بىل گايتسنىڭ باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشى
-
بىل گايتسنىڭ باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشى
ۋاقتى: 2016-02-07 ئاۋاتلىقى: 6936 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىل گايتسنىڭ باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
نۇرغۇن كىشىلەر بىل گايتسنى مۇنداق ئۈچ خىل سالاھىيەتتە تونۇيدۇ:
بىرىنچى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار كىشى.
ئىككىنچى، ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە مىسىلسىز ئۇتۇق قازانغان پەن-تېخنىكا شىركىتى ___ مىكروسوفتنى قۇرغان.
ئۈچىنچى، ئۇ بىل گايتس-مېلىندا گايتس فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلغان.
ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى ئىئانە قىلغان پۇللىرى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قانچىلىق ئۇتۇق قازىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ يەنىلا كىشىلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار. تۆۋەندە بىل گايتسنىڭ كىشىلەر ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشىنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.
1. بىل گايتس كۆل بويى تەييارلىق مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچتىن پايدىلىنىپ تۇنجى كومپيۇتېر سىستېمىسىنى يېزىپ چىققان. بۇنى ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ بىر مەيدان شاھمات ئويۇنى دېيىشكە بولىدۇ.
2. بىر قېتىم، بىل گايتسنىڭ مەكتىپى ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە سىستېما تۈزۈش ئىقتىدارىنى بايقاپ قالىدۇ ھەمدە كېيىن بىل گايتس مەكتەپكە ياردەملىشىپ ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈپ چىقىشىقا ياردەمگە چاقىرىدۇ. كېيىن بىل گايتس سىستېمىنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىقىپ، پۈتۈن سىنىپ بويىچە بىردىنبىر ئەتراپىدا لىققىدە قىزلار ئولتۇرغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا ئايلانغان.
3. بىل گايتس تېخى ياش ۋاقتىدا، <<قامۇس>> ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىققانىدى.
4. بىل گايتس ئىلگىرى ئىلمىي ئىقتىدارنى باھالاش ئىمتىھانىدا 1600 تولۇق نومۇردىن 1590 نومۇر ئالىدۇ.
5. نۇرغۇن پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىغا ئوخشاشلا، بىل گايتسمۇ ئۇنىۋېرسىتېتتتىن چېكىنگەن. ئۇ 1975-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىدىغاندا، پۈتۈن زېھنىنى مىكروسوفت شىركىتىدىكى خىزمىتىگە قاراتقانىدى.
6. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىككى يىل چېكىنگەندىن كېيىن، كىنىشكىسىز ماشىنا ھەيدەپ ۋە قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا سولاققا چۈشۈپ قالغانىدى.
7. بىل گايتس ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتىدىكى چاغدا خادىملارنىڭ ماشىنا نومۇرىنى ئەستە ساقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلاتتى. ئەمما ئۇ ئاخىرى بۇنداق ئىشتىن ۋاز كەچكەن، چۈنكى بۇ شىركەت ئاللىقاچان مۇۋاپىق بىر كۆلەمگە ئىگە بولۇپ بولغانىدى.
8. ماشىنىنىڭ گېپى چىقسا، بىل گايتس <<پورسچې>> ماركىلىق ماشىنىنىڭ قىزغىن ھەۋەسكارى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ قىممەت ماشىنىسى <<پورسچې>> ماركىلىق بىر ماشىنىسى بولۇپ، 13 يىللار ئىلگىرى ئۇ ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسى ۋە ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان ئەھۋالدا بۇ ماشىنىنى سېتىۋالغانىدى.
9. ئاۋىياتسىيە ھەققىدە گەپ بولغاندا، بىل گايتس ئۇچۇش مەشقىگە قاتناشقان. ھازىر ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارىدۇ.
10. ئايروپىلاندىن باشقا، بىل گايتسنىڭ يەنە بىر چوڭ كۆپ پۇل خەجلىگەن ئىشى 1994-يىلى 30 مىليارد 800 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ <<داۋىنچى-لېيستېر قانۇن ماددىلىرى>>نى ساقلاشتىن ئىبارەت.
11. بىل گايتس ناھايىتى پۇلدار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا پەقەت 10 مىليون دوللارلا مىراس قالدۇرغان. بۇ ئۇنىڭ 81 مىليارد 100 مىليون دوللىرىلىق بايلىقىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى، خالاس. بىل گايتس بالىسىغا شۇنچە كۆپ بايلىقنى ئۇنىڭغا مىراس قالدۇرۇشنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلۇقىنى ئېيتقان.
12. ھازىر ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ۋاقتى بىل گايتس-مېلىندا گايتس فوندى جەمئىيىتىنى باشقۇرۇش بىلەن ئۆتسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا مىكروسوات شىركىتىنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: <<كاللىڭىزدىكى بارلىق نەرسىلەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزغا، كۆڭلىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.>>
13. بىل گايتس ئۆزىنىڭ ناۋادا مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرمىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بىر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
14. بىل گايتس سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار ساھەسىگە ئىنتايىن قىزىقسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا قارشى تۇرۇش تەرىپىدە تۇرۇپ كەلدى، ستېفېن خاۋكىڭ، ئېلون مۇسكلارمۇ بۇ ساھەگە قارشى تۇرۇپ كەلگەنىدى.
15. بىل گايتس Weezer مۇزىكا ئەترىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.
16. بىل گايتسنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر يىلدا 50 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭ قارىشىچە كىتاب ئوقۇش يەنىلا يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىش، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل ئىكەن.
17. بىل گايتس بىرەر چەت ئەل تىلى بىلمەيدۇ، چەت ئەل تىللىرىنى بىلمەسلىكى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش ئىكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيا بويىچە خادىمى ئەڭ كۆپ 50 شىركەت
2015-12-20 12:41:586665دۇنيادىكى ئەلئېھراملارنىڭ سانى قانچىلىك؟
2016-07-11 01:18:072230دۇنيادىكى 16 چوڭ ھەقسىز مۇزېيغا نەزەر
2015-05-22 12:02:074479ما يۈننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىكى نۇتۇقى
2016-09-07 16:01:346092خەلقئارا جامائەتچىلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا كۆڭۈل بۆ
2015-03-03 16:58:474371‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (2)
2015-07-21 13:23:234807دۇنيادىكى 100 داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت (2015)
2015-10-27 00:56:134973پاكىستان شاھ فەيسال چوڭ مەسچىتى
2015-05-19 13:33:494123
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-