نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى

تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى

ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 11767 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى


   ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 38 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 61-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بىر ھەيۋەتلىك مازار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەل شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مازىرىدۇر. مازار چاسا شەكىلدە، گۈمبەزلىك، توغرا لىمسىز بولۇپ، ئېگىزلىكى 14 مېتىر، كەڭلىكى 11 مېتىر، ئىچىنىڭ ئېگىزلىكى 15مېتىر كېلىدۇ. مازاردا قەبرىدىن باشقا ھېچنىمە يوق بولۇپ، پەلەمپەي ئارقىلىق چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. مازارنىڭ ئىشىكى شەرققە قارىتىلغان بولۇپ، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، ئۈستىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ئىككى يېنىغا ئەرەبچە مەدھىيەلەر ئويۇلغان، تاملىرى بىنەپشە، كۆك، ئاق ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان 26 خىل نۇسخىدىكى گېئومېتىرىيەلىك ۋە ئۆسۈملۈك نەقىشى چۈشۈرۈلگەن كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، مازارنى خېلىلا ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن. جەنۇب تەرىپىدە بىر كىچىكرەك قەبرە بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ سىڭلىسى دەپنە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ، ئۇمۇ خېلى مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنداقتا، تۇغلۇق تۆمۈرخان موڭغۇل خانى تۇرسا، مازىرى نېمىشقا ئىسلام ئۇسلۇبىدا ياسالغان؟ ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل خانى ئىدى.
   قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى پەقەت قەشقەر ۋە خوتەن ئەتراپلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن، كۇچا، تۇرپان رايونى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا يەنىلا بۇددا دىنى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىيە 1219-يىلىدىن باشلاپ چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان، 1225-يىلى ئوغۇللىرىغا زېمىن بۆلۈپ بەرگەندە، شىنجاڭ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي قۇرغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. چىڭگىزخان ۋە موڭغۇل خانلىرى ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم موڭغۇل خانلىرى، ئالايلۇق مۇبارەكشاھ ۋە ئەڭ ئاخىرقى خان دارماشىرى تەدرىجىي ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 
   1347-يىلى چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغان. غەربىي چاغاتاي خانلىقى ماۋەرائۇننەھر رايونىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ھوقۇق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەردىكى دوغلات موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى چىڭگىزخاننىڭ 7-ئەۋلادى، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن تۇغلۇق تۆمۈرنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى قىلىپ تىكلەپ، ئالمالىق (ھازىرقى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىدە) نى پايتەخت قىلغان. بۇ ھاكىمىيەت ئۈچ ئەسىر داۋام قىلىپ، مۇسۇلمان تارىخنامىلىرىدە «موغۇلىستان» دەپ ئاتالغان، خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا «بەشبالىق» دېيىلگەن. 
   تۇغلۇق تۆمۈر دوغلات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە خانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن باشقا، يەنە بىر زور تەدبىر سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. 16-ئەسىردىكى قەشقەرلىك تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر يازغان «تارىخىي رەشىدىي» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇفىزىمنىڭ تارقاتقۇچىسى بولغان شەيخ جالالىدىن ۋە ئەرشىدىن خوجا ئاتا-بالا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ دالالىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما، «خانلىق تەختكە ئولتۇرۇپ ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە بولغان» دىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خانلىق تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەرشىدىن خوجا ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن ئالمالىققا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانچە ئەبۇبەكر مۇھەممەد دەپ ئات قويۇپ ئۇنى مۇسۇلمان قىلغان. ئەينى چاغدا شىنجاڭدا تارقالغان دىنلار ئىچىدە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىنى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، ئىسلام دىنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەم كۈچى ئەڭ كۆپ، كۈچى ئەڭ زور دىن بولۇپلا قالماستىن، داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دىن ئىدى؛ ئىككىنچىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ، تەشكىللىك ئىجتىمائىي كۈچلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئوڭاي ئىدى؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسلام دىنىدىكى «غازات» ھەم ئاسانلا دىنىي ئەسەبىيلىك قوزغايتتى ھەم ئىچكى جەھەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە، تاشقى جەھەتتە كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا پايدىلىق ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان دىننى ئەمەس، بەلكى سىياسىينى چىقىش قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن دەرھال ئەرشىدىن خوجا بىلەن دىننى قانداق تارقىتىشنى مەسلىھەتلەشكەن، ئۇلار بارلىق خان، بەگ-ئاقسۆڭەكلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ بېسىمىدا بارلىق خان، بەگ ئاڭسۆڭەكلەر ئىختىيارلىقى بىلەن ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئارقىدىنلا ئۇ ھەرقايسى جايلارغا موللىلارنى ئەۋەتىپ، موڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە قىستىغان. ئۇنىڭ بېسىمى بىلەن 1354-1353-يىللاردا (ھىجىرىيە 754-يىلى) ئالمالىقتىكى 160 مىڭ موڭغۇل ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان. 
   بۇ دەۋردە، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەرشىدىن خوجىنىڭ كۇچادا ئىسلام دىنىنى بۇددا دىنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشىنى قوللىغان، سەمەرقەندكە يۈرۈش قىلغان، قايتىپ كېلىپ يەنە ئالمالىقتىكى خىرىستىيان مۇخلىسلىرى ۋە كۇچادىكى بۇددىستلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. 1363-1364-يىللىرى (ھىجىرىيە 766-يىلى) ئالمالىقتا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە مۇشۇ مازارنى بىنا قىلدۇرغان. 

مازارنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى
   1388-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كەنجى ئوغلى خىزىر خوجا خان بولغان، 1392-يىلى شەخسەن ئۆزى قوشۇن تارتىپ تۇرپاننى بويسۇندۇرۇپ،ئۇنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. 1399-يىلى قومۇلغا ھۇجۇم قىلغان، ئاقىۋەتتە ئۇ ۋە ئەرشىدىن جەمەتىدىن ئەبۇنەسىردىن خوجا ئۆلتۈرۈلۈپ ھۇجۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. مىڭ سۇلالىسى كۈچىنىڭ قومۇلدىن كۆچۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، قومۇلدا بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىمۇ يوقالغان. ئىسلام دىنى بەش ئەسىر تارقىلىش ئارقىلىق ئاخىر بۇددا دىنىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق دىنغا ئايلانغان. 
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى