نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر 11 جەمەت

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر 11 جەمەت

ۋاقتى: 2016-01-23 ئاۋاتلىقى: 6314 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر 11 جەمەتكە نەزەر


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


1. كۇڭزى جەمەتى. كوڭزىدىن كېيىنكى 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، كۇڭزى جەمەتى پەقەت ئۈزۈلۈپ قالمىغان، كۇڭزىنىڭ ئەۋلادلىرى 80 نەچچە ئەۋلادقىچە سوزۇلۇپ، جەمەت سىستېمىسى تەرتىپلىك، بوغۇن پەرقى ئېنىق بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ جەمەتكە ئايلانغان. كۇڭزى جەمەتى پەقەت جۇڭگودىكى باشقا جەمەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، دۇنيادىمۇ ئەڭ ئالدىقى قاتاردىكى چوڭ جەمەت ھېسابلىنىدۇ.


2. كاپىتان جەمەتى. كاپىتان جەمەتى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ چوڭ خانىدانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى تازا گۈللەنگەن دەۋردە، كاپىتان خانىدانلىقى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خان جەمەتى ھېسابلىنىدۇ. جەمەتتىن جەمئىي 38 نەپەر فىرانسىيە پادىشاھى، توققۇز نەپەر پورتۇگالىيە پادىشاھى، 11 نەپەر نېئاپول پادىشاھى ۋە خانىشى، 12 نەپەر ناۋارا پادىشاھى، توققۇز نەپەر ئىسپانىيە پادىشاھى ۋە خانىشى، يەنە ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان سانسىزلىغان ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىڭ شاھزادە، كېنەز ۋە گرافلىرى چىققان.



3. چىڭگىزخان جەمەتى. چىڭگىزخان تارىختىكى تېررىتورىيەسى ئەڭ چوڭ دۆلەت ___ موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ شەرقىي-شىمالىي ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى <<چىڭگىزخان>> دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، ئۇ تاجاۋۇزچىلىق ئېلىپ بېرىپ، قاراقىتان خانلىقى، كاۋكاز، خارەزم ئىمپېرىيەسى، تاڭغۇت خانلىقى ۋە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا، موڭغۇل ئىمپېرىيەسى ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى ئىشغال قىلغان.



4. مېدىسى جەمەتى. مېدىسى جەمەتىنىڭ تارىخى ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ مېڭىش تارىخىدۇر. بۇ جەمەت فىرېنزىدىن ئىبارەت بۇ قورغانسىمان شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە سەنئەت تەرەققىياتى يۈكسەك بىر پەللىگە يەتكەنىدى. 13-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلار ۋاتىكان بىلەن ھەمكارلىق ئىمزالاپ، مېدىسى جەمەتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، فىرېنزىنى ئەڭ نوپۇزلۇق، تەسىرى ئەڭ زور جەمەتكە ئايلاندۇرغان. ئارزۇ قىلغاندىكىدەك، مېدىسى بانكىسىمۇ ياۋروپادىكى ئوخشاش تۈردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگان بولۇپ قالغان.



5. خابسبۇرگ جەمەتى. خابسبۇرگ جەمەتى ياۋروپا تارىخىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق جەمەت بولۇپ، ئۇلار 1438-يىلىدىن 1740-يىلىغىچە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. خان جەمەتىنىڭ ئاخىرقى بىر ۋارىسى چارلېز II نىڭ ئىرسىيەت گېنى نىسبەتەن ناچار بولغانلىقتىن جەمەتىنى ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.



6. پتولېمى خانىدانلىقى. پتولېمى ئىمپېراتور ئالېكساندىرنىڭ يېنىدىكى يەتتە نەپەر مۇھاپىزەتچىنىڭ بىرى. ئالېكساندىر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 323-يىلى ۋاپات بولغان، كېيىن ئۇنىڭ ياساۋۇللىرى كېلەڭسىز ئىمپېرىيەدە ئۆز ئالدىغا ھوقۇق دائىرىسى بەلگىلىۋالغان. پتولېمى مىسىرنى ئىشغال قىلىۋالغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 305-يىلى، ئۇ تاج تاقاپ پادىشاھ بولۇپ، ئۆزىنى پتولېمى I دەپ ئاتىغان. مىسىرلىقلار ئۇنى فىرئەۋننىڭ ۋارىسى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئەسىردە، پتولېمى خانىدانلىقى بۇ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.



7. روسچىلد جەمەتى. روسچىلد جەمەتى ياۋروپا، ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ داڭلىق پۇل مۇئامىلە جەمەتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەمەت 19-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ھوقۇققا ئىگە بولغان بولۇپ، بەرپاچىسى مايېر ئامسچېل روسچىلد ئىدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ بەش ئوغلى <<روسچىلد جەمەتىدىكى بەش يولۋاس>> دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانكفورت، لوندون، ۋېينا، نابلېس قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭلىق شەھەرلەردە بانكا ئاچقان.



8. جۇلىيۇس كلاۋدىيۇس خانىدانلىقى. قەدىمكى رىمدىكى ئىككى چوڭ جەمەت بىرلىشىپ، ئەمەلىي كۈچى زور خانىدانلىققا ئايلانغان. جۇلىيۇس كلاۋدىيۇس خانىدانلىقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 14-يىلىدىن 68-يىلىغىچە رىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، جەمئىي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوكتاۋىيان، تىبېرىيۇس، كالىگۇلا، كلاۋدىس ۋە نېرودىن ئىبارەت بەش خان ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىكاھلىنىش ۋە بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.



9. نېھرۇ-گەندى جەمەتى. نېچرۇ-گەندى جەمەتى ھازىرقى ھىندىستاننىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغانلىقتىن كىشىلەرگە تونۇشلۇق. جەمەتتىكى جاۋاخارلال نېھرۇ، ئۇنىڭ قىزى ئىندىرا گەندى ۋە ئىندىرانىڭ ئوغلى راجىف گەندى ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى بولغان، جەمەتتىكى 4-ئەزا سونىيا گەندى ھىندىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بولغان.



10. پلانتاگېنېتس خانىدانلىقى. پلانتاگېنېتس خانىدانلىقى گراف ئاندۇ گودېفرويد V نىڭ ئوغلى __ ئېنگلاندتىكى ھېنرى II قۇرغان. پلانتاگېنېتس خانىدانلىقى 12-ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان، 1154-يىلىدىن 1485-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، پلانتاگېنېتس خانىدانلىقىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 15 نەپەر كېنەز ھۆكۈمرانلىق قىلغان. سىياسىي جەھەتتە، ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە مودېل پارلامېنت مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. مائارىپ جەھەتتە كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى پلانتاگېنېتس خانىدانلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان.



11. سەئۇدى ئەرەبىستان جەمەتى. سەئۇدى ئەرەبىستان جەمەتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى سەئۇدى بىن مۇھەممەد بولۇپ، مىلادىيە 1725-يىلى مۇھەممەد تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، 1744-يىلى ئىسلام دىنى ئىسلاھاتچىسى مۇھەممەد بىن ئابدۇللا ۋاھابى بىلەن بىرلىكتە، سەئۇدى ئەرەبىستان جەمەتىنىڭ ناجىدتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى بېكىتكەن. 1925-يىلى ناجىد ئەمىرى ئابدۇللا ئەزىز ھىجازىنى قوشۇۋالغان ھەمدە 1932-يىلى 9-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت قۇرغان پادىشاھ بولۇپ قالغان. سەئۇدى ئەرەبىستان جەمەتى 30 يىلدەك كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى