نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

2016-يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

ۋاقتى: 2015-12-11 ئاۋاتلىقى: 4107 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ 2016-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى


ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار:
گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ھازىر 2016-يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش ۋاقتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:
1. يېڭى يىل: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇيۇپ بېرىلىپ، شەنبە-يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
2. چاغان: 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى (شەنبە)، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
3. چوكانتال بايرىمى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇيۇپ بېرىلىپ، شەنبە-يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇيۇپ بېرىلىدۇ، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) تولۇقلاپ قۇيۇپ بېرىلىدۇ.
5. تاڭزۇڭزا چاغىنى: 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قۇيۇپ بېرىلىدۇ. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
6. تاۋۇز چاغىنى: 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قۇيۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
7. دۆلەت بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن قۇيۇپ بېرىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە)، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
ھېيت-بايرام مەزگىلىدە، ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار نۆۋەتچىلىك ۋە بىخەتەرلىك، ئامانلىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى موۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زور ۋەقەلەر كۆرۈلگەندە بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھېيت-بايراملارنى ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى