دەھشەت قىزىق يۇمۇرلار
-
دەھشەت قىزىق يۇمۇرلار
ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 3656 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دەھشەت قىزىق يۇمۇرلارمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگىتەۋەررۈكئەر:— خانىم، مەن ئېرىڭىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى سەبدېشى ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ بىرەر تەۋەررۈك نەرسىلىرى بولسا خاتىرىلەشكە ئېلىۋالسام بولامدۇ؟ئايال:— ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن دەل ئۇنىڭ تەۋەررۈكى.قايتۇرما سوئالبىرەيلەن دوختۇردىن سورىدى:— ھۆرمەتلىك دوختۇر، مەن قانداق قىلسام 100 ياشقا كىرىمەن؟— بىرىنچىدىن ھاراق ئىچىشنى تاشلاڭ.— ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.— ئىككىنچىدىن ئاياللارغا قاش ئاتماڭ.— توۋا دەڭا دوختۇر، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.— ئۈچىنچىدىن گۆشنى ئاز يەڭ.— مەن دەل گۆشسىز تاماق يەيدىغىنى.— ھوي، ئۇنداقتا بۇنچە ئۇزۇن ياشاپ نېمە قىلىسىز؟ئۈستۈنلۈك تالىشىشئائىلىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى كىمنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن ئەر- خوتۇن تاكاللىشىپ قالدى. ئاخىرى ئايالى ۋارقىراپلا سۆزلەپ كەتتى:— ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ تېلېۋىزۇر بۇ يەردە تۇراتتىما؟— ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ كرېسلو بۇ يەرگە قويۇلاتتىما؟— ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ ئۆي بولاتتىما؟ئايالىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چىدىمىغان ئېرى دەپتۇ:— ھوي، توغرا دەيسەن، ئەگەر سېنىڭ پۇلۇڭ بولمىغان بولسا مەن بۇ يەردە تۇراتتىما؟كىيىم ئالماشتۇرۇش— مەن بىر كۈندە بەش قېتىم كىيىم ئالماشتۇردۇم، — دەپتۇ كىيىم مودېلى دوستىغا.— بۇ ھېچقانچە ئەمەسكەن، — دەپ سۆزگە ئارىلىشىپتۇ دوستىنىڭ ئوغلى، —سىڭلىم بىر كۈندە 12 قېتىم كىيىم ئالماشتۇرىدۇ.— سىڭلىڭىز شۇنداق قىلامدا، ئۇ قانچە ياشقا كىردى ؟— ئەمدى ئۈچ ئايلىق بولدى.ساغلاملىق گېزىتىئانىسى قىزىنى مانتا ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ.ئاشخانا مۇلازىمى مانتىنى گېزىتكە يۆگەپلا قىزچاققا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.— ھامما، مۇئەللىم بىزگە ‹‹يېمەكلىكنى گېزىتكە ئورىسا بولمايدۇ›› دېگەنىدى.— جېنىم قوزام، ھېچنېمە بولمايدۇ، بۇ دېگەن ‹‹ساغلاملىق گېزىتى››.دادام خاتا دەپ قويدىكىچىك جېك دادىسى ئاچقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىغا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. بۇ چاغدا دادىسى خېرىدارغا ئىككى پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ گىرىم بۇيۇمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.— قاراڭ، بۇ سۈرەتتىكىسى ئىشلەتمىگەن ۋاقتى، مانا بۇ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ۋاقتى.— دادا، خاتالاشتىڭىز، بۇ سۈرەتتىكىسى مومام، ئۇ سۈرەتتىكىسى ئاپام، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ كىچىك جېك.
تەس ئىشجاۋابكار ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىغا دەپتۇ:— ئەگەر قابىلىيىتىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مېنى تۈرمىدە پەقەت ئالتە ئايلا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز، پۈتۈشكىنىمىزدىن باشقا يەنە مىڭ دوللار بېرەتتىم.جاۋابكار ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپتۇ.— بۇ ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى، ئەسلىدە سوتچىلار سىزنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرمەكچى ئىدى، — دەپتۇ ئادۋوكات ئالغان پۇلىنى سانىغاچ.
جىددىي تەدبىرفېلىپنىڭ ئايالى تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭغا:— ئۆيگە تېز قايتىپ كېلىڭ، قورقۇنچلۇق ئەھۋال يۈز بەردى، كەنجى ئوغلىمىز ئوۋ مىلتىقىڭىزنىڭ ئوقىنى يۇتۇۋالدى.— مەن بارغۇچە يېنىدىن دەرھال كېتىڭ، بالىمىز ئەتراپىدىكىلەرنى قارىغا ئېلىۋالمىسۇن يەنە، — دەپتۇ فېلىپ جىددىيلەشكەن ھالدا.تەييارلىغۇچى: پولات ئامانيارتېكەس ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى
2015-02-08 17:27:015721داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (12)
2015-03-01 21:08:414059بىر يۈرۈش يىلمان يۇمۇرلار
2015-03-11 19:50:584043قەبرىستانلىق ـــ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ قەلب ئۆتىڭى
2015-02-09 17:51:533745بىلىشكە تېگىشلىك دوستلۇق مىزانلىرى
2015-07-21 13:18:483765داڭلىق باي بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسى
2015-03-11 19:36:053365‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ تارىخى
2015-04-15 18:16:044740داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (8)
2015-03-01 12:30:103455
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-