ما يۈننىڭ نامراتلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى
-
ما يۈننىڭ نامراتلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ۋاقتى: 2015-09-22 ئاۋاتلىقى: 5949 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ما يۈننىڭ باي-نامراتلىق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

1. ئادەم نامرات چېغىدا، ئۆيدە ئازراق ئولتۇرۇپ، سىرتلاردا كۆپرەك بولۇشى كېرەك. بېيىغاندا، ئۆيدە كۆپرەك بولۇپ، سىرتلاردا ئازراق بولۇشى كېرەك. بۇ بىر خىل تۇرمۇش سەنئىتى.
2. ئادەم نامرات چېغىدا، پۇلنى باشقىلارغا خەجلىشى، بېيىغاندا، پۇلنى تۇغقانلىرىغا ۋە خوتۇن-بالىلىرىغا خەجلىشى كېرەك. نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىشنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قويىدۇ.3. ئادەم نامرات چېغىدا، تالاش-تارتىش قىلماسلىقى، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، بۇنى نامرات بولسىمۇ ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۇنتۇماسلىق دەيمىز. بېيىغاندا، باشقىلارغا ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىپ قويۇشى كېرەك، ئۆزى باشقىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئاتا قىلىشنى ئۆگىنىپ قويۇشى كېرەك. بۇلارنى ئەپچىل تۇرمۇش ئۇسۇلى دەيمىز. لېكىن بۇنى چۈشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز.4. نامرات چېغىڭىزدا، چوقۇم سېخىي بولۇڭ، بېيىغاندا، ھەشەمەتچىلىك قىلماڭ. ھاياتلىقتا ئاددىيلىققا قايتقىنىدا، تىنچلىققا ئېرىشەلەيسىز.5. ياشلىق ئەڭ زور بايلىق، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىگەندە نامراتلىقتىن قورقۇش ھاجەتسىز. ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەشنى، نېمىنىڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى، نېمىگە مەبلەغ سېلىش لازىملىقىنى، نەدە تېجەشلىك بولۇش كېرەكلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.6. قالايمىقان كىيىم سېتىۋالماڭ، ئازراق بولسىلا بولدى، ئەمما ياخشىراقتىن بىر نەچچە قۇرلا سېتىۋالسىڭىز بولدى. سىرتلاردا تاماق يېگەندە ئۆزىڭىزدىن غايىلىك، پىكرى ئويغاق، تىرىشچان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

ئامېرىكىنىڭ 63 پارچە مەخپىي ھۆججىتى (1-ھۆججەت)
2015-03-04 21:55:063655
دۇنيا بويىچە خادىمى ئەڭ كۆپ 50 شىركەت
2015-12-20 12:41:586345
مېكسىكىلىقلار نېمىشقا ئۆلگەن ئىلاھەگە چوقۇنىدۇ؟
2016-05-25 12:18:371362
نىدائىي: ئۆز ئاغزىمىزغا ھېزى بولايلى!
2015-05-05 13:48:066238
مەشھۇر گېنىرال سۇۋوروۋنىڭ جەڭ نۇتۇقى
2015-04-08 15:43:284362
نىدائىي: شاھرۇھخاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
2015-10-14 15:45:068245
خالمۇرات غوپۇر خەلقئارالىق ئاكادېمىك بولدى
2015-04-24 16:35:493670
فېليەتۇن: رەھبەرنىڭ مونولوگى
2015-03-02 12:43:523353
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-











