نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

لېئونىد پانتېلېۋ: ۋەدە (ھېكايە)

لېئونىد پانتېلېۋ: ۋەدە (ھېكايە)

ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 4872 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

(ھېكايە) 

لېئونىد پانتېلېۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى)

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


   ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ۋاسلېف ئارىلىدىكى چېركاۋنىڭ يېنىدىكى باغچىدا بىر كىتابنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم، گۇگۇم بولغاندا كىتابنى ئوقۇشقا ئامالسىز قالدىم – دە، باغچا ئىشىكىنىڭ تاقىۋېتىلىشىدىن ئەنسىرەپ تېز ماڭدىم. تۇيۇقسىز ئورمانلىقتىن بىرىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاق رەڭلىك بىر تاش ئۆينىڭ يېنىدا يەتتە – سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا ئېسەدەپ يىغلاۋاتاتتى.
   مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىدىم:
   ـ نېمە بولدۇڭ؟
 ـ   ھېچنېمە بولمىدىم، -دېدى ئۇ.
   ـ ئەمىسە، نېمىشقا يىغلايسەن؟ يۈر، باغچىنى ھازىرلا تاقايدۇ.
   ـ ياق، مەن كەتسەم بولمايدۇ، -دېدى ئۇ.
   ـ كەتسەڭ نېمىشقا بولمايدۇ، بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟
   ـ ياق.
   ـ ئەمىسە نېمىشقا كەتمەيسەن؟
   ـ مەن پوستتا تۇرۇۋاتىمەن.
   ـ پوستتا تۇرۇۋاتىمەن دېدىڭما؟ چۈشەنمىدىمغۇ؟
   ـ مۇشۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ بىز ئويۇن ئويناۋاتىمىز.
   ـ كىم بىلەن ئويۇن ئويناۋاتىسەن؟
   ـبالا بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن، خۇرسىنغان ھالدا:
   ـ بىلمەيمەن، دېدى.
   شۇ چاغدا مەن بۇ بالىنى نورمال ئەمەسمۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن: بۇ زادى قانداق ئىش؟ كىملەر بىلەن ئويۇن ئويناۋاتقىنىڭنىمۇ بىلمەمسەن؟ دەپ كوچىلاپ سورىدىم.
   ـ شۇنداق، دېدى بالا، مەن بىلمەيمەن. ئەسلىدە مەن ئاۋۇ يەردىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم، بىرقانچە چوڭ بالا كېلىپ مەندىن ‹‹بىز بىلەن ئويۇن ئوينىغۇڭ بارمۇ؟›› دەپ سورىدى. مەن ‹‹بار›› دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار ماڭا ‹‹سەن سىتارشىي سېرژانت بولىسەن›› دېدى. چوڭراق بىر بالا گېنېرال بولدى، ئۇ مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ ‹‹بۇ كىچىك ئۆي بىزنىڭ ئىسكىلاتىمىز، سەن بۇ يەردە پوستتا تۇرىسەن، مەن نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردىن ئايرىلىشىڭغا رۇخسەت يوق›› دېدى. مەن ‹‹ماقۇل›› دېدىم.
   ـ كېيىن قانداق بولدى؟ سورىدىم قىزىقىپ.
   مەن كەتمەسلىككە ۋەدە بېرىپ، بۇ يەردە تۇرۇۋەردىم، لېكىن ئۇلار كەلمىدى.
   ئۇلار ھازىر قەيەردە؟
   ئۇلار ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
   ئۇنداقتا سەن يەنە نېمىشقا بۇ يەردە تۇرۇۋېرىسەن؟
   مەن ئۇلارغا ۋەدە بەرگەن...
   كۈلۈۋەتكىلى تاس قالدىم، لېكىن دەرھال ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. بالا ئۇلارغا ۋەدە بەرگەن ئىكەن، گەرچە ئۇ بىر ئويۇن بولسىمۇ، ئۇ چوقۇم ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى.
   ـ ئەمدى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسەن؟
   ـ بىلمەيمەن.
   بالا يەنە يىغلاشقا باشلىدى.
ـ قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟
   ـ ئاچتى.
   ـ ئەمىسە، مۇنداق بولسۇن، دېدىم مەن، سەن ئۆيۈڭگە قايت، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بۇ يەردە پوستتا تۇراي.
   بىراق سىز ھەربىي ئەمەس – تە.
   تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئوي كەلدى، ھەربىي بولسىلا بالىنى ۋەدىسىدىن ياندۇرغىلى بولسا، نېمىشقا ھەربىيدىن بىرنى تېپىپ كەلمەيمەن؟
   بىرئاز ساقلاپ تۇر، مەن ھازىرلا كېلىمەن، دېدىم – دە، سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم. باغچا ئىشىكىنى تېخى تاقىمىغانىدى، ئىشىك ئالدىدا خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولساممۇ، بىرەر ھەربىي كۆرۈنمىدى. تىتىلداپ تۇرغىنىمدا، كۆزۈم بىردىنلا كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىكى تىرامۋاي بېكىتىدە تۇرغان بىر كوماندىرغا چۈشتى. بىر تىرامۋاي بېكەتكە كىرىپ كەلدى، ھېلىقى كوماندىر تىرامۋايغا چىقماقچى بولۇۋېدى.
   ـ يولداش كوماندىر، توختاپ تۇرۇڭ! دەپ توۋلىدىم.
   ـ نېمە ئىش؟ دەپ سورىدى ئۇ.
   باغچىدا بىر بالا پوستتا تۇرۇۋېتىپتۇ، ئۇ باشقىلارغا ۋەدە بېرىپتىكەن...
   كوماندىر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ:
   بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دېدى. بۇ چاغدا تىرامۋايمۇ قوزغالدى. ئۇ خاپا بولغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئىشنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇ:
   ـ يۈرۈڭ، بالىنىڭ قېشىغا بارايلى – دېدى.
   بىز باغچىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە، ئىشىك باقار دەرۋازىنى قۇلۇپلاۋاتقان ئىدى، مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، كوماندىرنى باشلاپ باغچىغا كىردىم. بىز قاراڭغۇلۇقتا ھېلىقى تاش ئۆينى تەستە تاپتۇق. بالا يەنىلا شۇ يەردە تۇراتتى.
   - قارا، مەن باشلىقنى چاقىرىپ كەلدىم، دېدىم.
   ـ كوماندىرنى كۆرۈپ بالا بىردىنلا قەددىنى رۇسلىدى. 
   ـ يولداش قاراۋۇل! دېدى كوماندىر ئۇنىڭغا، سېنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىڭ نېمە؟
   ـ سىتارشىي سىرژانت!
   -يولداش سىتارشىي سېرژانت، دەرھال خىزمەت ئورنۇڭدىن ئايرىل!
   -بالا بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن كوماندىردىن:
   -سىزنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىڭىز نېمە؟ دەپ سورىدى.
   -مېنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىم مايور، دېدى كوماندىر.
   ـ بالا ئۇنىڭغا دەرھال چاس بېرىپ:
   ـ خوپ، يولداش مايور! مەن ھازىرلا خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلىمەن! دېدى ياڭراق ئاۋازدا.
   كوماندىر ئىككىمىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتۇق، بالىمۇ يېنىك كۈلۈپ قويدى.
   كوماندىر بالىغا قولىنى ئۇزىتىپ:
   -يولداش سىتارشىي سېرژانت، سەن چوقۇم ھەقىقىي بىر ھەربىي بولالايسەن، خەير خوش! دېدى.
   كوماندىر بالا بىلەن ماڭا ھەربىيچە چاس بەرگەندىن كېيىن قايتىپ كەتتى.
   -ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويايمۇ؟ دەپ سورىدىم بالىدىن.
   -ئۆيۈم بۇ يەرگە يېقىن، ئەنسىرىمەڭ، قورقمايمەن.
   ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئىچىمدە ‹‹ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلالايدىغان بۇ بالا ھەرقانداق قاراڭغۇلۇقتىن، ھەرقانداق يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قورقۇپ قالمايدۇ. ئۇ چوڭ بولغاندا مەيلى نېمە ئىش قىلسۇن، چوقۇم ھەقىقىي بىر ئەركەك بولۇپ يېتىلىدۇ!›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
ئەلىجان ئوبۇل تەرجىمىسى

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى