نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قۇتلۇق نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى

قۇتلۇق نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى

ۋاقتى: 2015-03-15 ئاۋاتلىقى: 4263 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى

    نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا. بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹توققۇز توقۇ›› (توققۇز مەرىكە - مۇراسىم) دېيىلگەن.
    1. نورۇز ناغرىسى
     نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا، شەھەر – كەنت، قىر – يېزىلاردا نورۇز بيرىمى كەلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ، ناغرا – سوناي چېلىناتتى. ئەل – يۇرت نورۇزغا جابدۇناتتى، تەنتەنىلىك ھېيت – بايرام تۈسىنى ئالاتتى.
    2. نورۇز تازىلىقى
   نورۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان ‹‹ئارىغ توقۇ›› (ئېرىغدىلىنىش ـــ تازىلىق ھەرىكىتى) ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلەتتى. مەسىلەن، ئېرىق – ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلاش، ئېغىل ئارانلارنى ئېرىغداش، كوزا – ئىدىشلەرنى ئوبدان تازىلاپ، باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇش، ھويلا – ئارام، يول – خامانلارنى سىيرىپ – سۈپۈرۈش قاتارلىقلار.
    3. سوغۇق قوغلاش
     ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ – توپ بولۇشۇپ، ساغانغۇ (ياغ قاچىلاپ، پىلىك چىقىرىلغان قاپاق) كۆيدۈرۈپ، يۇرت – مەھەللىدىن چىققىنىچە، قىر – سەھرالارغا يۈزلىنىپ، سوغۇق قوغلايدۇ. سوغۇقنى ھەجىۋى قىلىپ قوشاق – بېيت ئېيتىشىدۇ. نورۇزغا بېغىشلانغان ئۈلەن كۈيلەيدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قويۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بۇنىڭدا، بىر – بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىنىدۇ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ. باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتاردا، سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت – مەھەللىگە يانغانلىرىدا، ھەربىر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى دېيىلىدۇ.
   نورۇز ھارپىسى سوغۇقنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن، سوغۇق يېمىكلىكلەر يېيىلەتتى. بۇنداق يۇسۇننى ‹‹قاڭسىق›› دەيتتى. ھازىرقى كۈندە بىرەر يېمەكلىك ئېغىزغا تېتىمىسا ياكى سەل قىرتاق بولۇپ قالسا ‹‹قاڭسىق›› دېيىلىدۇ. دېمەك، بالدۇرقى چاغلاردا، قىش ئوزۇقىدىن قالغان نەرسىلەر، يەنى سوغۇق يېمەكلىكلەر ‹‹قاڭسىق›› دېيىلگەن. 
    4. يوقلاش
    نورۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلىرىنى يوقلاش؛ قەبرە يوقلاش (سىيرىپ – سۈپۈرۈپ، بەلگىلىرىنى ئوڭشاش، دۇئا قىلىش)؛ ئىگە – چاقىسىز قېرى – چۈرى، يېتىم – يېسىر، مېيىپلارنى يوقلاش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    5. نورۇز ئېشى
   نورۇز كۈنلىرىدە، قۇربى يەتكەن ئائىلىلەردە قۇتلۇق كۈننى ئىپادىلەپ، ‹‹ق›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل (ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئىلگىرى توققۇز خىل) يېمەكلىك تەييارلايدۇ. مەسىلەن، قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىما، قۇيرۇق – بېغىر، قوزا گۆشى (تونۇر كاۋىپى ياكى قورداق) دېگەندەك. بۇنداق غىزالارنى تەييارلاش بىلەن نورۇز باشلانغان يېڭى يىلدا ‹‹توققۇزى تەل›› بولۇشنى تىلەيتتى ياكى بولمىسا ‹‹س›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان خېرىتلاردىن، مەسىلەن، سىراق – باش (كاللا - پاقالچاق)، سۈت، سېرىق ياغ، سۇ يېغى، سۆك – تېرىق، ساغۇن، سىركە، سامساق قاتارلىق نەرسىلەردىن ئۆز خۇرۇچىغا لايىق ھەرخىل غىزالارنى تەييارلايتتى. نورۇز ئېشىنى ‹‹تۇتماچ›› دەيتتى، يەنى ‹‹بۇ يىل بىزنى تۇتما ئاچ (ئاچ تۇتما)›› دەپ تەڭرىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، يىل بويى ساغلام – توق بولۇشنى تىلەيتتى.
    نورۇزلۇق ئاشلاردىن بىر خىل ـــ ‹‹ھېلىسە›› (ئېھتىمال ‹‹ھېلى يېسە›› دىن ئىخچاملانغان بولۇشى مۇمكىن). بۇ ئاش مۇنداق ئېتىلەتتى: كالا – قوي گۆشلىرىنى (قۇيرۇقلىرى بىلەنلا) داشقا سېلىپ، بۇغداي يارمىسى قوشۇلاتتى. قازاننىڭ تېگىگە ئولتۇرۇپ قالمىسۇن دەپ، قازانغا مۇشتتەك تاشلار سېلىناتتى.
يەنە بىر خىل ئاش ـــ سۇمۇلەك، ھەرخىل دانلار (بولۇپمۇ بۇغداي مايسىلىرى) بىلەن ئېتىلەتتى. توققۇز خىل دان ۋە قوشۇمچە چامۈۇر، ھەرخىل تۇرۇپ بىلەن تاييەرلىناتتى. 
    6. نورۇز سەيلىسى
    نورۇز باشلان كۈنى يوقلاش توقۇسىنى ئاساسەن ئورۇنداپ بولۇپ، چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغ – ئۇششاق ھەممەيلەن خامانغا، بوستانغا چىقىپ، سەيلە – تاماشا قىلاتتى. يىگىت – قىزلار ئۆزئارا ياكى ئايرىم – ئايرىم ئىككى تەرەپ بولۇپ قوشاق يارىشى ئۆتكۈزەتتى. قوشاقتا ئۇتتۇرۇپ قويغانلار جازالىناتتى يەنى ناخشا ياكى لەتىپە ئېيتىپ بېرىش، ئۇسسۇل ئويناش، دوراش ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر ئىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، ئۇتتۇرغان تەرەپ ئۇتقۇچى تەرەپكە شۇ ئاخشىمى بەزمە ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. 
    قىز – چوكانلار بوستان – چىمەنلەردە، ‹‹ئۇچار تىلگەن›› (چاقى پېلەك)، يالڭۇ (يالڭۇچ ـــ ئىلەڭگۈچ)، تەپۈك (تەپكۈچ)، ئوقتاش، ئاتلامچۇق، ئوردىكام (ياڭاق تاشلاش)، ‹‹كۈچۈڭ يەتسە ئال›› ياكى ‹‹قارا – قارا قۇشناچىم››، مۆكۈشمەك قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتتى.
    ئوغۇل بالىلار نورۇز ئاخشىمى ‹‹باندال ئويناپ››، ‹‹سوغۇقنىڭ چۈپرەندىلىرى›› نى قوغلايتتى (باندال ـــ تارغاق سۆڭەك ياكى تارغاققا ئوخشاش تارىشا ئۇچىغا ئوت يېقىپ، كېچىسى بىر – بىرىگە ئېتىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن).
       7. نورۇز يارىشى
    نورۇزنىڭ ياندۇرقى كۈنى ‹‹يارىش›› (مۇسابىقە) ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ ئاساسەن تەنھەرىكەت ئىدى. مەسىلەن، ھېلىش، بەيگە، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز ۋە كەكلىك سوقۇشتۇرۇش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، سالغۇ تاشلاش، ئوقيا ئېتىش ۋە باشقىلار. 
    8. نورۇز مەشرىپى
    نورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت – مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇنداق مەشرەپنى يۇرتنىڭ چوڭلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى ياكى ئەھلىمەھەللە قۇربى يەتكىنىچە يىغىش قىلىپ (ھەركىم ئۆز ھالىغا يارىشا قوي، توپاق، توخۇ، ئۇن –گۈرۈچ، نان، ياغ، كۆكتات، قەنت – گېزەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ) داستىخان تەييارلايتتى. مەشرەپ ناھايىتى تەرتىپلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلەتتى. مەشرەپنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ ئىدى. شۇڭا كونىلار: ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر›› ياكى يۈرۈش – تۇرۇش، ئەدەپ – سۈلكەتنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى ‹‹مەشرەپ كۆرمىگەن›› دەيتتى.
     9. نورۇزلۇق تىلەك
     نورۇزنىڭ 4-  كۈنى ئەھلىمەھەللە ئاخۇن – موللىلارنىڭ باشچىلىقىدا ‹‹زارەخەتمە›› ئۆتكۈزۈلەتتى. خەتمە ئەسلىدە قۇرئاننى باشتىن ئوقۇپ تاماملاش مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. بارا – بارا، ئومۇمەن دۇئا – تىلاۋەت ئۆتكۈزۈشنىمۇ ‹‹خەتمە›› دەيدىغان بولغان. بۇ پائالىيەتتە، نورۇزنىڭ ياخشى باشلىنىپ، مۇراسىمنىڭ شاد –خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ۋە ئۆتكەن يىلقى نېمەتلەرگە شۈكۈرانە بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يىلنىڭ ئامان – ئېسەن، توقچىلىق بىلەن ئۆتۈشىنى، يەنى زىرائەت ئېكىنچىلىكنىڭ مول – ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەش يۈزىسىدىن كوللېكتىپ دۇئا – تىلاۋەت قىلىناتتى. ئاندىن تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بولماسلىقى، ھۆل – يېغىننىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىناتتى.
    نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، بۇ ـــ بىرلىك ئىناقلىق بايرىمى ئىدى. ئۆچ – ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر – خوتۇنلار ‹‹ئۆتكەنگە سالاۋات›› قىلىپ، قايتىدىن يارىشىۋالاتتى ياكى ياراشتۇرۇلۇپ قوياتتى. بۇ كۆپىنچە، يوقلاش پائالىيىتىدە ياكى مەشرەپ –سەيلىلەردە، ياكى بولمىسا ‹‹زارەخەتمە›› ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى.
    نورۇز ـــ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق – ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمى، شۇڭا بۇ بايرام قۇتلۇق بايرامدۇر. 

ھاجى ئىمىن تۇرسۇننىڭ ‹‹نورۇزنامە›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى