توقسۇ ئاياللىرى تاماق ئېتىشتە مۇسابىقىلەشتى
-
توقسۇ ئاياللىرى تاماق ئېتىشتە مۇسابىقىلەشتى
ۋاقتى: 2015-05-29 ئاۋاتلىقى: 3654 قېتىميانفوندا كۆرۈش
5-ئاينىڭ 28-كۈنى، توقسۇ ناھىيە پەيشەنبەبازار يېزا ئارامەھەللە كەنتىدە دېھقان-چارۋىچى ئاياللىرىنىڭ تاماق ئېتىش ماھارىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نۇرگۈل مەمەت، جەننەتگۈل نىيازلار خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، توقسۇ ناھىيە پەيشەنبەبازار يېزا ئارامەھەللە كەنتىدە دېھقان-چارۋىچى ئاياللىرىنىڭ تاماق ئېتىش ماھارىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن 58 نەپەر ئايال قاتناشتى.ئۇلار ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن پولو، لەغمەن، گۆشنان، كاۋاپ، ئۈجمە ھالۋىسى، پىلتە قۇيماق، ساڭزا، قوناق چۆچۈرىسى، ھەرخىل تۈرمەللەر، پۆرە، لەڭپۇڭ، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىقلار، غەربچە تائاملاردىن توخۇ قوردىقى، ئايكۆز، مېۋە سالات، قوناق پوشكىلى، تۈركىيە بېلىقى، راك قورۇمىسى قاتارلىق تائاملارنى تەييارلاپ، ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە دېھقان-چارۋىچىلار، يېزا كادىرلىرى، خىزمەت ئەترىتىدىكى بارلىق كادىرلار بولۇپ جەمئىي 300 دىن ئارتۇق كىشى تاماققا داخىل بولدى.مۇسابىقىدە، تاماقلارنى باھالاش ئارقىلىق 10 نەپەر ماھىر 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 10 نەپەر ماھىر 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 10 نەپەر ماھىر 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 28 نەپەر ماھىر ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.مۇسابىقىدە، قولى گۈل ئاياللىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېتىپ، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشىگە، ماختىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلدى.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئامېرىكىنىڭ 63 پارچە مەخپىي ھۆججىتى (1-ھۆججەت)
2015-03-04 21:55:06364013 نەپەر پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ بايلىقى
2015-06-17 11:11:064226پوۋېست: قارا يۈرەك - 6 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:21:253867ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى قولدىن بەرمەڭ
2015-03-03 13:05:453531‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە جۇ يەنپ
2015-02-27 15:46:423215داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (19)
2015-03-01 22:42:543475دۇنيادىكى ئەڭ قارا، ئەڭ ئېگىز مىللەت __ دىنكالار
2016-05-24 16:24:371511كوچىلاردىكى ساختا مەسچىتكە پۇل يىغقۇچىلار
2015-06-04 15:33:404599
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-