نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەنگلىيە تارىخىدىكى مەشھۇر رەسسام ـــ فرېدېرىك لېيتون

ئەنگلىيە تارىخىدىكى مەشھۇر رەسسام ـــ فرېدېرىك لېيتون

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 6009 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەنگلىيە تارىخىدىكى مەشھۇر رەسسام ـــ فرېدېرىك لېيتون


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



فرېدېرىك لېيتون ئەنگلىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى گۈزەلچىلىك رەسساملىق ئېقىمىدىكى ئەڭ داڭلىق رەسسام بولۇپ، ئەنگلىيە رەسساملىق تارىخىدا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ئۇ 1830-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيەدە بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاساسەن رۇسىيەدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ بوۋىسى خان ئوردىسىنىڭ تېۋىپى بولۇپ، ئۇ بىر مەھەل تېۋىپلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئەينى ۋاقتىدىكى نىگۇلاس تەختكە چىققاندىن كېيىن رۇسىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن. كېيىنچە، گېرمانىيەنىڭ بېرلېندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. بېرلېندا لېيتون شۇ جايدىكى ئىنىستىتۇتتا ئوقۇيدۇ. 1843-يىلى، ئۇ فرانكفورتقا ئەۋەتىلىدۇ، 1844-يىلى قىشتا يەنە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە فلورېنساغا كېلىدۇ. فلورېنسادا ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلايدۇ. 1849-يىلى، لېيتون پارىژدا قىسقا مۇددەت ئۆگىنىشتە بولىدۇ ھەمدە شۇ جايدىكى داڭلىق مۇزېيلاردىكى گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىدىن زوق ئالىدۇ. ئۇ بارا-بارا ئىتالىيە ۋە ئىتالىيە سەنئىتىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. لېيتوننىڭ ئەنگلىيەلىكلەرگە تونۇش بولغان تۇنجى رەسىمى ‹‹فلورېنسا كوچىسىدىكى قوشۇن كىمابۇدا كۆتۈرۈۋالغان مەريەم ئانىنىڭ رەسىمى›› بولۇپ، بۇ رەسىم 1855-يىلى خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىدە كۆرگەزمە قىلىنغان.

لېيتوننىڭ بۇ رەسىمى زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ، كېيىن ۋېكتورىيە ئايال پادىشاھ ئۇ رەسىمنى سېتىۋالىدۇ. تاكى 1860-يىلىدىن بۇرۇن، ئۇ لوندوندا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. 1864-يىلى، لېيتون ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى غەيرىي رەسمىي ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى كىلاسسىك ئەپسانىلەر ۋە تارىخىي ھېكايىلەردىكى گۈزەل كارتىنىلارنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. ئاشۇ يىللاردا، لېيتون رەسساملىقتا ئىنتايىن تېز كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇنىڭ تېز يازما ۋە مەشق ئەسەرلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىدۇ. 1877-يىلى، ئۇنىڭ ھەيكەل ئەسىرى ‹‹يېنىك ئاتلىتكا تەنھەرىكەتچىسى ۋە بوغما يىلانلارنىڭ ئېلىشىشى›› خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

لېيتون يەنە 1887-يىلى ‹‹يىللىق خاتىرە مېدالى››نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى لايىھەلىگەن. ئۇنىڭ نۇرشۇن ئەسەرلىرى تا بۈگۈنگىچە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىدە ساقلانماقتا.

تۆۋەندە لېيتوننىڭ رەسىم ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى!






بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى