نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي: شاھرۇھخاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر

نىدائىي: شاھرۇھخاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر

ۋاقتى: 2015-10-14 ئاۋاتلىقى: 8320 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، مەشھۇر سەنئەتكار شاھرۇھخاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى




   مەن ئەينى چاغدا ئىمرانخان (پاكىستاننىڭ داڭلىق پالاق توپ ماھىرى)غا ئىمزا قويۇ بېرىشنى ئۆتۈنگىنىمدە، ئۇ مېنى پالاق بىلەن ئۇرغانىدى.
   بۇ مۇكاپات مېنىڭ ئاشۇ تەنقىدلىرىم ئۈچۈن بېرىلگەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ تىلاۋەتلىرىمنىڭ نەتىجىسى.
   مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئەتىرىم ـــ دەل مېنىڭ مېھنەت تەرىم.
   گائۇرى (شاھرۇھخاننىڭ خوتۇنى) ئىككىمىزنىڭ بىر ئورتاق تەرىپىمىز بار: مەن ئۆزۈمنى سۆيۈۋاتقاندا، ئۇمۇ مېنى سۆيىدۇ.

   كىشىلەر مېنى بىر ئىشنى تەكرارلايدۇ، دېيىشىدۇ، ئەمما تەكرارلىسام نېمە بوپتۇ؟ تارىخمۇ تەكرارلىنىدىغۇ؟
   ناۋادا كىنو يوقاپ كەتسە مەن قانداق بولۇپ قالارمەن؟ بۇنى مەن بىلمەيمەن، بۇ خىل مەسىلىنى باشقىلاردىن سورىسىڭىز ياخشىراق.
   بىر قېتىم بىر رېژىسسور مېنى چاقىرىپ: ‹‹فىلىمىم قانداق چىقىپتۇ›› دېگەندە، مەن ‹‹كىنو ماڭا ئانامنىڭ قورسىقىدا ياتقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلدى›› دېگەنىدىم، ئەمەلىيەتتە كىنو باشلىنىشىغىلا مەن ئۇيقۇغا كەتكەنىدىم.

ھازىر، ئاپام چوقۇم دادىڭىزنى ئۇچراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار چوقۇم بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى سۆزلىشىۋاتىدۇ، ئۇلار چوقۇق بىزنىڭ تېخىۇ ياراملىق ئادەملاردىن بولۇشىمىزغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ.
(شاھرۇھخان براگدا داڭلىق كىنو چولپىنى جۇھى چاۋلانىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەنە شۇنداق تەسەللىي بېرىدۇ ھەمدە ئۇ ھىندىستانغا قايتقۇچە ھەمراھ بولىدۇ.)

   كىنو ھىندىستاندا بەئەينى ھەركۈنى سەھەردە چىش چوتكىلىغاندەكلا بىر ئىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچالمايسىز.
   ئۇتۇق قازانغان چولپانلار ئادەتتە: ‹‹مەن قوللىغۇچىلىرىمنىڭ چاكىرى›› دېيىشىدۇ، مەن دەيمەنكى، مەن ئەڭ ياخشىسى. 
ناۋادا مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىلار مۇشۇنداق ماجرالىشىپ كېتىۋەرسە، بۇنى خىرىستىيانلارنىڭ ھەل قىلىشىغا تاشلاپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
(شاھرۇھخاننىڭ بابرى مەسچىتى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزىدىن)

   ھىندى دىنىدىكىلەر مۇسۇلمانلارنى ياكى مۇسۇلمانلار ھىندى دىنىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ قالماستىن، بەلكى ھىندىلارمۇ ھىندىلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.
   (شاھرۇھخاننىڭ 2003-يىلىدىن بىر قېتىمقى زىيارىتىدىن)

   بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەتنىڭ باتۇر ئەرلىرى ئۇتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش.
   (شاھرۇھخاننىڭ سادام ھۈسەيىن ۋە بۇش قوزغىغان ئىراق ئۇرۇشى ھەققىدىكى تەھلىلىدىن)



   مېنىڭ ھەربىر فىلىمىم بىر تەجرىبە، يەنە كېلىپ تولىمۇ قىممەتلىك تەجرىبە.
   مەن ئوشو (پەيلاسوپ)غا ئوخشاپ قالىمەن، ھەركۈنى BMW ئالماشتۇرۇش، ھەشەمەتلىك داچىلارمۇ مېنى قىزىقتۇرالمايدۇ.
   مەن ۋۇجۇدۇمنىڭ بىر يەرلىرىنىڭ ھىتلېر ياكى ناپولېئونغا ئوخشايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ناۋادا مەن باشقا ئىشنى سىناپ باقماقچى بولسام، ماخاتما گەندى ياكى مۇناخ تېرېساغا ئوخشاش ئۇنچىۋالا شەخسىيەتسىز بولمايمەن.

