نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي: خۇشال ياشاشتىكى 20 خىل ئادەت

نىدائىي: خۇشال ياشاشتىكى 20 خىل ئادەت

ۋاقتى: 2015-08-11 ئاۋاتلىقى: 5836 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نىدائىي: خۇشال ياشاشتىكى 20 خىل ئادەت
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەۋسىيە قىلغان خۇشال ياشاشتىكى 20 ئادەت

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



   1. مىنەتدارلىقنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
   قەدەملىرىڭىزنى ئاستىلىتىپ، ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى كۆزىتىپ بېقىڭ. مەسىلەن: يول بويىدىكى گۈللەرنى، دەل-دەرەخلەرنى، ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشنى ۋە باشقىلار. ئۇلار سىزگە خۇش تەبەسسۇم ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
   سىز مىنەتدارلىققا تولغان يۈرىكىڭىز بىلەن تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانسىڭىز، خىيال سۈرسىڭىز ۋە بەخت تىلىسىڭىز، تەبىئىيكى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىسىز.
   2. دوستلىرىڭىزنى ياخشى تاللاڭ.
   شەخسنىڭ بەختلىك بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم تاشقى ئامىل دەل كىشىلىك مۇناسىۋەتتۇر. شۇڭا ناۋادا سىز خۇشال يۈرىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا ئۈمىدۋار دوستلارنى تاللىشىڭىز كېرەك، ئۇلار سىزنىڭ چىن تەرەپلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ ھەمدە تۇرمۇشىڭىزغا رەڭدارلىق ئاتا قىلىدۇ. 
   3. ھېسداشلىقنى يېتىلدۈرۈڭ.
   بىز باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، باشقا بىر نۇقتىدىن مەسىلىلەرنى كۆزەتكەندە، ھېسداشلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيمىز، مەسىلىلەرنى ئوبيېكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايمىز. تۇرمۇشتا بىر قىسىم زىددىيەتلەرنى ئازايتىپ، كۆپرەك خۇشالىققا ئېرىشەلەيمىز.
   4. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىڭ.
   ئۆگىنىش ياشلىقتىكى جەلپكارلىقىمىزنى ساقلاپ، تۇرمۇشىمىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بىز چوڭ مېڭىمىزدىن پايدىلانغاندا، ئانچە خۇشاللىق ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرالمىساقمۇ، ئەمما يەنىلا بىرخىل خۇشالىققا ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىمىز.
   5. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
   خۇشال ئادەملەر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىلىدىغان ئادەملەردۇر.  تۇرمۇشتا رىقابەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزىگە ناچارلىق قىلىشنى خالىمايدۇ-دە، شۈكلەپ كېتىدۇ. ئۇلار دەرقەمتە رىقابەتلىشىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ. مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئادەمگە ئايلىنىش ئارقىلىق، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىرادىڭىز بىلەن مۇھىم ئىشلار ۋە بىۋاسىتە رىقابەتلەردە ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۈرەيلەيسىز. 
   6. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىڭ.
   چوڭلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى خىزمەت بىلەن ئۆتىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن بىز قىلماقچى بولغان ئىشلار بىزنىڭ بارلىق بەخت تۇيغۇمىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناۋادا ھازىر قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ھازىرقى خىزمىتىڭىزدىن خۇشاللىق ۋە مەنە ئىزدەشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ ياكى بىر بىر ساغلام قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈڭ. 
   7. بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ياشاڭ.
   مەيۈسلەنگەن چاغلىرىڭىزدا سىز دەل ئۆتمۈش قوينىدا ياشاۋاتقان بولىسىز. سىز غەم-قايغۇ ۋە ئەندىشە تۇيغۇسىدا بولغىنىڭىزدا سىز دەل كېلەچەكتە ياشاۋاتقان بولىسىز. ئەمما سىز رازىمەنلىك تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ، خۇشال بولغاندا ۋە كۆڭلىڭىز تىنجىغاندا، سىز دەل بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ياشاۋاتقان بولىسىز. 
   8. دائىم كۈلۈمسىرەشنى ئۇنۇتماڭ.
   تەبەسسۇم قىلىش ـــ خاپىلىق ياكى ئۈمىدسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر خىل كۈچلۈك ۋاسىتە. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشۇ ئادەتتىكى لەۋلەردىنمۇ سىزدىكى بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. تۇرمۇشقا بەك جىددىي مۇئامىلە قىلىۋالماڭ. كۈندىلىك رىقابەتلەردىنمۇ يۇمۇرىستىك تۇيغۇنى ۋە تەبەسسۇمنى ئىزدەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. 
   9. ئەپۇچانلىقنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
  ئۆچمەنلىك ۋە خاپىلىق ئۆزىڭىزنى جازالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سىز ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالغىنىڭىزدا، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزگە خەيرىھاھلىق قىلغان بولىسىز. ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھەممەيلەن خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس. پەقەت خاتالىقلىرىمىز ئارقىلىقلا بىز قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىۋالالايمىز. 
   10. باشقىلارغا ‹‹رەھمەت›› دېيىشكە ئادەتلىنىڭ.
تۇرمۇشتىكى بەختتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئاشۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتكەن كىشىلەرگە، مەيلى ئۇ كىچىك ياكى چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلاردىن زوقلىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. 
   11. باشقىلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
   بىزنىڭ بەخت تۇيغۇمىز باشقىلار بىلەن چوڭقۇر ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بارىدۇ. پىكىرداشلىق ۋە دەردۇ-ھالىغا قۇلاق سېلىش ـــ بۇ خىل دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتىشنىڭ ۋە بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئۆزى ۋە باشقىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئىككى مۇھىم نەتىجىسى. 
   12. ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ.
   بىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمىز دەل بىزنىڭ ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلغانلىقىمىز بىلەن تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ. يۈكسەك ئىززەت ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ۋەدىمىزدە تۇرغىنىمىز ياخشى. 
   13. چوڭقۇر خىيال سۈرۈڭ.
   خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز قېتىم چوڭقۇر خىيال قىلىش مەشقىدىن ئۆتكەن ئادەمنىڭ خۇشال بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكىدىن % 20  كۆپ بولىدىكەن. بۇنداق مەشق چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن. مەسىلەن: خىپپوكامپۇستىكى قارا رەڭلىك ماددىنىڭ زىچلىقىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، قۇرۇلما جەھەتتىن ئۆزىنى بىلىشكە، ھېسداشلىق قىلىشقا ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا پايدىلىق.
   14. كۆڭلىڭىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدا بولسۇن.
   بىر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشكەندە، سىز خۇشاللىق ھالىتىدە تۇرغان بولىسىز. بىز بۇ خىل ھالەتتە تۇرغاندا، سىز باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارايدىغانلىقىغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيسىز، ئانچە مۇھىم بولمىغان ئىشلارمۇ سىزگە ئانچە بەك دەخلى قىلالمايدۇ. نەتىجىدە، سىز يەنىلا بەختنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋېرىسىز. 
   15. ئۈمىدۋار بولۇڭ.
   خۇشال كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەينەك شېشە ھەمىشە تولۇق كۆرۈنىدۇ. ھەر قېتىم سىز رىقابەتكە دۇچ كەلگەندە، ناۋادا سىز يامان خىياللارغا مايىل بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا سۇبيېكتىپلىق بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئۆزىڭىزگە بىر ھالەتنىڭ پايدىسىنى ياكى ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئۈمىدۋارلىق چوقۇمكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت تۇيغۇڭىزنى قوزغايدۇ. 
   16. قەلبىڭىزدە شەرتسىز مۇھەببەت بولسۇن.
   دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق كەمچىلىكلىرىڭىزنىمۇ قوبۇل قىلىڭ. يەنە باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ. شەرتسىز ھالدا باشقىلارنى سۆيۈشىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ باشقىلار بىلەن بىرگە بولغانلىقىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شەرتسىز سۆيگۈ ئۇلارنى ھەقىقىي قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدەملىرى بىلەن ئۇلارغا ئۆزىنى ئىزدەشكە ئىلھام بېرىشتۇر. 
   17. ۋاز كەچمەڭ.
   قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىپ بولالماسلىق ۋە ئۈزلۈكسىز مەغلۇبىيەتلەرنىڭ سىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ناۋادا سىز مەلۇم ئىشقا ئىرادە قىلسىڭىز، ئۇنى چوقۇم تاماملاڭ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق ئىشتىن ۋاز كەچمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەغلۇبىيەت ۋاقىتلىق، غەلىبە قىلىش مەڭگۈلۈك بولىدۇ. پەقەت سىز ۋاز كەچسىڭىزلا، تولۇق مەغلۇب بولغان بولىسىز. 
   18. ئۆزىڭىزنى ئەڭ ياخشى لايىھەلەڭ.
   ھەممەيلەندە چەكلىمىلىك بولىدۇ. ئەمما بەزىدە بىر ئىشلارنى شۇنچە تىرىشىپ قىلساقمۇ، ئىشلار ئويلىغان يېرىمىزدىن چىقمايدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنى ئوبدان لايىھەلەپ، ئاندىن ئەركىنرەك بولغىنىمىز ياخشى. سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشقانكەنسىز، ئەپسۇسلىنىشىڭىز قالمايدۇ. 
   19. ئۆزىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ.
ساغلام بەدەن بەختنىڭ ئاساسى. ناۋادا ساغلام بولمىسىڭىز، قانداقلا تىرىشقان بىلەن، ھەقىقىي خۇشال بولالىشىڭىز ناتايىن. ئوبدان يەپ، ئىچىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇڭ، پۇرسەت بولسىلا ئارام ئېلىڭ. بەدىنىڭىزدىن، مېڭىڭىزدىن ۋە روھىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ.
   20. ئاتا قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
   ياخشى ئىش قىلىش ـــ ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشتىكى ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كىشىلەر ياخشى ئىش قىلغاندا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى روھلىنىپ، بەئەينى ياخشى ئىشىڭىز تۈپەيلى مۇكاپاتلىنىۋاتقاندەك ھاياجانلىق كەيپىياتقا چۆمىدىكەن. شۇڭا، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشىلەردىن تېخىمۇ خۇشال يۈرەلەيدىكەن. 

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى