نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيادىكى 2015-يىللىق ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەر

دۇنيادىكى 2015-يىللىق ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەر

ۋاقتى: 2015-12-21 ئاۋاتلىقى: 17725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى 2015-يىللىق ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەر


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


<<فوربېس>> ژۇرنىلىنىڭ يىلدا بىر قېتىم باھالاپ چىقىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالىدىغان ئاشۇ دۇنيا نوپۇسىنىڭ % 0.00000001 گىمۇ توغرا كەلمەيدىغان كىشىلەر پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ كەلمەكتە. بۇ تىزىملىكتىكى دۆلەت باشلىقلىرى، پۇل-مۇئامىلە ماگناتلىرى، خەير-ساخاۋەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار ھەقىقەتەنمۇ تۈرلۈك شەكىللەردە پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا.



بۇ تىزىملىكنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن بىز پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى نەچچە يۈزلىگەن نامزاتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلاندۇق ھەمدە مۇنداق تۆت جەھەتتىن ئۇلارنىڭ نوپۇزىنى دەڭسەپ چىقتۇق. بىرىنچىدىن ، بىز نامزاتلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىگەن-كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈردۇق. بۇ يىل بىزنىڭ تىزىملىكىمىزنىڭ 4-ئورۇندا تۇرغان رىم پاپاسى فرانسىس 1 مىلياردتىن ئارتۇق كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ مەنىۋى داھىيسى. ئامېرىكا <<ۋالمارت>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوگ ماكمىللون 2 مىليون 200 مىڭ خادىمغا باشچىلىق قىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، بىز ھەربىر نامزات كونتروللۇقىدىكى مالىيە مەنبەسىنى باھالىدۇق. باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار كونتروللۇقىدىكى مالىيە مەنبەسى نىسبەتەن كۆپمۇ-ئەمەسمۇ؟ ناۋادا دۆلەت باشلىقلىرى بولسا، بىز دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)نى سېلىشتۇردۇق؛ ناۋادا باش ئىجرائىيە ئەمەلدار بولسا، بىز ئۇلارنىڭ شىركەتلىرىنىڭ مەبلىشى ۋە دارامىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇردۇق؛ ناۋادا نامزاتلار يۇقىرى شەخسىي كىرىمگە ئىگە بولغان بولسا، مەسىلەن دۇنياۋى كاتتا باي بىل گايتستەك، بىز ئۇلارنىمۇ مۇشۇ نۇقتىغا كىرگۈزۈپ ئويلاشتۇق. مەلۇم خىل ئەھۋاللاردا، مەسىلەن: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالماننى مىسالغا ئالساق، بىز ئۇنىڭ خالىغانچە ئىشلىتەلەيدىغان بايلىقىنى ئويلاشتۇق، مەسىلەن: ئۇ ھەممەيلەن بىلىدىغان دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ % 20 نى ئىشلىتەلەيدۇ.

ئۈچىنچىدىن، بىز نامزاتلارنىڭ كۆپ خىل ساھەلەردە ئىگە بولغان نوپۇزىنى ئويلاشتۇق. بىزنىڭ تىزىملىكىمىزدە پەقەت 73 لا كىشى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر 100 مىليون كىشىگە بىردىن توغرا كېلىدۇ، شۇڭا پەقەت بىرلا ساھەدە نوپۇزغا ئىگە بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىز تاللاپ چىققان شەخسلەر ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى نامايان قىلغان. مەسىلەن: ئېلون مۇسك تېسلا ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئاپتوموبىل كەسپىي ساھەسىدە تەسىر كۈچگە ئىگە بولغان، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى ئارقىلىق، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان، يەنە ئۇ بىر دۇنياۋى باي، شۇنداقلا يەنە ھەممىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان پەن-تېخنىكا مۇتەپەككۇرى.

تۆتىنچىدىن، بىز نامزاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىن ئاكتىپ يۈرگۈزەلىگەنلىكىگە قارىدۇق. چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن 46-ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇ چاۋشيەندىكى 25 مىليون خەلقنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى بولۇپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

ئاخىرقى تىزىملىكنى چىقىرىش ئۈچۈن، <<فوربېس>> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىنىڭ بىر باھالاش ئۆمىكى نوپۇز ۋە ھوقۇقنىڭ تۆت تۈرلۈك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بارلىق نامزاتلارغا نومۇر قويۇپ، نامزاتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوتتۇرىچە ئېرىشكەن نومۇرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، پەقەت 74 نەپەر كىشىلا ئۈزۈپ چىقىپ تىزىملىككە كىرگەن. بۇنىڭدا ئامېرىكىلىق كارخانىچىلاردىن چارلېس كوچ بىلەن داۋىد كوچ بىر ئورۇنغا، يەنى 29-ئورۇنغا تىزىلغان.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىز پۇتىن ئۇدا ئۈچىنچى يىلى ئەڭ نوپۇزلۇق شەخس بولۇپ باھالانغان. ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى قىلايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلدى. ئۇ كرېمىل سارىيىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا ئۇنىڭغا قارىتا جازا چارىلىرىنى قوللانغان. ئۇكرائىناغا قوزغىغان ۋاكالەتچى ئۇرۇشى رۇبلىنىڭ قىممىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان ھەمدە رۇسىيەنى چوڭقۇر ئىقتىسادىي كىرزىس پاتقىقىغا چۈشۈرۈپ قويغان. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشلار پۇتىننىڭ بىر تال مويىنىمۇ تەۋرىتەلمىگەن. مەسىلەن: ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى تارىختا مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدا % 89 كە چىققان. 10-ئايدا، ئۇ جەڭ ئايروپىلانى ئەۋەتىپ سۈرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ___ <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نى بومباردىمان قىلغان، ئارقىدىنلا زۇڭتۇڭ باشار ئەسەد بىلەن يۈرتۇرانە سۆھبەتلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ رايوندىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان ھەمدە رۇسىيەنىڭ چەت ئەللەردە قايتىدىن تەسىر كۈچ بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

دۇنيادىكى 2-چوڭ نوپۇزلۇق ۋە ھوقۇقدار كىشى ___ دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقدا ئايال، يەنى گېرمانىيە زۇڭلىسى ئەنجىلىنا مېركېل، ئۇ بۇلتۇر بۇ تىزىملىكتە 5-ئورۇندا تۇرغان، بۇ يىل 2-ئورۇنغا تىزىلدى. مېركېل 28 ئەزا دۆلىتىگە ئىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تايانچ رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرىيە مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە گرېتسىيە قەرز كىرزىسىگە قارىتا قوللانغان كەسكىن ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوباما بۇ يىل بىر ئورۇن تۆۋەنلەپ، 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. شەك-شۈبھىسىزكى، ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىساد،مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە ھەربىي ئىشلار چوڭ دۆلىتى. بىراق، ئوباما ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بىر يىلىغا كىرىپ قالدى، ئېنىقكى ئۇنىڭ تەسىر كۈچىمۇ تارىيىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ نىشانىغا يەتمىكى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك قىيىنغا توختايدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە، ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى باشتىن-ئاخىر % 50 تىن ئاشالمىدى. دۆلەت سىرتىدا، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى پۇتىن بىلەن مېركېلغا يەتمەيدۇ.

بۇ يىل يېڭىدىن بۇ تىزىملىككە كىرگۈزەلگەن نوپۇزلۇق شەخسلەردىن يەنە تۆۋەندىكىلەر بار: <<دېل>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مايكول دېل 59-ئورۇنغا تىزىلدى؛ جۇڭگودىكى كاتتا باي ۋاڭ جيەنلىن 68-ئورۇنغا تىزىلدى؛ كانادانىڭ يېڭى زۇڭلىسى جاستىن ترۇدو 69-ئورۇنغا تىزىلدى؛ كاتتا باي، ئاكتىپ مەبلەغ سالغۇچى كارل ئىكان 70-ئورۇنغا تىزىلدى؛ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى دونالد ترامپ 72-ئورۇنغا تىزىلدى.

دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق رەتكە تىزىشتا ئوبيېكتىپ ئامىللار مەۋجۇت، شۇڭا <<فوربېس>>نىڭ بۇ تىزىملىكىنى مۇتلەق دەپ ئېيتالمايمىز. بىز بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قىممەتلىك پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز.

بۇ 73-كىشىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1. ۋلادىمىز پۇتىن (رۇسىيە فېدېراتسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 63 ياش.

2. ئەنجىلىنا مېركېل (گېرمانىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى)، بۇ يىل 61 ياش.

3. باراك ئوباما (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 54 ياش.

4. فرانسىس (رىم پاپاسى)، بۇ يىل 78 ياش.

5. شى جىنپىڭ (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى)، بۇ يىل 62 ياش.

6. بىل گايتس (مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى)، بۇ يىل 69 ياش.

7. جانېت يېللېن (ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس كومىتېتىنىڭ رەئىسى)، بۇ يىل 69 ياش.

8. داۋىد كامېرون (ئەنگلىيە باش ۋەزىرى)، بۇ يىل 49 ياش.

9. نارېندرا مودى (ھىندىستان زۇڭلىسى)، بۇ يىل 65 ياش.

10. لاررى پېيج (ئامېرىكا <<گۇگېل>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 42 ياش.

11. مارىيو دراجى (ياۋروپا بانكىسىنىڭ باشلىقى)، بۇ يىل 68 ياش.

12. لى كېچياڭ (جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى)، بۇ يىل 60 ياش.

13. ۋاررېن باففېت (ئامېرىكا بېرشىر خاساۋاي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 85 ياش.

14. سالمان (سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھى)، بۇ يىل 80 ياش.

15. كارلوس سلىم خېلۇ (مېكسىكا تېلېگراف ماگناتى)، بۇ يىل 75 ياش.

16. فرانسىسكو ھوللاند (فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 61 ياش.

17. جېف بېزوس (ئامېرىكا <<ئامازون>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 51 ياش.

18. ئەل ھۈسەيىن خامەنەي (ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى)، بۇ يىل 76 ياش.

19. مارك زاكېربېرگ (ئامېرىكا <>> تورىنىڭ قۇرغۇچىسى)، بۇ يىل 31 ياش.

20. جاميې دەيمون (ئامېرىكا <<مورگان>> بانكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 59 ياش.

21. بېنجامىن نېتانياخۇ (ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى)، بۇ يىل 66 ياش.

22. ما يۈن (<<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى)، بۇ يىل 51 ياش.

23. كرىستىنا لاگاردې (خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى)، بۇ يىل 59 ياش.

24. جېففرېي ئىممېلت (ئامېرىكا <<گېنېرال>> ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 59 ياش.

25. رېكس تىللېرسون (ئامېرىكا <<ئېكسسون موبايل>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 63 ياش.

26. للويد بلانكفېين (ئامېرىكا <<گولدمان>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)،بۇ يىل 61 ياش.

27. تىم كۇك (ئامېرىكا <<ئالما>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمالدارى)، بۇ يىل 55 ياش.

28. ئاكىيو تويودا (ياپونىيە <<تويوتا>> ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 59 ياش.

29. (1) چارلېس كوچ (ئامېرىكا <<كوچ>> سانائەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 80 ياش.

(2) داۋىد كوچ (ئامېرىكا <<كوچ>> سانائەت گۇرۇھىدىن)، بۇ يىل 75 ياش.

30. سېرگېي برىن (ئامېرىكا <<گۇگېل>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 42 ياش.

31. لى جياچېڭ (شياڭگاڭ <<خېجى خۇاڭپۇ>> گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 87 ياش.

32. دوگ ماكمىللون (ئامېرىكا <<ۋالمارت>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 49 ياش.

33. لى جىيوڭ (كورېيە <<سامسۇڭ>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 47 ياش.

34. لاررى فىنك (ئامېرىكا <<بلەك>> گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 63 ياش.

35. رۇپېرت مۇردوچ (ئەنگلىيە ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 84 ياش.

36. مۇكېش ئامبانى (ھىندىستان <<سەمىمىيەت>> سانائەت گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 58 ياش.

37. دىلما روسسېف (بىرازىلىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 67 ياش.

38. ئېلون مۇسك (ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 44 ياش.

39. خەلىفە بىن زايېد ئەل نەھيان (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى)، بۇ يىل 67 ياش.

40. بان كىمۇن (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى)، بۇ يىل 71 ياش.

41. ئابې شىنزو (ياپونىيە باش ۋەزىرى)، بۇ يىل 61 ياش.

42. دىڭ شۆدوڭ (جۇڭگو خەلقئارا پۇل مۇئامىلە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 55 ياش.

43. پاك گۆنھېي (كورېيە زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 63 ياش.

44. مايكول بلۇمبېرگ (ئامېرىكا <<بلۇمبېرگ>> ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى)، بۇ يىل 73 ياش.

45. كىم يوڭ (دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى)، بۇ يىل 73 ياش.

46. كىم جوڭئۇن (چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى)، بۇ يىل 32 ياش.

47. ئىگور شېچىن (رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 55 ياش.

48. ما خۇاتېڭ (<<تېڭشۈن>> گۇرۇھى مۇدىيىتىنىڭ رەئىسى). بۇ يىل 44 ياش.

49. ئابدۇل پاتاخ سىسى (مىسىر زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 60 ياش.

50. خارۇخىكو كۇرودا (ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى)، بۇ يىل 71 ياش.

51. ماسايوشى سون (ياپۇنىيە يۇمشاق دېتال بانكىسىنىڭ باشلىقى)، بۇ يىل 58 ياش.

52. ئېنرىك پېينا نيېتو (مېكسىكا زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 49 ياش.

53. ئەلى ئەل نەيمى (سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت مىنىستىرى)، بۇ يىل 80 ياش.

54. ئالېكسېي مىللېر (رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 53 ياش.

55. لاكشمى مىتتال (ھىندىستان <<ئارسېلور مىتتال>> پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 65 ياش.

56. لى يەنخۇڭ (<<بەيدۇ>> شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 46 ياش.

57. ئەبۇ بەكرى باغدادى (سۈرىيە-ئىراقنى مەركەز قىلغان ئەسەبىي تەشكىلات ___ <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نىڭ كاتتىبېشى)، بۇ يىل 44 ياش.

58. ھىلارى كلىنتون (ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى)، بۇ يىل 68 ياش.

59. مايكول دېل (<<دېل>> شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى)، بۇ يىل 50 ياش.

60. جون روبېرتس (ئامېرىكىنىڭ ئالىي باش سودىيەسى)، بۇ يىل 60 ياش.

61. ساتيا نادېللا (مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ھىنىدستانلىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 48 ياش.

62. ستېفېن شۋارزمان (ئامېرىكا <<قاراتاش>> گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 68 ياش.

63. جىننى رومېتتى (IBM شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 58 ياش.

64. بىل كلىنتون (ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى)، بۇ يىل 69 ياش.

65. مارى باررا (ئامېرىكا <<گېنېرال>> ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 53 ياش.

66. بېرنارد ئارناۋلت (فىرانسىيە <<لويىس ۋۇيتون موت ھېننېسسى>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى)، بۇ يىل 66 ياش.

67. ئالىشېر ئوسمانوۋ (رۇسىيە كان شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 62 ياش.

68. ۋاڭ جيەنلىن (داليەن <<ۋەندا>> گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 61 ياش.

69. جاستىن ترۇدو (كانادانىڭ زۇڭلىسى)، بۇ يىل 43 ياش.

70. كارل ئىكان (<<ئىكان>> كاپىتال شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 79 ياش.

71. ئالىكو دەنگوت (<<دەنگوت>> گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى)، بۇ يىل 58 ياش.

72. دونالد ترامپ (ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى)، بۇ يىل 69 ياش.

73. چېنفېڭ فۇجېن (دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى)، بۇ يىل 68 ياش.


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى