نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى ـــ جاۋ بېنشەن

ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى ـــ جاۋ بېنشەن

ۋاقتى: 2015-02-27 ئاۋاتلىقى: 4160 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى ـــ جاۋ بېنشەن

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

   ئىنگلىزلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر قىزىقچىسى، كومىدىيە ئارتىسى، كىنو چولپىنى چارلىز چاپلىن بىلەن پەخىرلەنسە، ئۇيغۇرلار ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئادىل مىجىت، ئابلىكىم كەلكۈن قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىر تۈركۈم كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. خۇددى شۇنىڭدەك جاۋ بېنشەن خەنزۇ مىللىتى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى، كۈلدۈرگە چولپىنى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سەنئەتكاردۇر. ئۇ جۇڭگۇ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ زور تەسىرگە ئىگە. يېقىن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان ھەر يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى شۇ قېتىمقى چاغانلىق كېچىلىكنىڭ كۆرۈش نىسبىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 
    ئۇنداقتا جاۋ بېنشەن زادى كىم؟
   جۇڭگونىڭ مەشھۇر كومىدىيە ئارتىسى جاۋ بېنشەن 1957-يىلى لياۋنىڭ تيېلىڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئاتاقلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى، دىراما سەنئەتكارى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، شەرقىي شىمال لەپەر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تيېلىڭ شەھىرىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى، لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بېنشەن ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، بېنشەن تارقىتىش گۇرۇھىنىڭ لىدىرى. جاۋ بېنشەننىڭ دىراما، ئېتۇتلىرى تولىمۇ قىزىقارلىق بولغاچقا ئۇدا 15 يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە ‹‹كومىدىيە شاھى››، ‹‹ئېتۇت شاھى››، ‹‹شەرقنىڭ چارلىز چاپلىنى›› دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 
جاۋ بېنشەن ئالتە يېشىدا يېتىم قالغان بولۇپ، ئەما 2-تاغىسىدىن سەنئەتتىن تەربىيە ئالغان. ئەرخۇ، سۇناي چالغان، قاشتاش تاقىلداتقان، ناخشا ئېيتقان، لەپەر ئوينىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇد چېلىشتىكى ماھارىتى تولىمۇ گەۋدىلىك بولغان. جاپا-مۇشەققەتكە تولغان بالىلىق مەزگىللىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ئېتۇتچىلىق، جۈملىدىن سەھنە ھاياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سالغان. 
   ئۇ 17 ياش ۋاقتىدا ئاممىۋى سەنئەت تەشۋىقات ئەتىرىتىگە كىرگەن، يەنە ۋېيۈەن يېزىسى ئىشتىن سىرتقى تىياتىر ئۆمىكىگە كىرگەن، كېيىن شىفېڭ ناھىيەلىك تىياتىر ئۆمىكىدە 2-دەرىجىلىك لەپەرچى بولغان. 
   1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، تيېلىڭ شەھىرى شىفېڭ ناھىيەلىك ئەلنەغمە ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشچىسى بولغان.
   1986-يىلىدىن ھازىرغىچە، تيېلىڭ شەھەرلىك ئەل ئىچى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئارتىسى بولغان. 
   1982-يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا كىچىك ھەجىملىك كونسېرت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ لى جۇڭتاڭ، سۈي كەي بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي شىمال ئەلنەغمىلىرىدىن ‹‹ئۇد چېلىش››تا ئەما جاڭ جىنىڭ رولىنى ئېلىپ بىراقلا نام چىقىرىدۇ. ئۇ شۇ يىلى تيېلىڭ ناھىيەلىك ئوپېرا ئۆمىكىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، ئارتىس ھەمدە كەسپىي ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 
   1986-يىلى ئۇ تيېلىڭ شەھەرلىك ئەل ئىچى سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا، جاۋ بېنشەن فەن چاڭجياڭ بىلەن شېنياڭدا ‹‹داگۇەن چىرىغى›› ناملىق لەپەرنى 300 مەيداندىن ئارتۇق ئوينايدۇ، ھەر قېتىم زالدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئوينىغان لەپەر ئۇسسۇلى شەرقتىكى ئۈچ ئۆلكىدە زىلزىلە قوزغايدۇ. ئۇ ئاساسلىق رول ئالغان دۇڭبېي ئەلنەغمىلىرىدىن ‹‹بىرگە بىرنى قوشسا نەچچە بولىدۇ؟››، دىرامىلاردىن ‹‹قوش قوڭغۇراقلىق ئىشىك››، ‹‹بۇ يېزىدىن ئۆتكەندە››، ‹‹پۇلاڭشىماق›› قاتارلىقلار نۇرغۇن قېتىم دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 
   1990-يىلى ئۇ جياڭ كۈننىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شانلىق سەنئەت ھاياتى باشلىنىدۇ، ئۇ، شۇ مەزگىللەردە ئورۇنلىغان ئېتۇتلاردىن ‹‹قۇدىلىشىش››، ‹‹ئائىلەم بولسىكەن دەيمەن››، ‹‹نيۇ تاغىنىڭ كادىر بولۇشى››، ‹‹قىزىل قوناقلىقتىكى مودېللار ئەترىتى››، ‹‹تۈنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتە››، ‹‹ھاسا سېتىش››، ‹‹ماشىنا سېتىش››، ‹‹گۇمپا›› قاتارلىقلار بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. جاۋ بېنشەن رول ئالغان، شەخسنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئىشلەنگەن ‹‹ئەرلەرنىڭ ئايال مۇدىرى›› ناملىق فىلىم 1998-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپات ــــ ‹‹خۇبياۋ مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن ھەمدە جاۋ بېنشەن ‹‹مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇل سېلىش ئۈچۈن ‹‹بېنشەن سەنئەت شىركىتى››نى قۇرۇپ چىقىدۇ. 
   2002-يىلى باھاردا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ليۇ لاۋگېن››غا رېژىسسورلۇق قىلىدۇ ھەمدە باش رول ئالىدۇ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-يۈرۈش قانىلىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن مىسىلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆرۈش ئۈنۈمى يارىتىدۇ.
   2002-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جان بېنشەننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ‹‹بېنشەن لوڭقىسى›› ئېتۇت مۇسابىقىسى بىلەن جۇڭگو تيېلىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى تيېلىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئىككى پائالىيەت جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ. 
   2003-يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەل ئىچى سەنئەت ئۆمىكىدە بېنشەن سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلىدۇ. 
   2007-يىلى جاۋ بېنشەن رول ئالغان ‹‹ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار›› 44-نۆۋەتلىك تەيۋەن ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتى بويىچە ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس بولۇپ باھالانغان. 
    2007-يىلى ‹‹يېزىدىكى مۇھەببەت›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 2-بۆلۈمىنى ئىشلەيدۇ ھەمدە ئۆزى باش رول ئالىدۇ. 
    2009-يىلى جاۋ بېنشەن ‹‹دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن يەتتە كۈن›› ناملىق فىلىمنى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ. 
   2009-يىلى 5-ئايدا بېنشەن تارقىتىش گۇرۇھى خېيلۇڭجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ‹‹بېنشەن خۇشاللىق لاگىرى›› ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس پىروگراممىسىنى ئىشلەشكە باشلايدۇ. 
   2009-يىلى 12-ئايدا بېنشەن تارقىتىش گۇرۇھى تەيۋەن شەرق شامىلى تارقىتىش گۇرۇھى، تەيۋەن خۇانا مۇزىكا گۇرۇھى، تەيۋەن يەر شارى ئىسسىقلىق كۈچى قېرىنداشلار مۇزىكا گۇرۇھى بىلەن بېيجىڭ ليۇ لاۋگېن سەھنىسىدە، رەسمىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۈچ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش گۇرۇھىنىڭ كۈچلۈك بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلايدۇ. 
   2010-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جاۋ بېنشەن ‹‹كۈلگەن زېمىن›› ناملىق فىلىمدە رول ئالىدۇ. 
   جاۋ بېنشەن 1990-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئۇدا 11 يىل مەركىزىي تېلېىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئېتۇت ئورۇنلاشقا قاتنىشىدۇ، ئۇ چاغانلىق كېچىلىكتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سەنئەت كېچىلىكلىرىدە نۇرغۇن قىزىقارلىق، يېزا پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئېتۇتلارنى ئورۇنلايدۇ. 
   جاۋ بېنشەن 1992-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ‹‹ليۇ لاۋگېن››، ‹‹يېزىدىكى مۇھەببەت››، ‹‹يېزىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى›› قاتارلىق جەمئىي 29 تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالىدۇ. 
   ئۇ 1990-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ‹‹كەلگەننىڭ ھەممىسى مېھمان››، ‹‹گەپ بولسا دەۋەرگىن››، ‹‹بەختلىك چاغلار››، ‹‹دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن يەتتە كۈن››، ‹‹دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرى›› قاتارلىق جەمئىي 16 فىلىمدە رول ئالىدۇ. 
   جاۋ بېنشەن ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، 1-ئايالىدىن بىر قىز، بىر ئوغۇللۇق بولغان، ئوغلى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ھازىرقى ئايالى ما لى جۈەن بولۇپ، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تىياتىر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. جاۋ بېنشەننىڭ ھازىر تۆت پەرزەنتى بار. 
   جاۋ بېنشەن ئېتۇتچىلىقتا ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، شاگىرت تەربىيەلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ تەربىيەلىگەن شاگىرتلىرىنى ئالتە تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ. 2008-يىلى 4-ئايغىچە سەھنىگە چىققان شاگىرتى 34 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپىرى قىز، 32 نەپىرى ئوغۇللاردىن ئىبارەت. 
   بۇ ئالتە تۈركۈمنىڭ رەت تەرتىپى:
   1. تۈركۈم (ئالتە كىشى): لى جېڭچۈن، لۇ ياۋ، جاڭ شياۋفېي، تاڭ جيەنجۈن، ۋاڭ شياۋباۋ، ۋاڭ شياۋلى.
   2. تۈركۈم (سەككىز كىشى): سەي ۋېيلى، سەي شياۋلو، ۋاڭ يۇڭخۇي، جاڭ شياۋگۇاڭ، بو بىكېن، يەن گۇاڭمىڭ، ۋاڭ شياۋخۇ، ۋاڭ جىنلوڭ. 
   3. تۈركۈم (توققۇز كىشى): گاۋ مىڭئې (ئايال)، سۈن لىرۇڭ (ئايال)، جيا شياۋچى، جاڭ چۈنگۇاڭ، چېڭ يې، يەن فېي، ياڭ بىڭ، سۇ شياۋلوڭ.
   4. تۈركۈم (ئىككى كىشى): ليۇ شياۋگۇاڭ، شياۋ شېنياڭ.
   5. تۈركۈم (11 كىشى): جاڭ شياۋۋېي، سۈن شياۋفېي، جاڭ كەي، لى شياۋفېڭ، دوڭ سەنماۋ، بېي يۇەنېر، سۇڭ شياۋباۋ، تيەن ۋا، خۇڭ خەي، شياۋ پېڭفېي. 
   6. تۈركۈم (ئۈچ كىشى): تاڭ خۇ، جاڭ يىتيەن، دوڭ چېڭپېڭ. 
   7. تۈركۈم (سەككىز كىشى): فەن دايۇڭ، سۇڭ شياۋفېڭ، جوۋ يۈنپېڭ، ليۇ چۇەنلۇڭ، ۋاڭ لوڭ، ۋېن سوڭ، ئېر خېي. 
   8. تۈركۈم (يەتتە كىشى): خې شياۋگاڭ، لى شياۋمىڭ، ليۇ سۈيخۇڭ، شياۋ فېيلوڭ، يۇ شياڭ، چېن مېيشىن، ليۇ باۋچېڭ. 
   9. تۈركۈم (12 كىشى): ۋاڭ شياۋفۇ، ساۋ شىڭ، جاڭ لىن، شياۋ چاۋيۆ، شياۋ ۋاڭگاڭ، شياۋ شېنلوڭ، سۇڭ گۇەنپېڭ، خې شۇفېڭ، جىن خوڭمىڭ، خۇاڭ باۋجى. 
   جاۋ بېنشەن تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن باشقا يەنە تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، قىيىنچىقىلى بار قېرىنداشلارغا نۇرغۇن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلغان. ئۇ 2012-يىللىق ۋە 2013-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چېكىنىپ چىققان. 

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى