خەلقئارا جامائەتچىلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا كۆڭۈل بۆلمەكتە
-
خەلقئارا جامائەتچىلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا كۆڭۈل بۆلمەكتە
ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4364 قېتىميانفوندا كۆرۈش
خەلقئارا جامائەتچىلىك مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا كۆڭۈل بۆلمەكتە
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 3-مارت تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 3-مارت باشلىنىشى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 5-مارت چاقىرىلىدىغانلىقىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ئىككى يىغىن مەزگىلى››گە كىردى. بۇ يىل ‹‹ئىككى يىغىن›› مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى پەقەت بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئارگېنتىنا ‹‹باشقۇرۇش ۋە ماسلىشىش›› مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى مادىياس كالوجاد مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىجىل ۋە تېخىمۇ ئادىل ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئېشىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمىدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنى تەڭشەش ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يۇشۇرۇن كۈچى يەنە بىر قېتىم زور دەرىجىدە قويۇۋېتىلدى.ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى، لوندون ئېكسپورت شىركىتىنىڭ رەئىسى سىتىفېن فېلى مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ ‹‹يېڭى، دائىمىي ھالىتى›› ئاستىدىكى جۇڭگو سىجىل تەرەققىياتقا، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا، مۇھىت ئاسراشقا، مۇۋاپىق ۋە ئېتىبارلىق تۇرمۇش سەۋىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاجىز توپلارنى يۆلەيدۇ.فىرانسىيە-جۇڭگو بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاكۇس ۋېنمىدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتىدۇ، مەن جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى ئىسلاھات يولىنى بىر ياخشى يول دەپ قارايمەن، مەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىغا ئىشىنىمەن.بىرازىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پىروفېسسورى ئارمىلو پلوكېپىيو مۇنداق دېدى: بۈگۈنكىدەك جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى سىرتتىن چوڭ تىپتىكى ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىش، ئىگىلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئىچكى قىسىمدىكى تەرەققىياتقا يۆتىكىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ ۋە بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، ئىچكە بازارنى ئېچىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئەقىل ئامبىرى كارنىگ خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوگلاس پار مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سۈرئەتتىن سۈپەتكە يۆتكىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ جەمئىيەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاشقا نىسبەتەن بىر ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە سىياسىي مايىللىقىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى، داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاۋاتىدۇ. مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئوتتۇرىچە تەقسىمات سەۋىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.مەخسۇس جۇڭگو ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىدىغان سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى خانس ھېندرىك مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇلۇش تىپى جۇڭگونىڭ سودا شىېرىكلىرىگە نەپ ئېلىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى نۇرغۇن دۆلەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگو پۇل مۇئامىلە، I T، سودا مۇلازىمىتى، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى قاتارلىق كەسىپلەردە دادىل قەدەم تاشلىسا بولىدۇ.ھىندونېزىيەلىك سىياسىي ئانالىزچى لى جوۋخۇي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ ـــ بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ‹‹بىر بەلباغ ـــ بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى ـــ تىنچ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدۇر، جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ ـــ بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەڭ مەنپەئەتلىنىپ ئورتاق بېيىيدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان گۈزەل ئىستىقبالنى ئېلىپ كەلدى.ۋېنسۇئېلالىق سىياسىي ئانالىزچى ئالۋېرتو ئارانگبېر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاشقى مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىش ۋە سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن ئۆتۈشۈشچانلىقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى ۋە بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق.توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
باشلىققا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىش
2015-03-11 14:59:594127دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر 11 جەمەت
2016-01-23 23:45:096764كىم جوڭئۇن بىر مىنىستىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
2015-05-13 11:51:413509مەرھۇم ئايالىغا ‹‹تاج ماھال›› ياسىغان بوۋاي
2015-09-16 16:43:514657‹‹دۆلەت جۇغراپىيەسى››دىكى نادىر سۈرەتلەر
8765سائەت ئىلگىرى5262دۇنيادىكى داڭلىق قورشاۋ تام شەھەرلىرىگە نەزەر
2016-01-12 22:22:454736ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى ئوغۇللارنىڭ مۇشەققەتلىك
2016-01-08 15:21:336725جۇ يۇڭكاڭغا 1–سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم
2015-06-12 11:38:134168
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-