كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
-
كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ۋاقتى: 2015-03-16 ئاۋاتلىقى: 4131 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب — بىلىم بۇلىقى. ئادەم كىتاب ئۇقۇسا روھىي ئوزۇققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بىلىمىمۇ ئاشىدۇ، شۇنداقلا سالامەتلىكىمۇ پايدىلىق . كىتاب ئۇقۇش بىلەن سالامەتلىك قارىماققا ئىككى خىل ئۇقۇمدەك كۆرۈنسىمۇ، پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىتاب ئوقۇش بىلەن سالامەتلىك ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن مۇئەييەن باغلىنىش بار.گېرمانىيىلىك دوختۇرلار ئاغرىقلار ئۈچۈن كۇتۇپخانا قۇرۇپ ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتكەن.ئىتالىيە ‹‹ شىپالىق شېئىر چەكلىك شىركىتى›› نى قۇرۇپ ، ھەرخىل كېسەلگە مەلۇم دەرىجىدە شىپالىق رولى بار، دەپ قارالغان شېئىرلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.ئۇنداقتا كىتاب ئوقۇشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟1. چوڭ مېڭنىڭ فۇنكىسىيەسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىشىنى تېزلىتىدۇ.كىتابتا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى، ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا ۋە سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارى تولۇق تەڭشىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇلۇپ، روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.2. ئادەمنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.بىزدە: ‹‹ بىر ياخشى كىتاب ئوقۇساڭ، نۇرغۇن ئالىيجاناپ كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بولىسەن›› دېگەن گەپ بار. ئادەم بىر ياخشى كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن يېڭى تۇيغۇ، يېڭى بىلىم، يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. كىتابتا سۆزلەنگەن ۋەقەلىكلەر، گۈزەل ئەسلىمىلەر، ئېسىل بايانلار ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ، ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئۈمىدسىزلەنگەندە ياكى بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا ئىمكان بار كىتاب ئوقۇپ بەرسە، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە بولمىغۇر خىياللارنى ئۇنتۇپ، روھى كۆتۈرلۈپ، ئۈمىدكە تولىدۇ. بۇ ھەقتە ماركىس: «بىرخىل ياخشى كەيپىيات فىزىيولوگىيەلىك چارچاش ۋە ئازابنى 10 خىل ئېسىل دورىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تۇگىتەلەيدۇ» دېگەن.3. بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تۇرمۇش بىلىملىرى، تېببىي ساۋات، ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاشقا دائىر مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنىڭ ئوقۇسا، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى توۋەندىكىچە: (1) كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىمارلارنىڭ تېبابەتچىلىككە ئائىت بىلىمى ئېشىپ شۇ خىلدىكى كېسەللىك توغرىسىدا بەزى مۈجىمەل، خاتا كۆز قاراشلارنى تۈگىتەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا قوللىنىدىنغان ئۇسۇللارنى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى تېخىمۇ ئەتىراپلىق چۇشىنىۋالالايدۇ. دوختۇرلار بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسلىھەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، داۋالىنىشتا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرالايدۇ. (2) كىتاب ئوقۇش ئارقىلق قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، ئۆزىنى ئەيىبلەش قاتارلىق روھىي ھالەتنى تۈگەتكىلى ۋە ساقىيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. (3) كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كېسەلنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى جىددىيلىشىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: نىدائىي يانبىلوگىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
خەلقئارا جامائەتچىلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا كۆڭۈل بۆ
2015-03-03 16:58:474371لى جى پارتىيەدىن قوغلاندى ھەم تەكشۈرۈلدى
2015-07-07 11:21:553337توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ تەرجىمىھالى
2016-10-02 13:08:113640ئوتتۇرا ئافرىقا مۇساپىرلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇ
2015-04-07 11:21:534441پوۋېست: قارا يۈرەك - 11 (تۈگىدى)
2015-03-03 17:30:084982ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر
2015-04-04 21:55:374184بىل گايتسنىڭ ستانفوردتىكى ئېسىل نۇتۇقى
2015-11-16 23:24:0113541پوۋېست: قارا يۈرەك - 2 (داۋامى بار)
2015-03-03 15:17:344608
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-