نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جوڭگو ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى

جوڭگو ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى

ۋاقتى: 2015-04-08 ئاۋاتلىقى: 4030 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېمىسى: جوڭگو ئەدەبىياتىنىڭ چەت ئەللەردە تەرجىمە قىلىنىشى ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى
شيوڭ خۇي
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
    مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى جۇڭگولۇقلارغا چوڭ تەسەللىي ئېلىپ كەلدى، ئارقىدىنلار باش كۆتۈرگەن تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ئاممىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى. مويەننىڭ چەت ئەلدە تەرجىمە قىلىنغان ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنىڭ باغلىنىش ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلار»، «مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ كەينىدىكى تۆھپىكارلار: ھەر قايسى دۆلەت تەرجىمانلىرىنىڭ تۆھپىسى» قاتارلىق ماقالىلار ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەل ئارخبارات ۋاستىلىرىدە كۈرۈلۈشكە باشلىدى.كىشىلەر بىر مەزگىل مويەن تەرجىمانلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىغا تايىنىپ نوبېل ئەددبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىتى، دەپ قاراشتى.

    مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشى مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ دەل تەرجىمە قىلىنغان مۇشۇ تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە مويەننى تونۇتقانلىقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلقئارانىڭ موئەييەن دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇقۇشىمىزچە، مويەننىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلار قوشۇنىدا شۋېتسىيەلىك چېن ئەننا بار بولۇپ، ئۇ شۋېتسىيەدە مويەننىڭ «قىزىل قوناقلىقلار جەمەتى»، «جەننەت ناخشىسى»، «ھايات-ماماتلىق چارچاش» قاتارلىق ئۈچ پارچە رومانىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئايرىم نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇرغان. چېن ئەننا مويەنننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك مەسىلىسى، دەپ قارىغان. ئامېرىكىلىق خەنزۇشۇناس موخاۋۋېن مېدىيالار تەرىپىدىن «مويەننىڭ بىردىنبىر تۇنجى تۇغۇت ئانىسى» دەپ ئاتالغان. گەرچە ئۆزىنىڭ مويەن ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەلگە تارقىلىشىدىكى رولىنى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق موخاۋۋېننىڭ مويەن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقىدىن ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ مويەننىڭ «قىزىل قوناقلىقتا»، «شەرەپلىك جۇمھۇرىيەت»، «ھايات ماماتلىق چارچاش» ۋە «ساندال ياغىچى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، مويەننىڭ ئەسەرلىرى تارىخىي تۇيغۇ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە دەپ قارىغان. فىرانسىيەلىك خەنزۇشۇناس نوئېل دۇترايت مويەننىڭ «شەرەپلىك جۇمھۇرىيەت»، «تولغان بەدەن»، «41 زەمبىرەك» ۋە «ئۇستازلار بارغانسىرى يۇمۇرىستىك» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ مويەننىڭ يۇرتىنى زىيارەت قىلىپ، مويەننىڭ رومانلىرى ئىدىيەۋىلىك ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى جەھەتتە ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن، دەپ قارىغان.
    ئۇنىڭدىن باشقا ياپۇنىيەدە ئىنوكۇچى ئاكىرا، رۇسىيەلىك يېگوروف قاتارلىقلار ئۆز دۆلەتلىرىدە مويەننىڭ رومانلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. نۇرغۇن تەرجىمە نۇسخىلىرىدا تەرجىماننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى نامايەن قىلىنىپ، مويەن رومانلىرىنىڭ چەت ئەلگە تارقىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
    مويەننىڭ رومانلىرىنىڭ چەت ئەلدە كۆپ مىقداردا تەرجىمە قىلىنىشى ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇ ئاچقۇچلۇق ئامىل بولۇشى ناتايىن. تەرجىمە پائالىيەتلىرىدە مۇنەۋۋەر تەرجىمانلار ماتېرىيال تاللاشتا ئۆزگىچە نەزىرىنى نامايەن قىلىپ شۇ دۆلەت بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئەسەرلەرنى تاللاپ تەرجىمە قىلىدۇ. بۇمۇ 4-ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىدىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار چەت ئەلنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى كىرگۈزگەندە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن چوڭ بىر پىرىنسىپ ھېسابلىنىدۇ. خۇشى پەقەت داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئىككىنچى ئورۇندىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلماسلىق يوللۇق ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئەجەبا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو ئەدەبىياتىنى تەرجىمە قىلغاندا ماتېرىيال تاللاش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتەمدۇ؟
    بىر ئالىم مويەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى مۇنەۋۋەر تەرجىمانلارنىڭ بولغانلىقىغا باغلىق بولغان ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىلھاملانغان، دەپ قارىغان. يەنە جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئەگەر تېخىمۇ كۆپ شەرەپلەرگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، بىز تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر خەنزۇشۇناسلارنى بايقاپ، جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئەگەر تەرجىمىدىن ئىبارەت بۇ يول بولمىسا، خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان. تەرجىمىنىڭ بىر ئۇچىغا زىيادە ئېسىلىۋېلىپ، تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى ئەسلىي ئەسەرنىڭ يېتەكچىلىك خاراكتېرى ۋە تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىجاد قىلىشىنى چەكلىگەن بولساق ئۇ ھالدا مويەننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مۇنەۋۋەر تەرجىمان ۋە خەنزۇشۇناس دەپ قارىلىپ، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلمىگەن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، گۆشسىز پولو ئەتكەندەك ئىش بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، دەپ قارىغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مەقسىتى ۋە نىشانى ئەجەبا تەرجىمىگە تايىنىپ خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشىشمىدۇ؟ بۇ بىزدىكى ئاجىز مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى ئاشكارىلاپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ غەربلىكلەر ئېتىراپ قىلغان يولدا تەرەققىي قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكى ۋە جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە سەل قارىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تەرجىمە تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەقەتلا بىر ۋاستە، خۇددى چيەن جۇڭشۇ ئېيتقاندەك: «ئارىغا چۈشكۈچى ۋە ئالاقىچى بولۇپ، مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى ئىدىيەۋىلىكى ۋە بەدئىيلىكى تۈپ جەھەتتىن گۈزەللەشتۈرگىلى ياكى خۇنۈكلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. مويەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەلگە تەرجىمە قىلىنىشى ۋە تارقىلىشىغا باغلىق بولغان، بىراق تەرجىمان باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشنى ئەمەس، بەلكى مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشنى تاللىغان. چۈنكى ئەسەرنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى ئەسەرنىڭ سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان.››
    تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر تەرجىمىشۇناسلارنى تەربىيەلەش ۋە تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر خەنزۇشۇناسلارنى تېپىشنىڭ مەقسىتى جۇڭگو ئەدىبىياتىنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلدۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق چىقىش يولىنى ھەل قىلىش ئەمەس، جۇڭگولۇق يازغۇچىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشىمۇ قىيىنغا توختايدۇ. ئەدەبىي تەرجىمە بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي خاراكتېرلىكى ناھايىتى كۈچلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ، ئەسلىي ئەسەر، تەرجىمە قىلغۇچى، تەرجىمە قىلىش جەريانى، تەرجىمە ئەسەر ۋە تەرجىمە ئەسەرنى تارقىتىش ھەم قوبۇل قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلارغا چېتىلىدۇ. بىراق مۇشۇ بارلىق ھالقىلار تەرجىمە قىلىنغان دۆلەت تىلىدىكى ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ سىستېمىلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. تەرجىمە مەدەنىيىتى تەرەپدارلىرىغا يول باشلايدىغان شەخس نون ئاندېرې لو خاۋلې ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ چەك-چېگرىسىنى مۇنداق ئايرىغان: ‹‹ياردەم بەرگۈچى شەخس بولسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، مائىدىچى، ماسېي جوناس ياكى لويېس XVI، كوللىكتىپ بولسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: دىنىي تەشكىلات، سىياسىي پارتىيە، ئىجتىمائىي قاتلام، خان جەمەتىنىڭ ئوردا ۋەزىرى، نەشرىيات ئورگىنى ياكى مېدىيالار (گېزىت-ژۇرنال ياكى كىنو-تېلىۋىزىيە شىركىتى) قاتارلىقلار. ياردەم بىرىدىغان مۇشۇنداق كىشىلەر تەرجىمىدە ماتېرىيال تاللاش، تەرجىمىنى ئۆزگەرتىپ يېزىش ۋە تەرجىمىنى تارقىتىش ھەم قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياردەم بەرگۈچىلەر ئادەتتە ئەسەرنىڭ ئەدەبىيلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئىدىيەۋى ئېڭىغا دىققەت قىلىدۇ. تەرجىمە قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئەسىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدىكى ئەركىنلىكى مۇناسىپ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.يېڭى ئوقۇرمەنلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەسلىي ئەسەرنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ يىزىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مويەن بىر شەرقلىق يازغۇچى بولغانلىقتىن، غەرب خەنزۇشۇناسلىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا غەربنىڭ مەدەنىيەت تىلى مۇھىتىدىكى نەشر قىلىش ۋە ئەمىلىي ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تەرجىمە قىلغۇچى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مويەننىڭ رومانلىرىنى مۇۋاپىق پىششىقلاپ ئىشلەپ، يات مەدەنىيەتتىن ھاياتلىق بوشلۇقىنى تاپقان. شۇڭا چەت ئەللىك نۇرغۇن ئوبزورچىلار مويەننى رومانلىرى رېئالىزىملىق تۈس بىلەن ئەمەس، بەلكى فانتازىيەلىك ياكى خىيالىي تۈس بىلەن تولغان دەپ قارىغان. چۈنكى چەت ئەللىك تەرجىمانلار باشتىن ئاياق شەرقپەرۋەرلىك نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلغان ھەمدە مويەننىڭ رومانلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
    بايان مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كىم تەرجىمە قىلىش، كىمنىڭ كۆرۈشىگە تەرجىمە قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. شۇنچە مۇنەۋۋەر جۇڭگولۇق تەرجىمانلارمۇ غەربلىكلەرنىڭ غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەيدىغان نەزىرى ياكى مۇقىم ئېستېتىك ئادىتىنى قاندۇرالمىغاچقا، مويەندەك جوڭگولۇق يازغۇچىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەلمىگەن. تەرجىمە ئەسەر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىنكى مەھسۇلى بولۇپ، تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى «ئىجادچانلىق»تىن ئىبارەت. ئۇ ئەسلىي ئەسەرنىڭ تەرجىمە تىل مۇھىيىتىدىكى مۇرەسسە قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگولۇقلار جوڭگونىڭ ئەسەرلىرىنى چەت ئەللىكلەرنىڭ كۈرۈشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلسا، مەدەنىيەت ۋە ئىستېتىكا پەرقى تۈپەيلىدىن «كۆرۈش سىزىقىنى قوشۇش» مەقسىتىگە يېتەلمەي، تەرجىمە قىلغان ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچى مۇناسىپ ھالدا زىيانغا ئۇچرايدۇ. جۇڭگو ئەدىبىياتى تەرجىمىگە يۈزلىنىشتە ئىككى قىيىن مۇھىتقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىر تەرەپتىن، جۇڭگولۇقلار تەرجىمە قىلغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئەسەرلىرى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشىنىشىنى ئازايتقىلى بولسىمۇ، بىراق ئېستېتىك قاراش ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ تەرجىمە ئەسەرنى ئېتىراپ قىلىشىنى قىينلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەللىكلەرنىڭ تەرجىمىسى جۇڭگو ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ كۆپ باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرىدۇ، بىراق چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە ئەدىبىياتىنى خاتا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا جۇڭگونىڭ يازغۇچىلىرى تەرجىمانلارغا تايىنىپ چەت ئەل ئېتىراپ قىلغان ئەگرى-توقاي يوللاردىكى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ رېئال تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئەسەرلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئالاھىدىلىككە تايىنىپ، چەت ئەل ئوقۇرمەنلىرىنى جەلپ قىلىشى كېرەك، بىراق تەرجىمە ۋاسىتىسىنى خەلقئاراغا يۈزلىنىشتىكى جان قۇتقۇزىدىغان ئەڭگۈشتەر دەپ قارىماسلىقى كېرەك. مويەننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
«نۇر گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 30-مارتتىكى سانىنىڭ 13-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى