نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى قولدىن بەرمەڭ

ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى قولدىن بەرمەڭ

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 3567 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭ
*
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
*
    ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشمۇ بىر خىل ئىقتىدار، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدىكى مۇقەررەر باسقۇچ. ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى كېڭەيتكەندە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشى، يۇرتى، ئوقۇغان مەكتىپى، قىزىقىشى،  مىجەز-خاراكتېرى ۋە باشقا ئالاھىدە تەرەپلىرى ھەققىدە باشقىلارغا ئاغزاكىي ياكى يازمىچە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر بىرەر سورۇندا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، تىلىنى چايناپ ۋاقىتنى ئېلىپ كىشىنى بىزار قىلىدۇ ياكى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، شۇغۇللىنىدىغان كەسپىنىمۇ ئوڭلاپ دېيەلمەي كېكەچلەپ ئولتۇرىدۇ.        مەن ئادەتتە پائالىيەتلەردە، سورۇنلاردا تىلىنى چايناپ نۇرغۇن باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالغان كىشىلەردىن ئەڭ بىزار. بەزىلەر ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنسا، ئىسمىنىلا دەپ قويىدۇ، قالغانلىرىنى رىياسەتچى بىرنى سورىسا بىرنى، ئىككىنى سورىسا ئىككىگە جاۋاب بېرىپ ۋاقىتقا خىيانەت قىلىدۇ، بەزىلەر ھەممىنى دېسىمۇ ئىسمىنى دېمەيدۇ، بەزىلەر پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ، بەزىلەر ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش دەپ ئويلاپ، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلارنى ھاكاۋۇر، مەنمەنچىگە چىقىرىۋېتىدۇ. ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىش ئىككى ئىش. ئىجتىمائىي پائالىيەتكە كۆپ قاتنىشىدىغانلار، ئاخباراتچىلار، كارخانىچىلار، رىياسەتچىلەر، لېكتور، لېكسىيەچىلەر، ئىستۇدېنتلار، مەسلىھەتچىلەر ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا ماھىر بولۇشى، ئۆزى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەڭ ئىخچام ھالەتتە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى بىلىش بۈگۈنكى زاماندا كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ بەلكىم ھېچكىم دىققەت قىلمىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. مەن دوستلارنىڭ مۇشۇنداق پۇرسەت كەلگەندە دادىللىق بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى (جۈمە)
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى