نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جالالىددىن رۇمىي ھېكمەتلىرىدىن

جالالىددىن رۇمىي ھېكمەتلىرىدىن

ۋاقتى: 2015-04-09 ئاۋاتلىقى: 4076 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ھېكمەتلىرىدىن


★ ئوخشاش تىلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس، ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولغانلار ئىتتىپاقلىشالايدۇ.
★ ئىشىق دەۋاغا، جاپا چېكىش شاھىتقا ئوخشايدۇ. شاھىتىڭ بولمىسا دەۋادا ئۇتالمايسەن.
★ ئەقىللىق ئادەم ھەر ئويلىغىنىنى سۆزلىمەيدۇ، ئەمما ھەر سۆزلىگىنىنى ئويلايدۇ.
★ سەن بىرىنى چۈشەنمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ ئارىلاشقان دوستلىرىغا قارا!
★ بىر شام يەنە بىر شامنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ نۇرىدىن بىر نەرسە يوقاتمايدۇ.
★ تۈنۈگۈنگە ئائىت ھەممە نەرسە تۈنۈگۈن بىلەن كەتتى. بۈگۈن يېڭى نەرسىلەر سۆزلەش كېرەك.
★ پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپىسى ئىنسانلارنىڭ گۇمان ۋە شۈبھىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ ھىكمىتى بولسا، ئىنساننى بۈيۈكلەرگە ئۇلاشتۇرىدۇ.
★ گۈزەل يۈز ئەينەككە ئاشىقتۇر.
★ دۇنياغا ھەممە ئادەم قارىمىغان تەرەپتىن قارا.
★ ئىنسانلار گۈللەر ئارىسىدا تىكەنلەرنىڭ بولغانلىقىدىن شىكايەت قىلغۇچە، تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدا گۈللەرنىڭ يارىتىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشى لازىم.
★ قانائەتتىن ھېچكىم ئۆلمىدى. ھېرىس(ئاچكۆزلۈك) بىلەنمۇ ھېچكىم پادىشاھ بولمىدى.
★ يامانلارنىڭ ماختىلىشى ئەرشنى تىترىتىدۇ.
★ مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت ئىنسانلىقنىڭ، غەزەپ ۋە شەھۋەت ھايۋانلارنىڭ سۈپىتىدۇر.
★ نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
★ سەن قانچىلىك بىلسەڭ بىل، سۆزلىگەنلىرىڭ قارشىڭدىكىلەرنىڭ چۈشىنەلىگىنىچىلىكتۇر.
★ ئۆلۈمىمىزدىن كېيىن بىزنىڭ قەبرىمىزنى يەردىن ئىزدىمەڭلار. بىزنىڭ قەبرىمىز ئارىفلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىدۇر.
★ سەن ئۈچۈن باشقىلارنى تەرك قىلغان ئادەم، باشقىلار ئۈچۈنمۇ سېنى تەرك قىلىدۇ.
★ يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭدەك بول.  

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى