ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 10 چوڭ خاتالىقى
-
ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 10 چوڭ خاتالىقى
ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 3714 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكا ئالىملىرى باھالاپ چىققان ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 10 چوڭ خاتالىقىنىڭ رەت تەرتىپىتەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
لۇئىسۋېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تارىختا سادىر قىلغان خاتالىقلىرى ھەققىدە قەغەزچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ خاتالىقلارنى ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تىزىپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى 10 چوڭ خاتالىق تۆۋەندىكىچە:1. ئامېرىكىنىڭ 15-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامېس بۇكانان. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1857-يىلىدىن 1860-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى توسۇپ قالالمىغان.2. ئامېرىكىنىڭ 17-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئاندرېۋ جونسون. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1865-يىلىدىن 1868-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: ئامېرىكىدا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەنۇبتا ئاق تەنلىكلەرگە مايىل سىياسەت يۈرگۈزگەن، قارا تەنلىكلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان.3. ئامېرىكىنىڭ 36-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ليندون جونسون. ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1963-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: ۋېيتنام ئۇرۇشىنى كېڭەيتىۋەتكەن.4. ئامېرىكىنىڭ 28-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋودروۋ ۋىلسون. ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1913-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: ‹‹ۋېرسال شەرتنامىسى››دا مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغان.5. ئامېرىكىنىڭ 37-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى رىچارد نىكسون. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1969-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 1974-يىلى 8-ئايدا سىياسىي سەتچىلىك تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.خاتالىقى: سىياسىي سەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان.6. ئامېرىكىنىڭ 4-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامېس مادىسون. ئۇ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1809-يىلىدىن 1816-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: ئامېرىكىنى 1812-يىلىدىكى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۇرۇشىدىن ساقلاپ قالالمىغان.7. ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس جېففېرسون. ئۇ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1801-يىلىدىن 1808-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: 1807-يىلى ئىبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان.8. ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون كېننېدى. ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1961-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: كاستىرو رەھبەرلىكىدىكى كۇبا ئىنقىلابىي خەلق ھۆكۈمىتىگە قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغان.9. ئامېرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى رونالد رېگان. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1981-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: ‹‹ئىران قوۋۇقى›› ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. يەنى ئىرانغا مەخپىي قورال-ياراغلارنى سېتىپ بەرگەنلىكى ئاشكارلىنىپ قالغان.10. ئامېرىكىنىڭ 42-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بىل كلىنتون. ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، 1993-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.خاتالىقى: جىنسىي سەتچىلىكى ئاشكارلىنىپ كەتكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنياۋى ناخشىچى دېڭ لىجۈننىڭ ھاياتى
8760سائەت ئىلگىرى5718دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (1)
2016-06-13 00:46:283699داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (12)
2015-03-01 21:08:414036بىل گايتسنىڭ باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشى
2016-02-07 18:01:316084دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چ
2016-03-12 23:35:143343شىركەت مۇدىرىيىتىدە ئاياللارنىڭ بولۇشى بەلگىلەند
2015-04-02 11:30:514131يەرشارىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان گۈزەل مەنز
2015-12-04 11:26:053766دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك 10 ساياھەت شەھىرى
2015-11-27 02:25:024304
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-