نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (3)

موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (3)

ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4985 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېمىسى: موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار (3)
ئابدۇراخمان ئەبەي
(شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى)

   1939-يىلى 2- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى .1941- يىلى 22 -ئىيۇل گېتلېر گېرمانىيەسى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلدى . موڭغۇلىيە دەسلەپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا كۆ پلەپ ماددىي ياردەم بەردى ، كېيىن ئالدىنقى سەپكە نەچچە ئون مىڭ پىدائىي ئەسكەر ئەۋەتتى . بۇ پىدائىيلار ئىچىدە ئۇيغۇر جەڭچىلەرمۇ بار ئىدى . ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇرۇشتا قۇربان بولدى . ئىسمائىل ، تۇرسۇن دېگەن ئۇيغۇر يىگىتلەر ئۇرۇشتا پىداكارلىق بىلەن 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ پولكوۋنىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى . تۇرپان ئايدىڭكۆللۈك سەيدۇل دېگەن يىگىت 1939 -يىلى موڭغۇلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ ئۇچقۇچى بولغان . موڭغۇل ئۇچقۇچىلارنىڭ تىلى كەلمەي ئۇنى سەيسانوپ دەپ چاقىراتتى . 2- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىپ ئالدىنقى سەپكە بىر نەچچە كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن . سەيسانۇپ ئاشۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ بىرىدە ئۇچقۇچى ئىدى . ئۇ ، لېنىنگرادتتىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا فاشىستلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر ئىستىھكامىنى پارتلىتىپ ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يول ئاچقان . ئۇ ، بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئالتۇن ئۇردېنغا ئېرىشكەن . ئۇرۇشتىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۇلانباتور ، موسكۋالاردا ئوقۇتۇپ ئالاھىدە تەربىيەلەپ ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا ئىشلەتتى . ئىسمائىل دارغا (دارغا - موڭغۇل تىلىدا باشلىق دېگەن سۆز) موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەھكىمە باشلىقى دەرىجىلىك ۋەزىپە بىلەن مۇھىم خىزمەتلەردە بولدى . ئۇ 1947 - يىلى ماشىنا ۋەقەسىدە ئۇلانباتوردا قازا قىلدى . سەيسانوپ 1950- يىلى خوبدا شەھىرىدە ئۆپكە تۇبىركىليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان .


   تۇرسۇن دارغا ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلانباتور شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىق ئىدارىسىدە ئورۇنباسار باشلىق بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىدى . ئاقسۇلۇق ھەسەنئاخۇن دېگەن ئۇيغۇر شوپۇر ئالدىنقى سەپتە يارىدارلارنى قۇتقۇزىۋاتقاندا ئۆپكىسىگە ئوق تەگسىمۇ ، قەيسەرلىك بىلەن ماشىنىنى ھەيدەپ يارىدارلارنى ساق- سالامەت قۇتقۇرۇپ چىققانلىقى ئۇچۇن موڭغۇلىيەدە "1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى" دېگىن شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشتى . 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار قورامىغا يەتكەن بالىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ ئالدىنقى سەپكە جەڭگە ئەۋەتتى . ھەربىر ئائىلە نۇرغۇن مال - مۈلكىنى ھۆكۈمەتكە تەقدىم قىلىپ ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھسسىسىنى قوشتى .
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيەنىڭ ئسقتىسادى تېز? تەرەققىي قىلدى . كۆلخوزلىشىشمۇ ناھايىتى تېزلەشتى . ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى . 
   موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكلىكى، كەڭ قورساقلىقى ، مېھرىبانلىقى بىلەن ئاشۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئاجايىبب يارقىن ھم ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى . مەن كىچىكىمدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ ھەقتە ئاجايىىب تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىغانىدىم . شۇ ھېكايىلەردىن ئىككىنى سۆزلەب بەرسەملا ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ : 
   گۇچۇڭلۇق تۆمۇر نىياز دېگەن كىشى 1926- يىلى موڭغۇلىيەگە بارغانىدى . ئۇ ، خۇشپېئىل ، كۆپكە قابىل ، قولى گۈل سودىگەر ئادەم ئىدى . ئۇ خوبدا شەھىرىدە سودا قىلىب ئۇزاق ئۆتمەيلا تولىمۇ كۆپ موڭغۇل بىلەن تونۇشۇپ ، بۇرادەرلىشىپ كەتتى . خوبدا چېگرا شەھەر بولغاچقا مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر تۇراتتى .تۆمۈر نىياز بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئۇچ ۋاق تامىقىنى كۆتۇرە ئالدى . ئۇنىڭ ئادەملىرى ھەر كۈنى نەچچە يۈز لىس بولكا پىشىرەتتى ، نەچچە ئون داش قازاندا تاماق قىلاتتى ، ئەسكەرلەرنىڭ قىشلىق يېقىلغۇ ئوتۇنىنىمۇ تەمىنلەيتتى . ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت بىنالىرىنى سالىدىغان خىشمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن ماشىنا ئارقىلىق توشۇلاتتى . تۆمۈر نىياز بىر چوڭ خۇمدان سېلىپ ، يىلىغا مىليوندىن ئارتۇق خىش پىشۇرۇپ ئەسكەرلەرنىڭ ياتاق ، ئىشخانىلىرىنىمۇ سالدۇردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوبدا شەھىرىدە داڭلىق ئادەم بوپقالدى . موڭغۇلىيد ھۆكۇمىتى وڭغۇل چېگراسىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئالدى بىلەن "نېمە ھۇنىرىڭ بار" دەپ سورايتتى ، ئەگەر تۆمۈرچى ، ياغاچچى ، سەيپۇڭلۇق ھۈنىرىم بار دېسە ئۆز ئالدىڭغا تىجارەت قىل دەيتتى . ئەگەر "ھۈنىرىم يوق " دېسە " تۆمۈر نىيازنىڭ يپنىغا بار" دەپ ئەۋەتىپ بېرەتتى .1930- يىللاردا تۆمۈر نىيازنىڭ قولىدا كۆكتات تېرىيدىغان ، ئوتۇن توشۇيدىغان ، خىش قۇيۇپ خۇمداندا پىشۇرىدىغان ، تامچىلىق ، ئاشپەزلىك قىلىدىغان 300 دەك ئۇيغۇر يېتىمچى بار ئىدى . شۇ يىللاردا تۆمۈر نىياز ناھايىتى چىرايلىق بىر موڭغۇل قىز بىلەن تونۇشۇپ ، بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى . ئۇلار توي قىلىدىغان چاغدا موڭغۇل قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قەتئىي قوشۇلمىدى . ئۇلار " بۇ ئۇيغۇر قىزىمىزنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىدۇ ، بەرمەيمىز" دېدى . بۇ ماجىرا ئىككى - ئۇچ ئايغا سوزۇلدى . تۆمۈر نىياز ئاخىر خوبدا شەھىرىنىڭ باشلىقىنى تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ ، ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى . ھېلىقى شەھەر باشلىقى قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ : "ھەممىمىز بىر خۇدانىڭ بەندىسى ، بۈيۈك بۇزرۇكۋار پادىشاھىمىز چىڭگىزخانمۇ يالغۇز قىزى ئەلئالتۇننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىنگە ياتلىق قىلىپ ، ئۇنى ئۆزىنىڭ 5- ئوغلى قىلىۋالغان . تۆمۈر نىيازمۇ ئۇيغۇر يىگىت . مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل ، قۇلى گۈل ، پاراسەتلىك يىگىتتىن بىر قىزىڭنى ئايامتىڭ ، بۈگۈنلا توي قىلىپ بەر ، قىزىڭنىڭ بەختى كەپتۇ " دېدى . 
ئۇلار ئاخىر توي قىلدى ، تۆمۈر نىياز ئۇ موڭغۇل قىزغا مەريەمخان دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدى ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتتى . ئۇلار بەش بالىلىق بولۇپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ناھايىتى بەختلىك ياشىدى . ھەتتا تۆمۈر نىياز موڭغۇلىيە بويىچە ناھايىتى ئابرۇيلۇق ئادەمگە ئايلاندى . 
   1936-يىلى ئىيۇندا كولخوز رەئىسى ھېيتئاخۇن روزى بىرنەچچە خىزمەتچىسى بىلەن خوبدىدىن ئۇلانقۇم ئايمىقىغا بېرىپ موڭغۇللاردىن 300 تۇياق ئات سېتىۋالىدۇ . ئۇ ، ئاتلارنى ھەيدەپ قايتىش سەپىرىدە بىر كۆل بويىغا كەلگەندە قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ . بەدىنى چېقىپ ئاغرىيدۇ ، قىززىيدۇ ، تىترەيدۇ . ھەرخىل سەۋەبنى قىلىپ باقسىمۇ زادى بولالماي يېتىپ قالىدۇ ، كېچىسى نەپسى قىسىلىپ ھاسىراشقا باشلايدۇ . ھېيتئاخۇن ئاخىر شۇ يەرلىك بىرنەچچە موڭغۇلنى چاقىرتىپ تۆگىدىن بىرنى سېتىپ بېرىشنى ، 300 ئاتقا ئون كۈن قاراپ تۇرۇشنى تاپىلايدۇ . ئاندىن ھەمراھلىرىغا يەنە : "مېنى تۆگە بىلەن تېز ئېلىپ مېڭىڭلار ، يولدا ئۆلۇپ قالسام ئۆلۈكۈمنى يولدا يەرلىككە قويۇۋەتمەي چوقۇم خوبدىغا - ئۆيگە يەتكۈزۈڭلار" دەيدۇ . ھېلىقى موڭغۇللار ھېيتاخۇننىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ : " بىزنىڭ بىر لامايىمىز بار ، ئۇ كېسەل كۆرەلەيدۇ ، ئەكىلەيلى" دەيدۇ - دە ، ئات بىلەن تېز بېرىپ بىر سېمىز لامانى باشلاپ ئەكىلىدۇ . 

   لاما تېۋىپ ھېيتاخۇننى كۆرۈپ : "تېزدىن سېمىز قويدىن بىرنى سويۇڭلار" دەيدۇ . ئاندىن ئۈچ قاپ چۆپ دورىنى قاينىتىپ تولۇق ئىچكۈزىدۇ - دە ، قېلىن ئوراپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ ، ئارقىدىنلا يېڭى قاينىغان شورپىدىن بىر داس ئېلىىپ سورۇپ - سورۇپ ئېغىز كۆيمىگۇدەك بولغان چاغدا ھەممىنى ئىچكۈزىدۇ . ئاندىن يېڭى سويغان قوينىڭ تېرىسىگە يۆگەپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ . ھېيتاخۇن ئەتىسى چۇشتد ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بۇرۇنقىدەكلا ساقىيىپ قوپىدۇ ، تاماق يەيدۇ ، تالاغا چىقىدۇ . چۈشتىن كېيىن ھېلىقى لاما ئۇنىڭ تولۇق ساقايغانلىقىنى كۆرۈپ كەتمەكچى بولىدۇ . ھېيتاخۇن ناھايىتى مىننەتدار بولغان ھالدا خىزمەتچىلىرىگە تېۋىپ لاماغا ئېسىل ئاتتىن بىرنى كۆركەم ئىگەر بىلەن جابدۇپ يولغا سېلىىپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ ھەمدە ھېلىقى لاماغا : " ئەگەر سەن بولمىساڭ مەن ئۆلۈپ قالاتتىم ، مېنى سەن قۇتۇلدۇرۇۋالدىڭ ، مەن ساڭا بىر ئېسىل ئات تەقدىم قىلىمەن ، مىنىپ قايت" دەيدۇ . ھېلىقى لاما : "مەن ساڭا ئۇچ قاپ چۆپ دورا بەردىم ، سەن ماڭا ئۈچ سوم بەرسەڭ بولىدۇ ، ئات ئالسام بولمايدۇ" دەيدۇ . ھېيتاخۇن : "ئۆز رازىلىقىم بىلەن بېرىمەن ، ئال" دەيدۇ . لاما : " ئۇنداق كۆپ نەرسە ئالسام ھارام بولىدۇ ، خۇدا ئالدىدا يۈزۈم قارا بولىدۇ ، ئالمايمەن" دەيدۇ . ھېيتاخۇن : " ئۇنداق بولسا 100 سوم بەردىم ، ئال" دەيدۇ . لاما : " ئۈچ سوم ئالسام بولدى ، ئوشۇق ئالمايمەن ، گۇناھكار? بولمايمەن" دەيدۇ . ھېيتاخۇن 100 سومنى زورلاپ لامانىڭ قوينىغا سېلىپ قويىدۇ . لاما پۇلنى يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۆزرە ئېيتىدۇ . ئۇ يەنە: "ئۈچ سوم ئالىمەن ، بىر تىيىن ئارتۇق ئالمايمەن ، ئەمما ئات بىلەن ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويساڭ ياق دېمەيمەن" دەيدۇ . ھېيتاخۇن ئاخىر ئۈچ سوم پۇل بېرىپ ، ئۆز ئېتى بىلەن لامانى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ . 

مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورى

داۋامى بار

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى