بەدەل ئارت قەدىمىي تۇرى
-
بەدەل ئارت قەدىمىي تۇرى
ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 3995 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بەدەل ئارت قەدىمىي تۇرى
بەدەل ئارت قەدىمكى تۇرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلۇ تۇرىنىڭ ئەسلىي ئورنى . ئۇ ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىىدىكى بەدەل داۋىنىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان . قەدىمكى تۇرنىڭ كەينىدە تەڭرىتېغى ، يېقىن ئەتراپىدا بەدەل دەرياسى بولۇپ ، يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئېگىز ، كەڭ دائىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ . قەدىمكى تۇرنىڭ ئۇلى 10 × 13 مېتىر ، قالدۇق ئېگىزلىكى يەتتە مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ . بۇ تۇرنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى خاڭدالغان توپا بىلەن شېغىل قاتلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ياغاچ ۋە يۇلغۇن باستۇرۇلغان ، خاڭدالغان قاتلامنىڭ قېلىنلىقى 12 سانتېمىتىرغىچە كېلىدۇ . قەدىمكى تۇرنىڭ ئۈستىدە ياغاچ كۆمۈر كۈلى بار . بۇ تۇردىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا يەنە بىر قەدىمىي تۇر بولۇپ ، ئۈستىدە بىر نەچچە تال ياغاچ تۈۋرۈك بار . بۇ تۇرلارنى بويلاپ داۋاملىق ئالدىغا ماڭغاندا ، بەدەل داۋىنىدىن ئاشقىلى بولىدۇ . قەدىمكى تۇرنىڭ يېقىن ئەتراپىدا قەدىمىي قەبرىستانلىق ۋە تۆگە ، ئات ، ئېشەكلەرنىڭ سۆڭەكلىرى بايقالدى . تۇرنىڭ شېغىل قاتلىمىدىكى ياغاچلارنىڭ يىلىنى كاربون 14 ئارقىلىق ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇلارنىڭ دەۋرى بۇنىڭدىن90 ± 1645 يىل بۇرۇن بولۇپ ، مۇتلەق دەۋرى 4–ئەسىرنىڭ ئالدى – كەينىگە ، يەنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ . بەدەل داۋىنىدىكى قەدىمكى يول خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىدىن سۇياب دەرياسىغا بارىدىغان مۇھىم يول بولۇپ ، ‹‹يېڭى تاڭنامە ، جۇغراپىيە تەزكىرىسى ›› دە خاتىرىلەنگەن سۇلۇ تۇرى قەدىمكى يولى دېگەنگە ماس كېلىدۇ .
— ‹‹شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار جەۋھىرى››دىن ئېلىندى
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تۇرپاندا بايقالغان قەدىمكى پۇللار
2015-04-07 15:27:184148جالالىددىن رۇمىي ھېكمەتلىرىدىن
2015-04-09 11:57:464060ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى ـــ ئەزىز ياسىن
2015-04-28 12:41:104298داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (6)
2015-03-01 12:10:0235802016-يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
2015-12-11 01:19:024050داڭلىق رىياسەتچى بىلەن بالىنىڭ سۆھبىتى
2015-03-03 13:11:134684داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (9)
2015-03-01 20:58:343547مارس جىلغىسىنىڭ 3D سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى
2015-08-18 16:03:144647
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-