نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

فېليەتۇن: نۇتۇق تېكىستى تەييارلاش

فېليەتۇن: نۇتۇق تېكىستى تەييارلاش

ۋاقتى: 2015-03-02 ئاۋاتلىقى: 4036 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇتۇق تېكىستى تەييارلاش 
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 (فېليەتون) 
جياڭ جۇڭخۇا

    يېقىندا شەھىرىمىزدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى مەيدانغا كەلدى. بۇ ئىش يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشتى. ئۆلكىلىك گېزىتخانا، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ توغرىلىق خەۋەر بەردى. شۇنىڭ بىلەن شەھەر بويىچە ‹‹ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانىدىن ئۆگىنىش›› دولقۇنى قوزغالدى. ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانىدىن ئۆگىنىش بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاردىن بىردىن ماھىرنى قاتناشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. شەھەردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلدى ھەم باھالىغۇچى بولدى. 
    ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. سەھىيە ئىدارىمىز دەرھال يىغىن ئاچتى، يىغىندا ۋاڭ ئىدارە باشلىقى مۇھىم سۆز قىلدى:
    ــــ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شەھەردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ، بۇ ئىدارىمىزنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىشتىكى ياخشى پۇرسەت، شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، نۇتۇق تېكىستىدە قەھرىماننىڭ روھىنى مەدھىيەلەش ئاساس بولۇپلا قالماي، مۇھىمى، ئۇنىڭ روھىنى سەھىيە خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. شۇڭا نۇتۇق ماقالىسىنى ياخشى يېزىپ، سەھىيە خىزمىتى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلايلى!
    ماھىرلارنى تاللاپ چىقىش ئۈچۈن، ئىدارىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە ۋاڭ ئىدارە باشلىقى شەخسەن ئۆزى قاتناشماقچى بولدى.
    يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىن خۇاڭ پونكىت باشلىقى قايتىپ كېلىپلا يىغىن ئېچىپ، ئىدارىدا ئېچىلغان يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى:
    ـــــ ۋاڭ ئىدارە باشلىقى شەخسەن ئۆزى ماھىرلارنى تاللاشقا قاتنىشىپ، باھالاشنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. بۇ رەھبەرلەرگە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىمىزدىكى نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىشىمىزدىكى ياخشى پۇرسەت. نۇتۇق تېكىستىدە قەھرىمانلىق روھىغا بولغان چوڭقۇر تونۇش ئەكس ئېتىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. شۇڭا نۇتۇق ماقالىسىنى ياخشى يېزىپ، خىزمەت نەتىجىلىرىمىزنى تولۇق نامايان قىلايلى!
    خۇاڭ پونكىت باشلىقى سۈيدۈك – قان تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىن سۇڭ بۆلۈم باشلىقىنى چاقىرىپ، بۆلۈمدىكى شياۋجاڭنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنى ئېيتتى. شياۋجاڭ، ئادەتتە، ئانچە – مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قوياتتى.
    ــــ شياۋ جاڭغا ياخشى يېزىقچىلىق مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، نۇتۇق تېكىستىنى ياخشى يېزىشقا كاپالەتلىك قىلايلى، - دېدى خۇاڭ پونكىت باشلىقى سۇڭ بۆلۈم باشلىقىغا.
    ــــ بۈگۈندىن باشلاپ سەن ماقالە يېزىشقىلا مەسئۇل بول، كەسپىي خىزمەتلەرنى باشقىلار قىلسۇن، - دېدى سۇڭ بۆلۈم باشلىقى شياۋ جاڭغا، سەن يازماقچى بولغان بۇ ماقالە ئىنتايىن مۇھىم. بۇ شەھەر، ئىدارە، پونكىت رەھبەرلىرىگە سۈيدۈك – قان تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا تېپىلغۇسىز پۇرسەت. شۇڭا شەھەر، ئىدارە، پونكىتنىڭ خىزمەت – ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى سەھىيە خىزمىتى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ۋە سۈيدۈك – قان تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلەرگە بۆلۈمىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز لازىم، بۆلۈمنىڭ نەتىجىلىرى ۋە قىيىنچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلىكنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ساڭا باغلىق! 
    ئوت ئۆچۈرۈشتىكى قەھرىمانلىق روھىنى سەھىيە خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش؟ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش؟ سۈيدۈك – قان تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش؟ شياۋ جاڭ بىر كېچە ئويلاپمۇ قانداق ‹‹بىرلەشتۈرۈش››نى بىلەلمەي ئاخىرى ھوشىدىن كەتتى.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى