سۈن جىنلوڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى
-
سۈن جىنلوڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى
ۋاقتى: 2016-02-28 ئاۋاتلىقى: 1782 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مەركىزىي كومىتېت سۈن جىنلوڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يولداش سۈن جىنلوڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش سۈن جىنلوڭنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا، شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
يولداش سۈن جىنلوڭنىڭ تەرجىمىھالى
سۈن جىنلوڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ئۆلكىسى جوڭشياڭ شەھىرى لۇشى يېزىسى گاۋلىڭ كەنتى 4-گۇرۇپپىسىدىن، 1982-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان.
1978-يىلى 10-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە، ۋۇخەن گېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى (1987-يىلى 11-ئايدا، ئىسمى جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن) كان تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى كان تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان.
1982-يىلى 8-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى گېئولوگىيەلىك كان مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى 3-گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى 1-تارماق ئەترىتىدە خىزمەت قىلغان.
1983-يىلى 8-ئايدىن 1986-يىلى 8-ئايغىچە، ۋۇخەن گېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى بېيجىڭ ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى قېزىپ كىرىش قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تېخنىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان.
1986-يىلى 8-ئايدىن 1989-يىلى 7-ئايغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى قېزىپ كىرىش قۇرۇلۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ تېخنىكى، مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان.
1989-يىلى 7-ئايدىن 991-يىلى 7-ئايغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى قېزىپ كىرىش قۇرۇلۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش ئىنژېنېرى بولغان.
1991-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 6-ئايغىچە، جۇڭگو گېئولوگىيە قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، پاكىستاندىكى CRBC تۈرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولغان.
1992-يىلى 6-ئايدىن 1993-يىلى 2-ئايغىچە، جۇڭگو گېئولوگىيە قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان.
1993-يىلى 2-ئايدىن 1995-يىلى 1-ئايغىچە، جۇڭگو گېئولوگىيە قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
1995-يىلى 1-ئايدىن 1995-يىلى 10-ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
1995-يىلى 10-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان. (1993-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 6-ئايغىچە، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلىق باكلاۋېرى ئۇنۋانى ئالغان، 1997-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 5-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان.)
1998-يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 6-ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
2001-يىلى 6-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. (1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە-پۇل مۇئامىلە ئىنىستىتۇتى پۇل مۇئامىلە كەسپىدە دوكتۇر ئاسپىرانلىقتا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.)
2001-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.
2003-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 6-ئايغىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان.
2003-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 3-ئايغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي-قاۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. (2004-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 11-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان.)
2005-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 6-ئايغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
2005-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
2005-يىلى 7-ئايدىن 2006-يىلى 1-ئايغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە خېفېي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان.
2006-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 7-ئايغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
2011-يىلى 7-ئايدىن 2013-يىلى 4-ئايغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
2013-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نىدائىي: خۇشال ياشاشتىكى 20 خىل ئادەت
2015-08-11 14:32:004854شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
2015-07-29 12:59:433634چېرنوبېل چەكلەنگەن رايونىنىڭ سۈرەتلىرى
2015-07-28 12:36:403051قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇبارەك ساڭا
2015-02-04 18:37:013457دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
2015-12-31 22:52:502859نىدائىي: سەرسان ھەرپ
2015-02-09 10:18:083529شائىر مۇھەممەد رەھىم ئاكىنىڭ تېلېفون دەپتىرى
2015-02-04 18:23:313227داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (4)
2015-02-28 18:15:282780
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-