نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىر يۈرۈش يىلمان يۇمۇرلار

بىر يۈرۈش يىلمان يۇمۇرلار

ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 4045 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇمۇرلار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى

دەرۋازىۋەن
   ئورۇق بىر يىگىت بىر شىركەتنىڭ دەرۋازىۋەنلىكىنى قىلىش ئۈچۈن تىزىملاتقىلى بېرىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە زەن سېلىپ:
   — بىزگە ئىچى تارلىقتا ئۇچىغا چىققان، ھەممىدىن گۇمانلىنىپ يۈرىدىغان، كۆزىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ تۇرىدىغان، يەتتە قات يەر ئاستىدىكى شەپىنى سېزەلەيدىغان، قاۋۇل، ھازازۇل، بىرى بىر نېمە دەپ بولغۇچە، غالجىر ئىتتەك ئېتىلىپ تۇرىدىغان ئادەم لازىم، – دەپتۇ.
   — ئۇنداق بولسا خوتۇنۇم بولغۇدەك، – دەپتۇ ھېلىقى يىگىت.
كۆڭۈل بۆلۈش
   بىر ئوقۇغۇچى پويىز بېلىتىنى زاكاز قىلمايلا ئۇدۇل پويىز بېكىتىگە بېرىپ بېلەت ئالماقچى بولدى. ئۇ ئۆچىرەتتە بەش سائەت ساقلاپ ئاران كۆزنەكنىڭ ئالدىغا كەلدى.
   ئوقۇغۇچى: خەنكۇغا بارىدىغان پويىزنىڭ كارىۋات بېلىتى بارمۇ؟
   بېلەت ساتقۇچى: يوق.
   ئوقۇغۇچى: ئورۇندۇق بېلىتىچۇ؟
   بېلەت ساتقۇچى: يوق.
   ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا ئورۇندۇقسىز بېلەتچۇ؟
   بېلەت ساتقۇچى: بار، لېكىن ئوقۇغۇچىلارغا سېتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.
   ئوقۇغۇچى: نېمىشقا؟
   بېلەت ساتقۇچى: چۈنكى، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى پويىزدا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قايتقۇزماسلىق كېرەك، دېگەن بەلگىلىمىسى بار.
قىممىتى يوق
   ئىككى ئادەم تاكسىغا چىقىپتۇ، ئۇلارنىڭ بىرى شوپۇردىن سوراپتۇ:
   — شەھەر مەركىزىگە بارساق نەچچە پۇل؟
   — ئون يۈەن، – دەپتۇ تاكسى شوپۇرى.
   — ئىككىمىز بارساقچۇ؟
   — ئوخشاشلا ئون يۈەن.
   بۇ چاغدا ئۇ ئادەم ھەمراھىغا قاراپ دەپتۇ:
   — دېمىدىممۇ، سېنىڭ ئازراقمۇ قىممىتىڭ يوق!
ئەرنىڭ ئايال كاتىپى
   ئايال: ھېلىقى ئايال كاتىپىڭىز شىركەتكە كەلگىلى نەچچە يىل بولدى؟
   ئەر: ئۈچ – تۆت يىل بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.
   ئايال: نەچچە ياشقا كىرىپتۇ؟
   ئەر: 30 لاردا باردۇر، تەپسىلىي سوراپ باقماپتىمەن.
   ئايال: چىرايلىقمۇ؟
   ئەر: ھەر ھالدا بولۇپ قالىدۇ.
   ئايال: كىيىم كىيىشى قانداقراق؟
   ئەر ئويلاشمايلا: ناھايىتى تېز...
تاقىرباش
   ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى مارك كاڭنېرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بىر تالمۇ تۈكى يوق تاقىر بېشى ئىكەن. بەزىلەر بۇنى ئەقىللىقلىقنىڭ سىمۋولى دېسە، بەزىلەر بۇنى شاڭخو قىلىشنىڭ ئوبيېكتى قىلىۋالىدىكەن. بىر كۈنى بىر ياش ئۇنىڭ تاقىر بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
   — بېشىڭىز خۇددى خوتۇنۇمنىڭ كاسسىسىدەك سىيلىق ئىكەن، – دەپ چاقچاق قىپتۇ.
   بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كاڭنېر ھېلىقى ياشقا ناھايىتى مەنىلىك قاراپ، بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
   — راست دەپسىز، ھەقىقەتەن خوتۇنىڭىزنىڭ كاسسىسىنى سىيلاۋاتقاندەك بولۇۋاتىمەن، – دەپتۇ.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى