلىكىدىن بايقىغان قىسقا بەللىك، ئېغى چوڭ تىكىلگەن ئەرلەر ئىشتىنى، شۇنداقلا كەڭ بەللىك، چوڭ ئاغلىق پاختىلىق ئىشتان قاتارلىقلار.

بۇنىڭ ئىچىدە، شەكلى ۋە تىكىلىشى بىرقەدەر يېڭى بولغىنى لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان شارۋار ئىشتان بىلەن لوپنۇر ناھىيەسىدىكى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان گارمون ئىشتان بار. شارۋار ئىشتانغا يۇڭ رەخت ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىشتان ئازادە بولۇپ، پۇچقىقى يىغىلىپ تۇرىدۇ؛ گارمون ئىشتاننىڭ قىرلىرى، سىزىقچىلىرى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ گارمون ئىشتان نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە كەم ئۇچرايدىغان قېزىلما بۇيۇم بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشتانچىلىق تەتقىقاتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان. تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا ئايان بولۇشىچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشتانلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا خەلقئارادا مودا بولۇشقا باشلىغان، ئەينى چاغدىكى «ھوللىۋود» كىنو چولپانلىرىدىن گرېتا گاربو بىلەن كاتارىن خېپبۇن بىر خىل يېڭى سەرپاينى، يەنى كەڭ، قىرلىق، بېلى ناھايىتى ئېگىز ئىشتاننى مودا قىلغان، بۇ ئىشتان دەل گارمون ئىشتاننىڭ ئۆزىدۇر.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى