نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (2)

‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (2)

ۋاقتى: 2015-07-21 ئاۋاتلىقى: 4439 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر



كىمكى دۈشمەندىن قىلمىدى ھەزەر،
ئاقىۋەت ئۇنىڭدىن كۆرىدۇ زەرەر.
دوستلار ئارا ئىناق بول، ئىناق،
دۈشمەنلىكنى بىلسەڭ، يىراق بول يىراق.
— پەرىدىدىن ئەتتار
ئەگەر ئوت يالقۇنى ئەۋجىگە چىقتى،
تېز ئۆچۈرمىسەڭ خامانغا چۈشتى.
— خوسراۋ دېھلىۋىي
كىم ئاداۋەت قىلىچىنى ئالسا قېنىدىن،
ئاداۋەت تىغىدا ھالاك بولىدۇ.
— ئابدۇراخمان جامىي
مەي زورلۇق قىلىدۇ قېرى ۋە ياشقا،
مەرد بولساڭ قوغلىۋەت ئۇنى نېرىغا.
— خوسراۋ دېھلىۋىي
خار ۋە خەسنى كۆرسىتەر تۇپراققا گويا شولا – نۇر،
ئىچىملىك ئەھلى ھەۋەسنى ئاقىۋەت رەسۋا قىلار.

— ئابدۇقادىر بىدىل

مەنمەنلىك
※ ھۈنىرىڭگە بولما كۆپ مەغرۇر،
ئايىغىڭدا مۇستەھكەمرەك تۇر.
—ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسى
※ مەجلىستە سىنا ئۇياق – بۇياقنى،
يوتقانغا قاراپ ئۇزات ئاياغنى.
— ناسىر خىسراۋ
※ كىمكى غادىيار مەنمەنلىك بىلەن،
دوستلىرى ئاخىر بولۇشار دۈشمەن.
— پەرىدىدىن ئەتتار
※ ئاچلىقتىن قالمىسا چىدام ۋە تاقەت،
بەزەن ئارپا نانمۇ بولار ناۋات – قەنت.
بېدىل، ئۆزۈمنى ئەسلا داڭلاپ كۆرمىدىم،
كامالەتكە يەتتىم دەپ لاپ ئۇرمىدىم.
يۈز شۈكۈركى، ئەدەب ئىقبالى كۈلۈپ،
ھېچكىمدىن ئارتۇق مەن دەپمۇ يۈرمىدىم.
— ئابدۇقادىر بېدىل
※ ئېشەك كېرىلىدۇ — توقۇمى زەردىن،
بولمىسا نە ئەدەپ بار ئۇندا، نەدىن؟
—ئابدۇقادىر بېدىل


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى