نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىلىشكە تېگىشلىك دوستلۇق مىزانلىرى

بىلىشكە تېگىشلىك دوستلۇق مىزانلىرى

ۋاقتى: 2015-07-21 ئاۋاتلىقى: 3754 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دوستلۇق مىزانلىرى

 


   كىشىلىك تۇرمۇش دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ. دوستلىشىشقا ماھىر بولمىسىڭىز، دوستسىز قالىسىز، دوستسىز تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى؟ بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كېڭىيىدۇ، دەپتىكەن كونىلار. دوستىڭىزنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق. شۇنداق ئىكەن، دوستلۇق مۇناسىۋەتتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ:
△ دوستىڭىزغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ، سۆھبەتتە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ، گېپىنى ئورۇنسىز بۆلۈۋەتمەڭ.
△ دوستىڭىز سىزگە دەردىنى ئېيتىۋاتقاندا تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماڭ، يەنى خۇشاللىقلىرىڭىزنى سۆزلىمەڭ.
△ دوستىڭىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك ۋەز – نەسىھەتلىرىڭىزنى تەكرارلاۋەرمەڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئامانەت مەخپىيەتلىكلىرىنى باشقىلارغا ھەرگىز تىنماڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دوستىڭىزنى ھەدەپ ماختاۋەرمەڭ. دوستىڭىز ئۆزىگە بولغان يېقىنلىقىڭىزدىن شۈبھىلەنمىسۇن.
△ دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىدىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۈزۈشكە ئالدىرىماڭ، بەلكى ئۇلارنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى، بىر – بىرىگە قىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ چىگىشىنى يېشىپ، دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ. 
△ دوستلىرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى (سىز ئۆچ بولسىڭىزمۇ) ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
△ خاتىرە كۈنلىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاددىي بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ.
△ دوستلار ئارا دەتالاشتا ئەزۋەيلىمەي جىم تۇرۇۋېلىش ئاقىلانىلىك. ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر خاتالىق دوستىڭىزدىن ئۆتۈپ، كۆڭلىڭىز رەنجىسە، دەرھاللا يۈزىگە سالماي، سەل ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ، ھەرگىز باشقا دوستلارغا دەرد تۆكمەڭ.

تەييارلىغۇچى: سائادەت ساتتار

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى