نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

چولپان دىكتور-رىياسەتچى — ماھىنۇر ئەخمەت

چولپان دىكتور-رىياسەتچى — ماھىنۇر ئەخمەت

ۋاقتى: 2015-10-11 ئاۋاتلىقى: 18726 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

60 يىللىق تەشۋىقاتتا چاقنىغان چولپان دىكتور-رىياسەتچى ___ ماھىنۇر ئەخمەت
(شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزىنىڭ داڭلىق دىكتور-رىياسەتچىسى ماھىنۇر ئەخمەت خانىمنىڭ بىر قىسىم ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە)


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى، تەرجىمان)



شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزىنىڭ ئاتاقلىق دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇدىر دىكتور ماھىنۇر ئەخمەت


   ئۆزىنىڭ پاساھەتلىك سۆز–ئىبارىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدە ھۆرمەتلىك ئورۇنغا مۇيەسسەر بولغان شۇنداق بىر خۇشئاۋاز دىكتور-رىياسەتچىمىز بار. ئۇ ھەر ۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنىمىسىز مېھنەت سىڭدۈرۈپ كەلمەكتە. 

   ئۇ دەل مۇدىر دىكتور، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزىنىڭ ئىقتىدارلىق دىكتور-رىياسەتچىسى، خەلق ئېتىراپ قىلغان سۆيۈملۈك دىكتور-رىياسەتچىلەرنىڭ بىرى ماھىنۇر ئەخمەت بولىدۇ. ئۇ ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 21 يىلدىن بۇيان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاخبارات تەشۋىقاتىدىكى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان روھىنى نامايان قىلدى. ئۇ ھازىرغىچە ئاساسلىقى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <<شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>، <<بۈگۈنكى سۆھبەت>>، <<چۈشلۈك خەۋەرلەر>>، <<كەچلىك خەۋەرلەر>> پىروگراممىلىرىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىلىكىنى ۋە ھەر يىللىق مەملىكەتلىك <<ئىككى يىغىن>>نىڭ نەق مەيدان مۇخبىرلىق خىزمىتىنى قىلىپ كەلمەكتە.
   2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان كاتتا كۈن. شۇ سەۋەبتىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى، جۈملىدىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەخمىنەن بىرەر ئاي بۇرۇنلا <<60 يىللىق تەشۋىقات>>قا بېغىشلانغان پىروگرامما ۋە تۈرلۈك ئېلان-تەشۋىقاتلارنى تەسىس قىلىپ، خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان <<بىر بەلباغ، بىر يول>> تەشەببۇسى باش تېما قىلىنغان << <بىر بەلباغ، بىر يول>دىن شىنجاڭغا نەزەر>>، <<شانلىق 60 يىل>> ناملىق ئىككى سۆھبەت خاراكتېرلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسىغا باشتىن-ئاخىر ماھىنۇر ئەخمەت رىياسەتچىلىك قىلىدىغانغا بەلگىلەندى.
   بۇ يەردە مەن ئازراق گەپ قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە ئۆلچەم پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ھاللاردا پىروگراممىلار ئاز دېگەندە بىرەر ھەپتە، ھەتتا بىر نەچچە ئايغىچە ئالدىن سۈرەتكە ئېلىنىۋېلىپ، تۈجۈپىلەپ كىرىشتۈرۈلۈپ ۋاقتى كەلگەندە قويۇلىدۇ. لېكىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش تېلېۋىزىيەگە نىسبەتەن يۇقىرى تېخنىكا، ئۈسكۈنە، دىكتور-رىياسەتچىلىك ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال بىلىم، پىسخىك ساپا، نەق مەيدان ئىنكاسى، سوئال سوراش، كونترول قىلىش، سۆھبەتكارنى يېتەكلەش قاتارلىق كۆپ خىل ساپانى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، رىياسەتچى جايىدا تاللانمىسا، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تۇرغان گەپ.
   شۇنداق قىلىپ << <بىر بەلباغ، بىر يول>دىن شىنجاڭغا نەزەر>>، <<شانلىق 60 يىل>> ناملىق ئىككى سۆھبەت خاراكتېرلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشكە باشلاندى. ماھىنۇر ئەخمەت گەرچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، دىكتور-رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىملىق چېنىقىش ۋە رىقابەتتىن دېرەك بېرەتتى. ئۇ بۇ رىقابەتنى دادىل قوبۇل قىلدى، بۇ ئىككى پىروگراممىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا دادىل ئىزدەندى، تىرىشتى، پىروگراممىدىن بۇرۇن سۆھبەتكارلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

   بۇ ئىككى پىروگرامما شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹شانلىق 60 يىل››غا بېغىشلانغان مۇھىم پىروگراممىلىرى بولۇپ، ساپمۇ-ساق 24 كۈن بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يەنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ جەرياندا بۇ ئىككى پىروگراممىنىڭ قازاقچە قانالدا كۆرسىتىلدىغىنىغا تۆتەيلەن، خەنزۇچە قانالدا كۆرسىتىلدىغىنىغا ئۈچەيلەن نۆۋەتلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلغان. ئەمما ئۇيغۇرچە قانالدا كۆرسىتىلدىغىنىغا ماھىنۇر ئەخمەت يالغۇز 24 كۈن رىياسەتچىلىك قىلغان. شىنجاڭدىكى ئڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسىدا كۈندە نەچچە سائەتلەپ رىياسەتچىلىك قىلىش ساپاسى تۆۋەن رىياسەتچىنى بەكلا ھالسىرىتىپ قويىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ماھىنۇر ئەخمەت بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئىستانسا رەھبەرلىرى، كەسىپداشلار ۋە تېلېۋىزىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ 60 يىللىق تەشۋىقاتتىكى چولپان رىياسەتچىگە ئايلاندى.


   ماھىنۇر ئەخمەت ‹‹شىنجاڭ خەۋەرلىرى››، ‹‹بۈگۈنكى سۆھبەت››، ‹‹چۈشلۈك خەۋەرلەر››، ‹‹كەچلىك خەۋەرلەر››گە دىكتور-رىياسەتچىلىك قىلغاندىن باشقا يەنە، ھەر يىللىق مەملىكەتلىك <<ئىككى يىغىن>>نىڭ نەق مەيدان مۇخبىرلىق خىزمىتى ‹‹تەكلىماكاندىكى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ سىرىنى ئېچىش››، ‹‹2013-يىللىق خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى››، 2012-، 2013-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى، ‹‹دولان يۇرتى مەكىتتە توي››، ‹‹ئىناقلىق ناملىق پويىز كەلدى››، ‹‹ئارزۇلار قاناتلانسۇن!››، ‹‹ئاتەش دىنى بايقالغان جايدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ سىرىنى ئېچىش››، ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام››، ‹‹ <بىر بەلباغ، بىر يول>دىن شىنجاڭغا نەزەر››، ‹‹شانلىق 60 يىل›› قاتارلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان 74 سان پىروگراممىغا مۇستەقىل رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ پىروگراممىلارنىڭ ۋاقتى ئاز دېگەندىمۇ يېرىم سائەتتىن بولۇپ، جەمئىي 70 سائەتتىن ئاشىدۇ. 
   بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئىچىدە ‹‹تەكلىماكاندىكى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ سىرىنى ئېچىش››، ‹‹ئاتەش دىنى بايقالغان جايدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ سىرىنى ئېچىش››، << <بىر بەلباغ، بىر يول>دىن شىنجاڭغا نەزەر>>، ‹‹شانلىق 60 يىل›› قاتارلىق پىروگراممىلار نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە سىياسىۋىلىقى كۈچلۈك، تارىخىي قىممىتى، چىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، رىياسەتچىگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ خېلى يۇقىرى بولغاچقا، ماھىنۇر ئەخمەت بۇ پىروگراممىلارنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدەندى، ئاخىرى ئېكراندا قويۇلغاندا رەھبەرلىك ۋە كەسىپداشلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ.

   <<شانلىق 60 يىل>> ناملىق پىروگرامما شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويۇلغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسى بولۇپ، 60 يىللىق تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى باش تېما قىلغاچقا، رىياسەتچى بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسا بولمايتتى. ماھىنۇر ئەخمەت بۇ ۋەزىپىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بۇ پىروگراممىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك رىياسەتچىلىك قىلىپ، رەھبەرلىك، كەسىپداشلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.


   << <بىر بەلباغ، بىر يول>دىن شىنجاڭغا نەزەر>> ناملىق پىروگرامما شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسى بولۇپ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە جەمئىي 24 كۈن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ. بۇ پىروگراممىنىڭ سىياسىيلىقى كۈچلۈك، تەلەپ يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتلىدىغان بولغاچقا، رىياسەتچىمۇ، تەكلىپلىك مېھمانلارمۇ جىددىيلەشمەي قالمايتتى. لېكىن ماھىنۇر ئەخمەت ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ھاياتىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئاساسىدا، پىروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ۋە سۆھبەتكارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىش، كەيپىياتنى تەڭشەش، سۆھبەتنى كونترول قىلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سۆھبەتنى ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كېچە-كۈندۈزلەپ ئىزدەندى، تىرىشتى. نەتىجىدە 24 كۈنلۈك بۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسىدىن قىلچىمۇ سەۋەنلىك كۆرۈلمىدى. رەھبەرلىك، كەسىپداشلار ۋە كۆرۈرمەنلەرمۇ ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى. 
   مېنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمغا ئاساسلانغاندا، ماھىنۇر ئەخمەتنى يالغۇز بىر ئىقتىدارلىق دىكتور-رىياسەتچىلا ئەمەس، يەنە ئائىلىسىگە سادىق، ئېرىگە ۋاپادار، بالىلىرى (بىر ئوغۇل، بىر قىز)غا كۆيۈمچان ئايال دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئائىلىدە بىر ئايال كىشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىنى خۇشاللىق بىلەن قىلىدىكەن. ئۇ تاماق ئېتىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇپ تاماق يېيىش ئۇنىڭ ئەڭ خۇشاللىق ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ يەنە گۈزەل سەنئەت لايىھەلەش، تىككۈچىلىك ئىشلىرىنى قىلالايدىكەن، پېئانىنو قاتارلىق چالغۇلارنى چالالايدىكەن، ناخشا ئېيتالايدىكەن. مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغلى ۋە ئوماق قىزىدىن ئايرىم ئىگىلىشىمچە، ماھىنۇر خانىم تىككۈچىلىك ئىشلىرىغىمۇ ئۇستا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ بەزى كىيىملىرىنىمۇ ئۆزى لايىھەلەپ تىكىپ بېرىدىكەن. قىزىغىمۇ تىككۈچىلىكنى، مۇزىكا چېلىشنى، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىدىكەن. ئوغلى ئاپىسىنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزىگە ئۈلگە، ئۆرنەك قىلىدىغانلىقىنى، ئونى ھۆرەتلەيدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە ئاپىسىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتچان، كۆيۈمچان كىشىلەردىن بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. جىددىي ئاخبارات خىزمىتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يەنە بۇ ئىشلارنىمۇ لايىقىدا ئېلىپ مېڭىش ھەممەيلەننىڭ قولىدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن. 
   ماھىنۇر ئەخمەت تېلېۋىزىيە خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مەسئۇلىيەت دەپ بىلىدۇ، خىزمەتتىكى ھەربىر ھالقىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. ئۇ ئېكرانغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ياسىنىش-تارىنىش، كىيىنىش قاتارلىقلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئېكراندا كىيگەن كىيىملىرى، ياسىنىشلىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەقىقىي بىر مەسئۇلىيەتچان دىكتورنىڭ ئوبرازىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. 

   ئاخىرىدا، ماھىنۇر خانىمنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، بەخت-سائادەت، خىزمىتىگە ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات يولىغا بەرىكەتلىك مەنزىللەرنى تىلەيمىز.


ماھىنۇر ئەخمەت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۇڭشىن بىلەن بىللە


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتكار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتنى باشلاش ئالدىدا


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتكار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشمەكتە


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتنى باشلاش ئالدىدا


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتكار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشمەكتە


ماھىنۇر ئەخمەت بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتكار بىلەن سۆھبەتنى باشلاش ئالدىدا 


ماھىنۇر ئەخمەت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزى ئۇيغۇرچە خەۋەر بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە فىلىم ئىشلىگۈچىسى غەنى مەخسۇت (ئوڭدىن 2-كىشى) ۋە بىر قىسىم تەكلىپلىك سۆھبەتكارلار بىلەن بىللە


ماھىنۇر ئەخمەت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزى ئۇيغۇرچە خەۋەر بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە فىلىم ئىشلىگۈچىسى غەنى مەخسۇت (سولدىن 1-كىشى) ۋە بىر قىسىم تەكلىپلىك سۆھبەتكارلار بىلەن بىللە


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتكارلار بىلەن سۆھبەتنى رەسمىي باشلاش ئالدىدا


ماھىنۇر ئەخمەت


ماھىنۇر ئەخمەت


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتتىن بۇرۇن سۆھبەتكار بىلەن پىكىرلەشمەكتە


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەتتىن بۇرۇن سۆھبەتكار بىلەن پىكىرلەشمەكتە


ماھىنۇر ئەخمەت


ماھىنۇر ئەخمەت


ماھىنۇر ئەخمەت سۆھبەت ئورگىنالىنى كۆرمەكتە


ماھىنۇر ئەخمەت پىروگراممىغا تەييارلىق قىلماقتا


ماھىنۇر ئەخمەت


ماھىنۇر ئەخمەت


ماھىنۇر ئەخمەت بىلەن پاتىگۈل سەئىدى


ماھىنۇر ئەخمەت <<يىپەك يولىدىكى يېڭى مۇساپە>> ناملىق پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا


ماھىنۇر ئەخمەت <<يىپەك يولىدىكى يېڭى مۇساپە>> ناملىق پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا


ماھىنۇر ئەخمەت <<ئىككى يىغىن>>دىن خەۋەر بېرىش نەق مەيدانىدا


ماھىنۇر ئەخمەت نەق مەيداندا سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا


ماھىنۇر ئەخمەت <<ئىككى يىغىن>> توغرىسىدىكى ئالاھىدە خەۋەرگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا


ماھىنۇر ئەخمەت ئاتاقلىق كومپوزىتور، ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىمنى زىيارەت قىلماقتا


ماھىنۇر ئەخمەت <<ئانارخان>> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئاساسلىق ئارتسلار بىلەن بىللە


ماھىنۇر ئەخمەت <<ئانارخان>> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان ئاتاقلىق ئارتىسلاردىن نىجات ئەكبەر ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن بىللە


ماھىنۇر ئەخمەت


ماھىنۇر ئەخمەت

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى