نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹غەربكە ساياھەت››تىكىلەرنىڭ ئۇنۋانلىرى

‹‹غەربكە ساياھەت››تىكىلەرنىڭ ئۇنۋانلىرى

ۋاقتى: 2015-04-13 ئاۋاتلىقى: 5037 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېمىسى: ‹‹غەربكە ساياھەت››تىكى تۆتەيلەننىڭ ئۇنۋان-ئەمەللىرى


فىليەتۇن


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



   ‹‹غەربكە ساياھەت›› فىلىمىدىكى تۆتەيلەننى ھەممەيلەن بىلىمىز. ئۇلار ئاشۇ تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەندىن يولغا چىقىپ يىراق ئەنەتكەككە بېرىپ نوم ئەكىلىش ئۈچۈن 18 مىڭ چاقىرىم يول باستى، توققۇز يەردە توققۇز جەمئىي سەكسەن بىر قېتىم رىيازەت چەكتى، تالاي قېتىملاپ يول بويى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ زەھەرخەندە ھۇجۇملرىغا ئۇچراپ، سەپىرى ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارغا دۇچار بولدى. شۇنداقتىمۇ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، نوم ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئامىتابۇتا ۋەكىللىكىدىكى گۆھەرنىشىن ئىبادەتخانىسىدىكىلەرنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە سازاۋەر بولغانىدى. بۇنى بىز تېلېۋىزۇردىنمۇ كۆرگەن، كىتابلىرىدىنمۇ ئوقۇغان. ئەمما ئۇلار نومنى ئېلىپ چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامىتابۇتا بەرگەن ئازغىنە ئۇنۋانغا ئانچە رازى بولمىدى. بۇ پادىشاھ تاڭ تەيزۇڭنىڭ قاتتىق بېشىنى قاتۇردى. ئۇ شۇنداق قىلىپ ئوردىنىڭ بارلىق ۋەزىر-ۋۇزرالىرى، ئۇلۇغ-ئۇششاق، يۇقىرى-تۆۋەننى بىراقلا جەم قىلىپ، بۇ تۆتەيلەننىڭ نوم ئەكىلىشتىكى تۆھپىسىنى تارتۇقلىدى. 
   تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭ تاڭ سېڭ، سۇن ۋۇكۇڭ، جۇ باجيې، شاسېڭ قاتارلىق تۆتەيلەنگە مۇنداق ئۇنۋان-ئەمەللەرنى ھەدىيە قىلدى. بۇنى ئوردا جاكارچىسى ئېلان قىلدى.

   تاڭسېڭغا مۇنداق ئۇنۋان-ئەمەللەر ھەدىيە قىلىندى:


   مېھىر-شەپقەت ئەلچىسى، تاڭ سۇلالىسى خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، خەلقلەر دوستلۇق ئەلچىسى، چاڭئەن-ئەنەتكەك بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، كاسايا مەدەنىيەت يىلىنىڭ تەشەببۇسچىسى، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى، ئىخلاسمەن ئارخات تاڭ تەيزۇڭنىڭ تۇتۇق ئىنىسى، تاڭ سۇلالىسى ئوردا بۇتخانىسىنىڭ باش راھىبكالانى، تاڭ سۇلالىسى بۇددا دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، «غەربكە ساياھەت» نوم ئەكىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، «غەربكە ساياھەت» سەييارە خەير-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، خەير-ساخاۋەت ئەترەتلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، «بۇددا ئەقىدىسى» ئىلىم مۇنبىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، «چاڭئەنلىكلەر» تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ھاياتلىققا كۆڭۈل بۆلگۈچى، مەشھۇر خۇشئاۋاز ۋەز-تەبلىغچى.
   ئۇ گۇرۇپپىنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە مەسئۇل.

   سۇن ۋۇكۇڭغا مۇنداق ئۇنۋان-ئەمەللەر ھەدىيە قىلىندى:


   تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىپتىخارى، چىمەنتاغلىقلارنىڭ پەخىرلىك مايمۇنى، ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم، ئۇز مايمۇنشاھ، «ئالتۇن گۈرزە» مەدەنىيەت يىلىنىڭ تەشەببۇسچىسى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكۈچى، ئاناسىر تېغىنى تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلغۇچى، «غەربكە ساياھەت» نوم ئەكىلىش گۇرۇپپىسى قوغدىنىش بۆلۈمى ئالۋاستى يوقىتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى، سىياسىي كومىسسارى، ئەرش ئوردىسىنىڭ سابىق مىراخورى، ئەرش ئوردىسى توغاچلىقىنىڭ سابىق باغۋىنى، ستارشىي لېيتنانت، چىمەنتاغ كەنتىنىڭ سابىق باشلىقى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سۇ پەردىلىك غارىنىڭ بايقىغۇچىسى، «ئالتۇن گۈرزە» خەير-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ‹‹ماھارەتتە تەڭداشسىز، شۇنداق يامان مايمۇنمەن، ئالۋاستىنى تۇتالماي، بۇدساتۋاغا دادلايمەن›› ناملىق ناخشىنىڭ ئىجراچىسى.
   ئۇ قوشۇمچە تاڭ سېڭنىڭ ئېتىنى يېتىلەشكە مەسئۇل.

   جۇ باجيېغا مۇنداق ئۇنۋان-ئەمەللەر ھەدىيە قىلىندى:


   تاڭ سۇلالىسىنىڭ پەخرى، گاۋلاۋجۇاڭ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، چوشقىلار بايرىمىنىڭ تەشەببۇسچىسى، «غەربكە ساياھەت» نوم ئەكىلىش گۇرۇپپىسى قوغدىنىش بۆلۈمى ئالۋاستى يوقىتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەرش ئوردىسىنىڭ سابىق سەرلەشكىرى، 80 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق قوماندانى، پودپولكوۋنىك، «توققۇز چىشلىق تىرنا» خەير-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ‹‹سەككىز پەرھىز›› ساغلاملىق سالونىنىڭ قۇرغۇچىسى.
   ئۇ قوشۇمچە ئاشلىق، ياغ، تاماق ئىشلىرىغا مەسئۇل.

   شاسېڭغا مۇنداق ئۇنۋان-ئەمەللەر ھەدىيە قىلىندى:


   تاڭ سۇلالىسىنىڭ پەخرلىك ئوغلانى، ليۇشاخې دەرياسىنىڭ پەخرى، دەريا ئالىمى، دەريا مەدەنىيەت يىلىنىڭ تەشەببۇسچىسى، «غەربكە ساياھەت» نوم ئەكىلىش گۇرۇپپىسى قوغدىنىش بۆلۈمى ئالۋاستى يوقىتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، يۈك-تىرانسپورت ئەترىتى يۈك كۆتۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ليۇشاخې دەرياسىنىڭ سابىق مىرابى، «ئاي پالتا» خەير-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. 

   ئۇ قوشۇمچە تاڭسېڭ سۇن ۋۇكۇڭنى قارغاپ چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇغاندا سالاچىلىققا مەسئۇل.

   بۇ تۆتەيلەننىڭ كېيىنكى تەقدىرى

   بۇ تۆتەيلەن مانا ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ئەمەل-ئۇنۋانلارغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئۆزىنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي قالدى. مەيلى قانداقلا يىغىلىش، سورۇنلارغا بارمىسۇن، ئۇلارنى ئاشۇ نام-ئەمەللىرى بىلەن ئاتاش زۆرۈر ئىدى، بىرسى كەم ئاتىلىپ قالسا، ئېغىر گۇناھ ھېسابلىناتتى. سورۇنلاردا قىلىپ سالغان گەپ-سۆزلىرىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىممەتلىك دۇردانىلەر كەبى تۇيۇلۇپ كېتەتتى. ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ نام-ئەمەللىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ئاددىي-ساددا يۈرىدىغان بۇ تۆتەيلەن مانا ھازىر ھەقىقىي تۈردە ساختا شان-شۆھرەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغانىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ تۆتەيلەن كېيىنچە چاغلاردا يۇقىرىقى ئۇنۋان-ئەمەللەرگىمۇ رازى بولمىغانمىش، تاڭ تەيزۇڭنىڭ يەنە قانداق ئۇنۋان-ئەمەللەرنى بېرىشنى بىلمەي، بېشى قېتىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانمىش. ئاخىرى ئۇلار چاڭئەندە بىزگە ماس كەلگۈدەك ئۇنۋان-ئەمەللەر يوقكەن دەپ نەدىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە كەتكەنمىش. 




Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى