نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جالالىدىن رۇمىي: نەينامە (شېئىر)

جالالىدىن رۇمىي: نەينامە (شېئىر)

ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 3914 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نەينامە  【1】    
*
جالالىدىن رۇمى
*
سال قۇلاق، نەي ھېكايەتلەر قىلۇر،
ئايرىلىشلاردىن شىكايەتلەر قىلۇر.
*
مەن قۇمۇشلۇقتىن جۇدا بولدۇم قاچان،
ئەر-ئايال مەنچۈن چېكەر نالە-فىغان.
*
بىر يۈرەك تاپسام ئىدىم دەرد تىلغىغان،
ئىشق ئازابىدىن ئەتكىلى بىر-بىر بايان.
*
كىمكى قالسا ئۆز ئەسلىدىن ئايرىلىپ،
كۈنى ئۆتەر ۋىسال يولىدىن قىدىرىپ.
*
چەكتىم ھەربىر جەمئىيەتتە ئاھۇ-زار،
ياخشىغىمۇ، يامانغىمۇ بولۇپ يار.
*
ئۆز ئويىچە ماڭا دوست بوپ يۈرگەنلەر،
ئىچ سىرىمغا ھېچ ئان ئەمەس با خەبەر.
*
نالە-زارىم ئىچ سىرىمنىڭ بايانى،
كۆز قۇلاقلار بىلىپ بولمايدۇ ئانى.
*
جان بىلەن تەن قوشماق كېلۇر ئۆزئارا،
ئەمما جاننى كۆرمەك ھەر ئان ناراۋا.
*
نە شامال، بىر ئوت ئېرۇر بۇ نەي ئۈنى،
كىمدە ئوت يوقتۇر يوقالسۇن بىر يولى.
*
ئىشق بىر قايناقتۇر خۇددى مەي ئارا،
ئىشق بىر ئوتتۇركى كۆيگەن نەي ئارا.
*
نەي يارىدۇر يارىدىن قول ئۈزگەننىڭ،
پەردە يىرتىپ باغرىمىزغا چۆككەننىڭ.
*
نەيچىلىك تىرياق، زەھەرنى كۆرمىدىم،
نەيچىلىك بىر دىل ئۇتارنى كۆرمىدىم.
*
قانلى يوللاردىن بايان ئەيلەيدۇ نەي،
مەجنۇن ئىشق قىسسەسىن سۆزلەيدۇ نەي.
*
بىزدە باردۇر نەيگە ئوخشاش قوش ئاغىز،
بىر ئاغىز ئاستىدا پىنھان، باقسىڭىز.
*
بىر ئاغىز پەرياد قىلۇر سىزلەر تامان،
ئەكس سادادىن لەرزىگە كېلۇر ئاسمان.
*
لېكىن بىلگەي قەلب كۆزى ئوچۇقلار،
ئۈستۈن ئاغىز دەردى ئاستتىن باشلىنار.
*
لېكىن بىلگەي ئاغىز تىنىقى نەي شاۋقۇنى،
لېكىن ئانىڭ غەۋغاسىدىن روھ سۈرەنى.
*
كىم بۇ ھوشقا يار، قالۇر ئۆز ھوشىدىن،
سۆز خەرىدارى قۇلاقتۇر ئەسلىدىن.
*
بولمىسا نەي نالەسىنىڭ پايدىسى،
پۈۋلىشەر بولماستى دۇنيا بۇنچەكى.
*
قايغۇمىزدىن كۈنلەر يەتتى پايانغا،
ھەربىر كۈننىڭ باغرىدا ئوت بۇ ئانغا.
*
كۈنلەر گۆرگە كەتسۇن، ھېچ گەپ يوق،
سەنلا قالغىن، سەندە يارام ھېچ گەپ يوق.
*
بېلىقلار ھەر ئان ئۆتەر سۇسىراپ،
ئاچ ئادەمنىڭ كۈنى كەتكەي ئۇزىراپ.
*
ھالى خاملار پىششىقلارنى چۈشەنمەس،
گەپنى قىسقا قىلدۇق، ئەمدى يېتەر، بەس.
*
مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ھەزرەتنىڭ «مەسنەۋى شېرىپ» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى
*
ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى