نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مالايشىيانىڭ بىتەلەي ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقى تېپىلدى

مالايشىيانىڭ بىتەلەي ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقى تېپىلدى

ۋاقتى: 2015-08-06 ئاۋاتلىقى: 3872 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مالايشىيا رېئۇنىئون ئارىلىدىكى ئايروپىلان پارچىلىرىنىڭ MH370 نىڭ ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىب شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 29-ئىيۇل فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى رېئۇنىئون ئارىلىدا بايقالغان ئايروپىلان پارچىلىرىنىڭ مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا تەۋە ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
    شىنخۇا تورى، كۇئالالۇمپۇر، 6-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىب شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 29-ئىيۇل فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى رېئۇنىئون ئارىلىدا بايقالغان ئايروپىلان پارچىلىرىنىڭ مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا تەۋە ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
    نەجىب شۇ كۈنى سەھەردە كۇئالالۇمپۇردا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۈگۈن يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكىنىگە 515 كۈن بولدى، مەن چوڭقۇر قايغۇلۇق ھېسسىيات بىلەن سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىر خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى رېئۇنىئون ئارىلىدا بايقالغان ئايروپىلان پارچىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. نۆۋەتتىكى ئىسپاتلاردا ئايان بولۇشىچە، MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئورۇن جەنۇبىي ھىندى ئوكياننىڭ ئاخىرىغا توغرا كېلىدىكەن.
    نەجىب مۇنداق دېدى: مالايشىيا ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشقا ۋەدە بېرىدۇ.
    مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، فىرانسىيە خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئانالىز ئىدارىسى، مالايشىيا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە جۇڭگو ۋە ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن تېخنىكلار فىرانسىيەنىڭ تولوزدا فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى رېئۇنىئون ئارىلىدا بايقالغان ئايروپىلان قانىتى پارچىسىنىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئورتاق دەلىللىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يوقاپ كېتىش سىرىنى ئېچىشتىكى زور بۆسۈش.

    2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مالايشىيا كۇئالالۇمپۇردىن جۇڭگونىڭ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكەن، ئايروپىلاندا جەمئىي 239 نەپەر يولۇچى بار ئىدى. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى مالايشىيا خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچىلارنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

 


 


 


 


 


 


 


 
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى