تۈركىيەنىڭ ھەشەمەتلىك زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى
-
تۈركىيەنىڭ ھەشەمەتلىك زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى
ۋاقتى: 2015-04-17 ئاۋاتلىقى: 4185 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە شەھەر رايونىدا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، چىقىمى ئەسلىدە پىلانلانغان 615 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. كۆلىمى جەھەتتە ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ 50 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جەمئىي 1000 ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، بۇنىڭ 250 ئېغىزى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇغاننىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇسى ئىكەن، بۇ مەھكىمىنىڭ ھويلىسىغا نەچچە مىڭ تۈپ ئىتالىيە مەنزىرىلىك دەرىخى قىممەت باھادا كىرگۈزۈلگەن.بۇ يېڭى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەتراپىدىكى تاغ چوققىلىرىغا نەزەر سالغىلى بولىدۇ. ئەردۇغان زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بۇ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى رەسمىي پۈتكەن، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، يەنى تۈركىيەنىڭ ‹‹جۇمھۇرىيەت كۈنى››دە بۇ مەھكىمىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.تۈركىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئامېرىكا ئاق ساراي بىلەن رۇسىيە كرېمېل سارىيىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا چوڭ بولۇپ، سەرپ قىلىنغان چىقىم تۈركىيە مالىيە مىنىستىرلىقى پىلانلىغان چىقىمدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.تۈركىيەنىڭ كونا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىمۇ ئەنقەرە شەھەر رايونىدا بولۇپ، تۈركىيە دۆلەت ئاتىسى مۇستاپا كامالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىختىكى تۈركىيە زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تۇرالغۇسى بولغانىدى. مۇستاپا كامالدىن بۇيان، تۈركىيەدە ھېچقانداق بىر سىياسىيون ئەردوغاندەك بۇنداق يېتەكچىلىك رول ئويناپ باقمىغانىدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى يېڭى تۈركىيە دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشى، يېڭى شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنى تونۇتۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ.يېڭى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زامانىۋى سەنئەت بىلەن ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ئۇسلۇبلار بىرلەشتۈرۈلگەن. ئەردۇغان بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ‹‹بىز ئەنقەرەنى سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى، دېگەن ئۇچۇرنى تارقىتىشىمىز كېرەك، بىز بۇ نۇقتىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىمىز، بىز قۇرۇلۇشنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە زامانىۋى ئامىللارنىمۇ قوشۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق، ئۇ بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلۇش، بۇ بىر ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىشى›› دېگەن.11-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، سالجۇقىيلار ئاناتولىيەگە بېسىپ كىرىپ، سالجۇقىيلار خانلىقىنى قۇرغان. ئۇلار ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرى دەپ قارالغان، ئوسمانىيە ئىمپېرىيەسى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيەنىڭ بىرى بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا پارچىلىنىپ كەتكەن. كېيىن مۇستاپا كامال قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ياۋروپانىڭ كۈچىنى چېكىندۈرۈپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. كامالنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىيە ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان يول بىلەن ماڭغان، يەنى غەربكە مايىل دەھرىيلىك يولىدا ماڭغان ھەمدە ئوسمانىيلار ئېمپېرىيەسىنىڭ مىراسلىرىدىكى ئىسلام ئامىللىرىنى رەت قىلغان.ئەردۇغان بەزىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسلاملاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئەيىبلىشىگە قارىتا، 2011-يىلى ‹‹دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى››نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ‹‹ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى قوبۇل قىلماسلىق ‹‹ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلغانلىق››تىن دېرەك بېرىدۇ. بىزنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېرىمىز ئوسمانىيلارنىڭ مىراسى. ئۇلار بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىنكار قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ گۈزەل تەرەپلىرى بولغىنىدەك، ناچار تەرەپلىرىمۇ بار. ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىش بىزنىڭ ئىنتايىن تەبىئىي ھوقۇقىمىز.››
تۆۋەندە تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ھەشەمەتلىك زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مەزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇغان تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بوۋىقىنى سېتىۋەتكەن ئىككى ئۇيغۇر قىزى
2015-03-05 12:06:063841ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)
2015-02-07 14:57:013746قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
2015-11-27 02:13:214615دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر 11 جەمەت
2016-01-23 23:45:096355داۋېنچى بىلەن موناللىزا
2015-02-11 18:22:113776جوڭگو ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى
2015-04-08 17:36:164066دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (2)
2016-06-23 00:55:341693داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (21)
2015-03-01 22:47:233463
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-