نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياپونىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى

ياپونىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى

ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 5050 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياپونىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى


   1. باشقىلار بىلەن سالاملاشقاندا چوقۇم بەلنى ئىگىش كىرەك، ئەگەر رەسمىي سورۇنلار بولمىسا بەل 15 گرادۇس ئىگىلىدۇ، ئەگەر چوڭلارنى كۆرگەندە بەلنى چوقۇم تولۇق ئىگىش كىرەك. 
   2. تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن چوقۇم بەلنى ئىگىپ قارشى تەرەپكە سالام بىرىش ئارقىلىق رەھمىتىنى بىلدۈرۈش كىرەك. بۇ ئەڭ ئەقەللىي قائىدە-ساۋات. 
   3. مېتروغا ياكى پويىزغا ئولتۇرغاندا ئىقتىدارلىق كارتا ئىشلىتىش كېرەك، بۇنداق كارتىلارنى قولايلىق ماگزىنلاردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇ كارتىنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا چوقۇم پۇل قاچىلاپ ئىشلىتىش كېرەك. 
   4. پويىزدا ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبوسلاردا تېلېفۇن ئىشلەتمەسلىك، ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرىدا باشقىلارغا گەپ قىلماسلىق كىرەك. چۈنكى باشقىلار ئادەتتە بۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇخلايدۇ، ياكى بولمىسا مۇزىكا ئاڭلاپ كىتاب كۆرىدۇ. 
   5. يول ماڭغاندا ياكى ماشىنا ھەيدىگەندە چوقۇم سول تەرەپنى بىسىپ مېڭىش، ماشىنا توختاتقاندا سول تەرەپتە توختىتىش، لېفىتقا چىققاندىمۇ چوقۇم سول تەرەپكە يانداپ تۇرۇش كېرەك. 
   6. ياپونىيەنىڭ مال باھاسى ئىنتايىن قىممەت، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى رېستوران ۋە سىتارباكىسلاردا ئىستىمال قىلمىغان ياخشى. شۇ يەردىكى كىچىك ماگزىنلاردىن بولكا، پىروژنى ياكى چۆپ دىگەندەكلەرنى سېتىۋالسا باھاسى بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ. 
   7. ياپونىيەدە سۇ ئىستىمال قىلىش ئىنتايىن بىخەتەر بولۇپ، مەيلى بوتۇلكىغا قاچىلاقلىق سۇ بولسۇن ياكى تۇرۇبا سۈيى بولسۇن خاتىرجەم ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. 
   8. چوقۇم بىر ئىلكتىرونلۇق خەرىتە ئىلىپ يۈرۈش كىرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونچە-ئىنگىلىزچە تەرجىمە كىرگۈزۈلگەن خەرىتە بولىشى كىرەك، بەزى چۈشەنمىگەن قىسقا سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن يەنە بىر ياپونچە-ئىنگىلىزچە تەرجىمە كىتابى ئىلىۋىلىش كېرەك. 
   9.سىرتلارغا چىققاندا چوقۇم ياندا تازىلىق قەغىزى ئىلىپ يۈرۈش كېرەك، چۈنكى كۆپىنچە ئاممىۋىي ھاجەتخانىلار قەغەز بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. 
   10. چوقۇم بىر ئىككى مىڭ يېن ئىلىپ يۈرۈش كېرەك، چۈنكى ياپونىيەنىڭ كۆپ پۇلدانلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بانكا كارتىسىنى تونىمايدۇ، يەنە تېخى خېلى كۆپ سىستىمىلاردا ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. 
   11. بىر دەپتەر ئىلىپ يۈرگەندىن باشقا يەنە قەلەممۇ ئىلىۋىلىش كېرەك، بۇنداق قىلىش پەقەت سىزنىڭ نەگە بىرىپ نېمە ئىلىشىڭىزنى، قىسقىسى شۇ يەرلىك ئادەملەرگە قانداق قىلىپ مەقسىتىڭىزنى ئۇقتۇرىشىڭىزغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈندۈر. 
   12. ئالدىن قايسى مىھمانسارايغا چۈشكەنلىكىنى ۋە شۇ مىھمانساراينىڭ ئېنىق ئادىرىسىنى توغرا قىلىپ يېزىۋىلىش كېرەك، ناۋادا يولدىن ئېزىپ قالغاندا بۇ ئامال بەكمۇ ئەسقاتىدۇ. 
   13.ئەگەر بىرەر نەرسىنى ياكى بىرەر ئادەمنى كۆرسەتمەكچى بولغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن كۆرسەتمەسلىك كېرەك، چوقۇم قولنىڭ بارماقلىرىنى تولۇق ئاچقان ھالدا ئاندىن كۆرسىتىش كېرەك. 
   14.ئەگەر تاماقخانىدا غىزالىنىپ ھىسابات قىلماقچى بولغاندا، ئىككى قولنى كىرىشتۈرۈپ X شەكىلدە تۇتسىلا مۇلازىم كىلىپ ھىسابات قىلىپ بىرىدۇ. 
   15.مەيلى مۇلازىم بولسۇن ۋە ياكى باشقىلار، ھەرگىز تاپان ھەققى بىرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ياپونىيەلىكلەر ئەدەپسىزلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. 
   16.ئاممىۋىي قاتناش سىستىمىسى يېرىم كىچىگىچە توختىمايدۇ. ئەگەر يىرىم كىچىدىن كېيىن قالغان ۋاقىتلاردا پەقەت سەھەر سائەت بەشتىن كېيىن ئاممىۋىي ئاپتوبوسقا ئولتۇرسا بولىدۇ، چۈنكى ياپونىيەدە تاكسىلارنىڭ يول باھاسى بەك قىممەت. 
   17.ئەگەر ئۆيدە ياپون سۇپىسى بار بولسا چوقۇم ئاياغ سىلىش كېرەك ياكى بولمىسا پايپاق بىلەن سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئاياغ سىلىش كېرەك. 
   18. ئەگەر ئۆي ئىگىسىنىڭ تازىلىق ئۆيىنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا چوقۇم ھاجەتخانىغا قويۇلغان ساپما كەش بىلەن كىرىش كىرەك، ھەرگىزمۇ ياتاق ئۆيلەردە كىيىپ يۈريدىغان ساپما كەشلەر بىلەن بىۋاستە كىرىشكە بولمايدۇ. 
   19.ئەگەر غىزالانغان ۋاقىتتا قايسى تاماقنى بۇيرۇتۇشنى بىلەلمىگەن ئەھۋالدا مۇلازىمدىن قورۇما تىزىملىكىنى ئىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. 
   20. ئەگەر تاماقخانىغا كىرگەندە مۇلازىم ۋاقتىدا ئورۇن باشلىمىسا ئۆزى بىلىپ بىكار بولغان ئورۇندا ئولتۇرسا بولىدۇ، بولمىسا مۇلازىم كىلىپ ئۆزى ئورۇن بەلگىلەپ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ساقلاش كېرەك. 
   21.ئەگەر ئەنئەنىۋىي ئاشخانىلارغا كىرىپ غىزالانغاندا چوقۇم ئىشكىتىن كىرىشتىن ئاۋۋال ئاياغ سىلىش كېرەك، ئاندىن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش كېرەك. 
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى