نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جۇ يۇڭكاڭغا 1–سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

جۇ يۇڭكاڭغا 1–سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

ۋاقتى: 2015-06-12 ئاۋاتلىقى: 3932 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇ يۇڭكاڭغا 1–سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2015 – يىل 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى جۇ يۇڭكاڭنىڭ پارىخورلۇق، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش دېلوسىغا 1 – سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، جۇ يۇڭكاڭنى پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ بېكىتىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەم خۇسۇسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى؛ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش جىنايىتىگە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئۈچ جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم خۇسۇسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ سوتتا مۇنداق دېدى: سوتنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنىمەن، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايمەن؛ ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش باشلانغاندىن بۇيان، دېلو بېجىرىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىپ، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، قائىدە سۆزلەپ، دۆلىتىمىز ئەدلىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى. شۇڭا، مەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىمنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا زور زىيان سېلىپ، جەمئىيەتتە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، جىنايىتىمنى تونۇپ، توۋا قىلدىم.
   تيەنجىن شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2015 – يىل 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىدىكى بەزى جىنايى پاكىتلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنى ئوچۇق سوت قىلمىدى. سوت كوللېگىيەسى گۇۋاھچى ۋۇ بىڭنى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرتتى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ چوڭ ئوغلى جۇ بىڭ، خوتۇنى جيا شياۋخۇا ئىسپات بەرگەن سىنلىق كۆرۈنۈش،ئالاقىدار گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپات سۆزى، يازما ئىسپاتى، ماددىي بۇيۇملارنىڭ سۈرىتى، باھالاش پىكرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ۋۇ بىڭ، دىڭ شۆفېڭ، ۋېن چىڭشەن، جۇ خاۋ، جياڭ جيېمىنلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، جياڭ جيېمىن بەرگەن 731 مىڭ 100 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل – مالنى قوبۇل قىلغانلىقىنى؛ جۇ بىڭ، جيا شياۋخۇانىڭ ۋۇ بىڭ، دىڭ شۆفېڭ، ۋېن چىڭشەن، جۇ خاۋ بەرگەن 129 مىليون 41 مىڭ 13 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل – مالنى قوبۇل قىلىپ، بۇنى جۇ يۇڭكاڭغا كېيىن ئۇقتۇرغانلىقىنى، پارا ئالغان ئومۇمىي پۇل – مالنىڭ قىممىتى 129 مىليون 772 مىڭ 113 يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى؛ گۇۋاھچى جياڭ جيېمىننى سوتقا چاقىرىپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش، لى چۈنچېڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، ئەدلىيە تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇش ۋە كۆرسىتىش ئارقىلىق، جۇ يۇڭكاڭنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، جياڭ جيېمىن، لى چۈنچېڭلاردىن جۇ بىڭ، جۇ فېڭ، جۇ يۈەنچىڭ، خې يەن، ساۋ يۇڭجېڭ قاتارلىقلارنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. يۇقىرىقى كىشىلەر بۇنىڭدىن 2 مىليارد 136 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدا ئېلىپ، 1 مىليارد 486 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزۈپ، جامائەت مۈلكى ھەم دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان؛ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلانغان ھۆججەت قاتارلىق ماددىي ئىسپاتلار، ساۋ يۇڭجېڭنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، ئاختۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇش ۋە كۆرسىتىش ئارقىلىق، جۇ يۇڭكاڭنىڭ ‹‹دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشخانىسىدا قەتئىي مەخپىي ھۆججەتتىن بەشنى، بىر مەخپىي ھۆججەتنى يۇقىرىقى ھۆججەتلەردىن خەۋەردار بولۇش سالاھىيىتى يوق ساۋ يۇڭجېڭغا بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. جۇ يۇڭكاڭ يۇقىرىقى جىنايى پاكىتلارنىڭ چىنلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، باشقىچە پىكىردە بولمىدى.
   تيەنجىن شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇ يۇڭكاڭ نۇرغۇن پارا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلدى. كۆپ قىسىم پارىنى ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئالغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەھۋالدىن كېيىن خەۋەر تاپقان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن پارا ئالغان زاڭ پۇل ۋە نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغاچقا، قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش جىنايى قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئالاھىدە ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. جۇ يۇڭكاڭنىڭ جىنايى پاكىتلىرى، خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە جەمئىيەتكە سالغان زىيىنىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن سوت كوللېگىيەسى قانۇن بويىچە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقاردى.
   ئىگىلىنىشىچە، جۇ يۇڭكاڭ سوت ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: ئەيىبلىگۈچى تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلىمەن. پاكىتلار ئاساسەن ئېنىق، جىنايىتىمنى تونۇيمەن ۋە توۋا قىلىمەن؛ باشقىلار ئەمەلىيەتتە مېنى دەپ ئائىلەمدىكىلەرگە پارا بەرگەن. ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى مەن ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك؛ شەخسىي ھېسسىياتنى قوغلىشىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىم توغرىسىدىكى پاكىتلار ئېنىق، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئېغىر زىيان سالدىم؛ مېنىڭ مەسىلەمنى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ پارتىيەنى قاتتىق تۈزەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى