نىدائىي: نورۇزغا سۆز
-
نىدائىي: نورۇزغا سۆز
ۋاقتى: 2015-03-18 ئاۋاتلىقى: 4323 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نورۇزغا سۆز
توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
قىشنى قوغلاپ جاھاندىن، شەپە بېرىپ باھاردىن،قۇچاق ئېچىپ كەلدىڭسەن، باھار بېشى ئەي نورۇز.زىمىستاندىن يۈرىكى قېتىپ كەتكەن مۇز كەبى،تۆكۈلمەيدۇ نىمجاننىڭ، قايغۇ يېشى ئەي نورۇز.
چىقتى بىر ئوتلۇق غەزەل، بولۇپ سېنى كۈيلىمەك،يۈرىكىمدىن قازدىممەن كۈي كانىنى ئەي نورۇز.سېنىڭ بىلەن ياشنىغاچ جىمى جاننىڭ يۈرىكى،تۆكتى ساڭا تەبىئەت ئىچ-بارىنى ئەي نورۇز.
نورۇز دېگەن ئۈمىدتۇر، ئۈمىد دېگەن ھاياتتۇر،چىرىغىنى ئۈمىدنىڭ، ياندۇرىسەن ئەي نورۇز.زىمىستاندىن باھارغا تەلپۈنگەن شۇ يۈرەكنى،باھار ئىشقى – مېھرىگە قاندۇرىسەن ئەي نورۇز.
كائىناتقا سۈبھىنىڭ ئىللىق نۇرى چېچىلدى،سۈبھىگىمۇ چېچرىڭدىن نۇرلار بەردىڭ ئەي نورۇز.سېنى ئوتلۇق كۈيلەرگە بولغىنىمدا قاتماقچى،بەتلىرىڭدىن ئايانماي قۇرلار بەردىڭ ئەي نورۇز.
ھايات دېگەن بىر كارۋان كېتىدىكەن كەلمەيدۇ،لېكىن ھەررەت يېڭى كۈي ئېپ كېلىسەن ئەي نورۇز.ئوتتۇز ئوغۇل سەن ئۈچۈن چۈشكەن چاغدا ساماغا،خۇشاللىقنىڭ دېپىنى چېپ كېلىسەن ئەي نورۇز.
2004-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىنتىلىش توغرىسىدا ھېكمەتلەر
2015-02-05 11:24:233949پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئۆمۈرلۈك تۆھپىكار — ناد
2016-01-31 19:34:5516715ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن: مەلىكە بەرنا
2015-08-13 13:31:024025100 گىرادۇسلۇق يۇمۇرلار
2015-03-11 19:58:353771چولپان دىكتور-رىياسەتچى — ماھىنۇر ئەخمەت
2015-10-11 18:47:2618845نىدائىي: بۇ 10 خىل كىشىنى قەدىرلەڭ
2015-10-03 15:43:124592داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (9)
2015-03-01 20:58:343587كۈسەن مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ساپال ئىدىش
2015-03-05 17:47:124531
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-