نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نورۇز __ ئۇ قانداق بايرام؟

نورۇز __ ئۇ قانداق بايرام؟

ۋاقتى: 2015-03-15 ئاۋاتلىقى: 3789 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نورۇز

    نورۇز ـــ  بىر خىل تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئىككى خىل تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى.
    يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زېمىندا، يەنى شەرقتە سۇنغار دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىندا ياشىغۇچى ئوتتۇزغا يېقىن مىللەتلەر بۇ كۈننى مىللىي ئەنئەنىۋى بايرام قىلىپ نىشانلايدۇ. بۇ مىللەتلەر تىل جەھەتتىن ئالتاي – ئورال تىللىرى ۋە ھىندى – ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىغا تەئەللۇق بىر قانچە خىل ئائىلىلىرىدە سۆزلىشىدۇ. ئىرقىي ئايرىما جەھەتتىن مۇڭغولوئىد، تۇرانىد ۋە ئارىيان تىپلىرىغا كىرىدۇ. بۇ مىللەتلەر ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جگريانىدا، شەرقتىن غەربكە ۋە غەربتىن شەرققە، شىمالدىن جەنۇبقا كۆچۈپ يۈرۈش ئارقىسىدا، بەزىلىرى ئارىلاش – قۇرىلاش بولۇپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ جخنسىي تىپلىرىغا ۋە تىللىرىغا ئۆزئارا تەسىرلىرى سىڭىشكەن. 
   نورۇز ـــ يەر شارىنىڭ شىمالىي كەڭلىكىدە ئىللىق بەلۋاغ رايونلىرىدا، جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە ئاستىرونومىيەلىك ھادىسە بويىچە بەلگىلەنگەن يىل بېشى. جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە، شىمالىي ئىللىق بەلۋاغ ′23°27 بىلەن ′66°34 پاراللېل سىزىقلىرى ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ. ئاستىرونومىيەلىك ھادىسە جەھەتتە، ۋاقىت – چاغلار ‹‹ئون ئىككى ئۈكەك›› ـــ ‹‹ئون ئىككى بۇرج›› دەپ ئاتىغان. ‹‹ئۈكەك›› ياكى ‹‹بۇرج›› ـــ ‹‹زودىئاك›› ـــ ئاسماندا سەييارىلەر (ئاقراقلار) ھەرىكەت قىلىدىغان چەمبەر يول؛ ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئاسمان فازىسىدىكى چوڭ كۆرۈنمە (كۆرگىلى بولىدىغان) دائىرە، قۇياش مەركىزى ئۆزىنىڭ يىللىق ھەرىكىتىدە مەزكۇر دائىرىنى بويلاپ ھەرىكەتلىنىدۇ. قۇياش ئۆزىنىڭ يىللىق ئايلىنىشىدا، ھەربىر ئۈكەك (بۇرج) نى بىر ئايدا بېشىپ ئۆتىدۇ. ئۈكەك ئون ئىككى يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان. قەدىمكى دەۋردە ئاتا – بوۋىلىرىمىز بۇ ئون ئىككى ئۈكەكنى كۆپىنچە نەرسىلەرنىڭ ناملىرى بىلەن ئاتىغان. 
    قەدىمكى تۈركىي تىلىدا، ئۈكەكلەر قوزا، ئۇي، ئاراندىز (قوشكېزەك)، قۇچىق (قىسقۇچپاقا)، ئارسلان، بۇغداي بېشى، ئۈلكۈ (تارازا)، چايان، يا، ئوغلاق، كۆنەك (سوغا)، بېلىق دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ ئەرەبچە ـ پارسچە تەڭداشلىرى ـــ ھەمەل، سەۋر، جەۋزا، سەرەتان، ئەسەد، سۇنبۇلە، مىزان، ئەقرەب، قەۋس، جەدى، دەلۋە، ھوت دېيىلىدۇ. ئۈكەك (بۇرج) نىڭ مىنتەقىسى، يەنى قۇياشنىڭ ئايلىنىش يولى 360 دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ھەربىر ئۈكەك 30 دەرىجىنى ئىگىلىگەن. ھەربىر دەرىجىنىڭ 60 تىن دەقىقە (مىنۇت) بولۇپ، ھەر دەقىقە 60 سانىيە (سېكۇنت) گە بۆلۈنگەن. 
    ‹‹يەتتە ئاقراق›› (يەتتە سەييارە) ـــ سەكەنتىر (زۈھەل - ساتۇرن)، ئوڭاي (مۇشتەرى ـــ يۇپېتر)، ‹‹كۇرۇد›› (مىررىخ ـــ مارس)، ‹‹ياشىق›› (شەمىس ـــ قۇياش)، ‹‹سەۋىت›› (زۆھرە ـــ ۋېنېرا)، ‹‹ئارزۇ›› (ئوتارۇد ـــ مېركۇرىي)، ‹‹يالچىق›› (قەمەر، ماھ، ئاي) دەپ ئاتالغان. قەدىمكى چۈشەنچىدە، قۇياش بىلەن ئايمۇ سەييارىلەردىن ھېسابلانغان. قەدىمكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز يۇلتۇزلارنى تۆت تادۇ (تۆت ئاناسىر) چۈشەنچىسىگە تەدبىقلاپ، تۆت پەسىل، تۆت تەرەپ، تۆت خىل رەڭ قاتارلىقلارنى ئىپادىلىگەن. ئون ئىككى ئۈكەك (بۇرج) نى تۆت پەسىلگە تەئەللۇق قىلىپ، ھەر پەسىلگە ئۈچتىن يۇلتۇزنى تەقسىم قىلغان. مەسىلەن:
ھەمەل ( قوزا)، سەۋر (ئۇي)، جەۋزا (قوشكېزەك ــ ئاراندىز) يۇلتۇزلىرى ـــ باھار بۇرجى؛
ئەسەد (يولۋاس) سەرەتان (قۇچىق ـــ نەك)، سۇنبۇلە (بۇغداي بېشى) ـــ ياز بۇرجى؛
قەۋس (يا)، مىزان (ئۈلكۈ ـــ تارازا)، ئەقرەب (چايان) ـــ كۈز بۇرجى؛ 
جەدى (ئوغلاق)، دەلۋە (كۆنەك ـــ سوغا)، ھوت (بېلىق) ـــ قىش بۇرجى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تە، بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن:
ئۈچى يازقى يۇلدۇز، ئۈچى يايقى بىل،
ئۈچى كۈزگى يۇلدۇز، ئۈچى قىشقى بىل.
ئۈچى ئوت، ئۈچى سۇۋ، ئۈچى بولدى يەل،
ئۈچى بولدى تۇپراق، ئاجۇن بولدى ئەل.
    ھوت (بېلىق) ئېيى ـــ قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى؛ ھەمەل (قوزا) ـــ باھارنىڭ باشلانغۇچ ئېيى. شۇڭا، دېھقانلار ‹‹ھوت ـــ كەتمەن سېپىنى تۇت››، ‹‹ھەمەل كىردى ـــ ئەمەل كىردى›› دەيدۇ. ھەمەل قۇياشنىڭ يىللىق كۆرۈنمە ھەرىكەت يولىدىكى ئون ئىككى ئۈكەكنىڭ بىرىنچىسى. قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرجىغا كىرىشى ئەتىيازغى تۇرۇم (ئېتىدال ـــ كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتى) غا توغرا كېلىدۇ. بۇرج ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسىدىن باشلىنىپ، قۇياش مەركىزىنىڭ يىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشنى بويلاپ °0 - °360 قىچە ئايلىنىدۇ. ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسى °0 تىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي بۇرج دائىرىسى چارەك (تەربىئ ـــ °90)، ئۈچتىن بىر (تەسلىس ـــ °120)، ئالتىدىن بىر (تەسدىس ـــ °60) گە ئايرىلغان. °0 - °90 قىچە بولغان بۇرجىنىڭ شىمالىي مۇسبەت، جەنۇبىي مەنپىي ھېسابلانغان.
   ئەسلىدە ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسى يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى ـــ نورۇز دەپ ھېسابلىناتتى. شۇڭا، يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى نورۇزدىن باشلىناتتى. شىمالىي قايتىش سىزىقى بارا –بارا جەنۇبقا سۈرۈلۈۋەرگەندىن كېيىن، يىل بېشى ـــ نورۇزنىڭ مىلادىيە كالېندار ئايلارغا توغرا كېلىدىغان ۋاقىتمۇ كەينىگە سۈرۈلۈۋەرگەن، جۇغراپىيون ۋە ئاستىرونوملارنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ سىزىق (ئەسلى نىشان قىلىنغان دەرىجىدىن) جەنۇبقا قاراپ ھەر يىلى 13 مېتىر سۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى بىلەن ئاسمان فازىسىدىكى ئايلىنىش يۈزى ئارىلىقىدىكى يانتولۇق ئېكۋاتۇر بىلەن بۇرج ئارىسىدا بۇلۇڭ ھاسىل قىلغاچقا، شىمالىي قايتىش سىزىقى ھاسىل بولىدىكەن. 1990- يىلىدا، مەزكۇر سىزىقنىڭ جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈۋاتقانلىقى بايقالغان. ئۆلچەش نەتىجىسىدە، باش نىشان نۇقتىسى (ئېكلىپتىكا كوئوردىناتى) تەخمىنەن 1179 مېتىر جەنۇبقا يۆتكەلگەن (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 يىل ئىچىدە ھەر يىلى 13 مېتىردىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن).
    قەدىمكى چاغلاردا، قۇياشنىڭ قوزا (ھەمەل) بۇرجىغا كىرگەن ۋاقتى 3- ئاينىڭ بىرىنچى ئون كۈنىگە توغرا كەلگەن بولسا، 10- ئەسىردىن كېيىن 3- ئاينىڭ 14ـــ 16- كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا، ئون ئىككى مۈچەللىك دەۋرىي يىلنىڭ بىرىنچى يىلى (يەنى چاشقان يىلى) نىڭ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تەخمىنەن 2- ئاينىڭ 8 ـــ 9- كۈنلىرىگە توغرا كېلەتتى. 
    ‹‹جۇنامە›› نىڭ ‹‹يات يۇرتلار›› Ⅱقىسىم، يەنى ‹‹ئاگنى›› (يەنجى) بابىدا، بۇلار ‹‹2- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋە 4- ئاينىڭ 8- كۈنىنى ئۇلۇغلايدۇ›› دېيىلگەن. بۇ كۈنلەر بۇددا ـــ ساكيامونىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى توغرىسىدىكى قىياس بولسا كېرەك. ئەمما ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر›› نىڭ ‹‹ھۇنلار تەزكىرىسى›› بابىدا: 1- ئايدا ئۇلۇغ – ئۇششاق ھەممىسى كەڭرى تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىغا يىغىلىدۇ، دېيىلگىنىگە قارىغاندا، ئەتىيازغى تۇرۇمغا توغرىلانغان ‹‹يىل بېشى›› نىڭ ۋاقتى بارغانچە كەينىگە سۈرۈلۈپ كەلگەنلىكى مەلۇم. 
   ھازىرقى ئاستىرونومىيەلىك ۋاقىت ھېسابى بويىچە، ئەتىيازغى تۇرۇم ـــ نورۇز ھەر يىلى تەخمىنەن 3- ئاينىڭ 20 ـــ 22- كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قۇياش بۇرجىنىڭ °0 (ئەتىيازلىق تۇرۇم نۇقتىسى) غا يەتكەن چاغقا توغرا كېلىدۇ.
    خەنزۇ ۋە باشقا شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىدە بولسا، نورۇز (باھار بايرىمى چاغان)، يىلنىڭ 1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى 30 كۈندىن ھەر ئون كۈننى بىرلىك قىلىپ، شۇ كۈنلەرنىڭ باشلانغان ۋاقتىىغا توغرىلانغان. باھار بايرىمى ـــ باھارنىڭ باشلانمىسى. بۈگۈنكى كۈندە شيا كالېندارى بويىچە نورۇز، يەنى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، يېڭى ئاي تۇغۇلغان كۈنى شيا كالېندارىدا ھەر ئاينىڭ 1- كۈنى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، چوڭ ئاي 30 كۈن، كىچىك ئاي 29 كۈندىن بولۇپ، ئاددىي يىل 12 ئاي 354 ياكى 355 كۈن كېلىدۇ، شۇڭا، ئورتاق يى ھېسابىدىن 10 كۈن 21 سائەت كەم بولغاچقا، ھەر ئۈچ يىلدا بىر كەبىسە، بەش يىلدا يەنە بىر كەبىسە، 19 يىلدا يەتتە كەبىسە كەلتۈرۈلۈپ، كەبىسە يىلى 13 ئاي ھېسابلىنىدۇ. شۇ يول بىلەن باھار بايرىمى قىشقى تۇرۇمدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئاي (بۈگۈنكى كۈنھە شيا كالېندارى بويىچە 1- ئاي) غا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى كالېنداردا، چاغقان، ئۇي، يولۋاس ـــ ئۈچ ئاينىڭ ئاي تۇغقا چېغى يىل بېشى قىلىنغان. بۇ يەردىكى چاغ ـــ قۇتۇپ يۇلتۇزى كۆرسەتكەن چاغ بولۇپ، چاشقان ئېيىدىن تۇڭگۇز ئېيىغىچە ھەر ئايدا بىر چاغ (ئىككى سائەت ـــ 7 ـــ 9 غىچە) سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ.

ھاجى ئىمىن تۇرسۇننىڭ ‹‹نورۇزنامە›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى