توقسۇ ناھىيەسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار
-
توقسۇ ناھىيەسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار
ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 4085 قېتىميانفوندا كۆرۈش
توقسۇ ناھىيەسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار
مۇھەممەد تۇراپ
توقسۇ ناھىيەسى — تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىگىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. غەربىي خەن ۋە شەرقىي خەن دەۋرىدە بۇ جاي غەربىي رايوننىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار مەركىزى بولغان بولۇپ ، چېگرىسى ئىچىدىكى مەشھۇر شەھەر داۋانقۇم قەدىمي شەھىرى شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى جايلاشقان جاي ئىدى. تارىختا مەشھۇر شەخسلەردىن بەن چاۋ، لى زوڭ، چاڭ خۇي ۋە لىن زېشۇ قاتارلىقلار بۇ يۇرتتا تۇرغان ۋە جەڭ قىلغان. توقسۇدىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىندا ياشىغۇچى ھەر قايسى مىللەتلەر مۈرىنى–مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئۆچمەس ۋە پارلاق مەدەنىيەتنى ياراتقان.توقسۇ ناھىيەسىدە قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەر قايسى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزلىرىدىن يېڭى تاشقوراللار دەۋرىگە تەۋە قاشتېشى پالتا، خەن تاڭ دەۋرىگە تەۋە قەدىمكى پۇللار، مىڭ، چىڭ دەۋرىگە تەۋە ئەسۋابلار، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قاشتېشى، تاش، ساپال، ياغاچ ئەسۋبلار قېزىۋېلىندى. بۇ توقسۇ ناھىيەسى تارىخىنىڭ ماددىي ئىسپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرگە تەللۇق قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن قەدىمكى پۇللار، تاڭ دەۋرىگە تەۋە ساپال ئىدىشنىڭ پارچىلىرى، مستىن ياسالغان خەنزۇچە خەت چۈشۈرۈلگەن چاڭخۇينىڭ تامغىسىدىن بىر دانە قېزىۋېلىنغان. 1928–يىلى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان داۋانقۇم قەدىمكى شەھىرىدىن يېشىل قاشتېشىدىن سۈركەپ ياسالغان يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە تەئەللۇق بىر دانە تاش پالتا قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 4.7 سانتىمېتىر، بىسىنىڭ كەڭلىكى تۆت سانتىمېتىر، دۈمبىسىنىڭ كەڭلىكى 3.2 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى ئالتە سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئىككى دانە قاشتېشى پىچاق، توقاچ شەكىللىك، يانتۇ چاسا شەكىللىك، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك، يېرىم چەمبەر شەكىللىك، چەمبەر شەكىللىك زىببۇ–زىننەت بويۇملىرى، بەش جۇلۇق مىس پۇل ۋە بەش جۇلۇق كىچىك مىس پۇل قاتارلىق خەن دەۋرىگە تەللۇق مىس پۇللار تېپىلغان. ئۈچقات يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن خەن دەۋرىگە تەئەللۇق جۇلۇق مىس پۇل، خەنزۇچە خەت چۈشۈرۈلگەن ‹‹داچۈەن ۋۇشى›› مىس پۇلى، مىس تۈگمە، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى مىس تامغا، مىستىن ياسالغان كىيىمگە ئېسىۋالىدىغان زىبۇ–زىننەت، مىستىن ياسالغان باش كىيىمگە ئېسىۋالىدىغان زىبۇ–زىننەت، مىس ئۈزۈك، مىس ھالقا ، تاشتىن ياسالغان زىبۇ –زىننەت قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇلار مىلادىيە 2–ئەسىردىن 6–ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. 1993–يىلىنىڭ ئالدى–كەينىدە ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 44 كىلومېتىر كېلىدىغان توڭگۇزباش قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن خەن، تاڭ دەۋرىدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋرلەرگە تەئەللۇق 3000 دانىدىن كۆپرەك قەدىمكى مىس پۇل قېزىۋېلىنغان. ئۈچقات يېزىسىنىڭ غويتۇرۇس كەنتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى خەن دەۋرىگە تەئەللۇق قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن خەنزۇچە ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› خەتلىك، بەش جۇلۇق قەدىمكى مىس پۇل ۋە زىغىر قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان. 1928–يىلى ئۈچقات يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى خەن دەۋرىگە تەئەللۇق قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن خەنزۇچە ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› خەتلىك قەدىمكى مىس پۇل قېزىۋېلىنغان. 1995–يىلى بۇ شەھەردىن خەنزۇچە ‹‹تەييۈەن توڭباۋ›› خەتلىك قەدىمكى مىس پۇل قېزىۋېلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاڭ دەۋرىگە تەئەللۇق چولاقشەھەر قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقىدىن خەنزۇچە ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› خەتلىك ئىككى دانە قەدىمكى مىس پۇل قېزىۋېلىنغان. پەيشەنبە بازار يېزىسىنىڭ توپادوڭ كەنتى تەۋەسىدىكى تاڭ دەۋرىگە تەئەللۇق يولغان قەدىمكى شەھىرىدىن كىچىك مىس پۇللار قېزىۋېلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا 44 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان تاڭ دەۋرىگە تەئەللۇق قۇملۇقتىن 1989–يىلى خەن دەۋرىگە خاس زور مىقداردىكى بەش جۇلۇق قەدىمكى مىس پۇل ۋە كۈسەن دۆلىتىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى قېزىۋېلىنغان .1988–يىلى، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى قۇملۇقتىن تاڭ دەۋرىگە تەئەللۇق خەنزۇچە ‹‹جيەنجۇڭ توڭباۋ›› خەتلىك بىر دانە قەدىمكى مىس پۇل قېزىۋېلىنغان.دېمەك، توقسۇ ناھىيەسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار — بۈگۈنكى كۈندە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىشەنچىلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
«بوستان»نىڭ يېزىلىش سەۋەبى (1)
2015-02-06 11:16:223491جوۋ چۈنفېي جۇڭگودىكى 1-ئايال بايغا ئايلاندى
2015-04-02 11:03:444144دۇنيادىكى 10 پارچە نادىر سۈرەتكە نەزەر
2015-05-06 10:23:063871ياپونىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى
2015-05-01 13:06:174891بالىلارنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىياتلىرى
2016-01-20 21:10:504249دەھشەت قىزىق يۇمۇرلار
2015-03-11 19:44:253631كونا نۇسخىدىكى خەلق پۇلىدىكى شەخسلەر
2015-11-12 14:44:456460بەدەل ئارت قەدىمىي تۇرى
2015-03-05 17:58:473994
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-