   مۇھەببەت، ئۇ سىزنىڭ يولباشچىڭىزدۇر.


   مەن ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئېھتىياتچان ئادەم ئىكەنلىكىمنى تەن ئالىمەن.
   ئۆتكەنكى بىر ئايدىن بۇيان، مەن چېپىپ يۈرۈپ ‹‹تەسەللىي›› ناملىق مۇكاپاتقا ئېرىشتىم.
   مەن ئۆز دۇنيايىمغا ھۆكۈمران.
   ھازىر سىز نېمىشقا مېنىڭ مۇھەببەت فىلىمى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىمنى بىلگەنسىز؟ رومانتىك تىياتىردىكى قىز باش پېرسۇناژغا سىزنىڭ ئۇنچىۋالا كۈچ سەرپ قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
   (شاھرۇھخاننىڭ 2004-يىلىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە سۆزلىگەن سۆزىدىن)

   مەن ئاياللارنى سۆيىمەن، ئۇلار تولىمۇ گۈزەل، ھەقىقەتەن گۈزەل. ئانامدىن تاكى مادېلېين ستوۋې (ئامېرىكىلىق ئايال ناخشىچى)غىچە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل، قىزغىن خاراكتېرگە ئىگە. ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تېرىسى، چېچى، ئاۋازى چىرايلىق، فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قەيسەر.
   ئاياللار كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ ھىمايىسىگە مۇھتاج.
   مەن ئەڭ ياخشى پەللىدىن ھالقىپ كەتتىم. مەن كىنوغا مەندەك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھېچكىم يوقلۇقىنى بىلسەممۇ، ھېچقانداق ئارتىسنى تۆۋەن كۆرۈپ باقمىدىم. مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت.
   كىشىلەر شان-شەرەپ ۋە بايلىق، ئۇتۇق ۋە بەخت كىشىنى سەمىرىتىپ كۆرۈمسىز قىلىۋېتىدۇ، دېيىشىدىكەن، ئەمما مەن يەنىلا ئۇرۇق ۋە قاملاشقان.

   مەن ئۆزۈم بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقىنىمدا، ھىچقانداق ئارتىسنىڭ مەندەك قىلالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.
   مەن بىر جاي ياكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنىڭ سىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىمايمەن، بەلكى سىز ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىسىز.
   مەن مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولۇپ يۈرگۈرمەيمەن. 
   مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق فىلىمىمدىن رازى بولۇپ باقمىدىم، بۇ دەل مېنىڭ كېيىنكى فىلىمدە رول ئالىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى.

   مەن تېخنىكىغا قاتتىق ئىشىنىمەن، مەن ناۋادا مېنىڭ بەدىنىمگە بىر ئۆزەك پىلاستىنكا سېلىپ قويۇلسا، ئىلگىرىكىدىنمۇ قالتىس بولۇپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
   مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم بەدىلىگە ئۇتۇق قازانغانلىقىم ئۈچۈنلا ئەيىبلەندىم.
(بۇ سۆزنىڭ قانداق شارائىتتا ئېيتىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس)

   مەن بەئەينى جۇڭگودىكى سەددىچىن سېپىلىغا ئوخشاش، ئالەم بوشلۇقىدىن قارىغاندا يەر شارىدىكى بىردىنبىر شەيئىي بولۇشنى خىيال قىلىمەن.
   مېنىڭ ياكى ئامىبان باچچان (ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى)نىڭ ئورنىنى ئېلىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئالدى بىلەن ئىككىمىزگە ئوخشىسىلا بولدى.
   مەن تەكەببۇر ئەمەس، مەن ھەتتا ناۋادا بىر تور بېكەتنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي مەن توغرىلىقلا بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىسام، بەك بىمەنە تۇيۇلىدۇ، مېنىڭچە پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ئىشلىرىغىلا قىزىقىدىغان ئادەم چىقماسلىقى مۇمكىن.
   كىشىلەر ئېگىز چوققىدا تۇرغان كىشىنىڭ يالغۇزلۇقىغا ئىشەنسە، ئۇلار خاتالاشقان بولىدۇ. ئۈستى ئىنتايىن قىستاڭچىلىق، نۇرغۇن ئادەملەر نۇرغۇن گەپلەرنى قىلسىمۇ، ھېچقانداق ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

   مەن بەلكىم كىشىلەرگە ياخشى تۇرمۇش ئاتا قىلالماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما ھېچبولمىسا ئۇلارغا شادلىق ئاتا قىلالايمەن.
   مېنىڭ ئىسمىمدىن باشقا، مېنىڭ كىنولىرىمغا ئارتۇق گەپ بىھاجەت.
   مېنىڭ بەدىنىم تازا دېگەندەك ئەمەس، ھازىرمۇ شۇنداق، شۇڭا مەن پەقەت كىيىم كىيىۋېلىشقا مەجبۇرمەن.
   ناۋادا بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىش، نېمىنى تەلەپ قىلىشقا ئىمكان بېرىلسە، مېنىڭچە ئاللاھتىن يەنە بىر نەرسە تەلەپ قىلىش ئاچكۆزلۈك ۋە تۇزكورلۇق بولىدۇ.

   سىز ئەڭ ياخشى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزنى ئۇچراتمىغىنىڭىز ياخشى، ئۇلار بەئەينى سىياھقا ئوخشايدۇ، سىز يولۇقۇپلا قالدىڭىزما، مەينەت بولغىنىڭىز شۇ.
   ئۆزۈمگە تېگىشلىك نەرسىلەرنىلا ئالىمەن، تېگىشلىك ئەمەسلىرىنى ئالمايمەن.
   ساۋابلىق ئىش قىلىش بىردىنبىر دىنىي ئېتىقاد، بۇنى پېشانىڭىزگە يېزىۋېلىڭ.
   سىز پەقەت ئۈمىد بىلەن ياشىسىڭىزلا، مەڭگۈ يالغۇزلۇق ھېس قىلمايسىز.

   قورسىقىڭىزنىڭ ئاچمىغىنى دەل سىزنىڭ ئاچكۆزلىكىڭىزدۇر.
   مەن كىشىلەرنىڭ نېمىشقا كۆڭۈل تىنچلىقىدىن ۋاز كېچىپ، تەننىڭ راھىتىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن.
   (شاھرۇھخان بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدۇ)

   بالىلىرىم بەئەينى گائۇرى (شاھرۇھخاننىڭ خوتۇنى)غا ئوخشايدۇ، بىراق تەڭرىنىڭ ئۇلارغا مېنىڭ زېھنىمنى ئاتا قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. 
   ئۇ دۇنيا خانقىزى، يەرشارى خانقىزى، ھىندىستان خانقىزى قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە تۇرسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنى ئىزدەيمەن، ئۇ دەل مېنىڭ چىرايلىق خوتۇنۇم گائۇرى.

   مەن ئىلاھقا ئىشىنىمەن. مەن ھازىر دىنغا ئالاقىدار كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن، چۈنكى ھەرقېتىم بالام مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار سوئاللارنى سورىغاندا، مەن بۇ جەھەتتە بىلىمسىز بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن. مەن يەنە بىر قىسىم ئىلىم-پەنگە دائىر كىتابلارنى ئوقۇۋاتىمەن، بالام مەندىن ئۇران بىلەن ساتۇرننىڭ قايسىسىنىڭ چوڭلۇقىنى سورىغاندا، دۆت دادا بولۇپ قالغۇم يوق. مەن ھەركۈنى ئۇلارغا بىر قىسىم يېڭى ئىشلار ئۆگىتىمەن، بۇنداق قىلسام ئۇلار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە ياخشى تەسىر قالدۇرالايدۇ. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا مەن يەنە ماتېماتىكا ئۆگىنىپ، ئۇلارغا ماتېماتىكا ئۆگىتىمەن. 

   مېنىڭ كىچىك دۇنيايىم دەل مېنىڭ ئائىلەم ۋە خىزمىتىم. خىزمەتتە ھەممەيلەننى كۆرەيلەيمەن. ئۆيۈم پەقەت ماڭلىلا مەنسۇپ. مەن ئۇنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھىمايە قىلىمەن، بالىلىرىم ماڭا ئېھتىياجلىق، مەنمۇ بالىلىرىمغا ئېھتىياجلىق. ئەمما يەنە بىر شاھرۇھخان خەلققە نامايان بولىدۇ، تاماشىبىنلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ. 
   مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ رازىمەن، ئەمما مەن تاماشىبىنلىرىمنىڭ سۆيگۈسىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن.
   ناۋادا سىز دەسلەپتە مۇھەببەت سەۋەبلىك توي قىلغان ئادىمىڭىزغا قىزىقمىسىڭىز، مەسىلە سىزدە دېگەن گەپ.

   ئەر ۋە ئاتا بولۇشتا، مەن مەغلۇب بولدۇم، ئالماس ۋە ئويۇنچۇقلار ھەمىشە ئۆيدە مېنىڭ ئىشىمنى قىلىدۇ.
   مەدۇرىغا شۇنى دەيمەنكى، ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق بىر قىز تۇغسۇن، شۇ چاغدا ئوغلۇمغا ئۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىمەن. 

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى