نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھىندىستان Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

ھىندىستان Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

ۋاقتى: 2015-05-08 ئاۋاتلىقى: 5200 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىندىستان Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

ھىندىستان Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1992-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. بۇ ئىستانسا قۇرۇلغاندىن كېيىن تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، بۈگۈنگىچە دۆلەت ئىچىدە 26 قانال، چەت ئەللەردە 15 قانال بويىچە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۇنيادىكى 125 دۆلەتكە يەتتە خىل تىلدا پىروگرامما تارقىتىدۇ.


ھازىر Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال مېدىيە كۆڭۈڭ ئېچىش شىركىتى، شۇنداقلا ھىندىستاندا ئەڭ ئالقىشلانغان كۆڭۈل ئېچىش ماركىلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئىستانسا قۇرۇلغان قىسقىغىنە 23 يىلدا ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق ماركىغا ئايلاندى، دۇنياغا يۇقىرى ئابروي تىكلىدى. Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ مېدىيە پىروگراممىسى تەمىنلەش سودىگىرى، شۇنداقلا ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ كۆپ يوللۇق مېدىيە تارقىتىش سۇپىسى بولۇپ، دۇنيادىكى ياۋروپا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق 125 دۆلەتتىكى كۆرۈرمەنلىرى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ.
Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مول ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ چىققان. بۇلار ئائىلە تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كۆرۈنۈشلۈك كومىدىيە، مۇھەببەت بەدىئىي فىلىمى، قورقۇنچلۇق فىلىم ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، ئاخبارات تېز خەۋەرلىرى، مودا ئېقىم، يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەر، يۈگا ھەرىكىتى، ئېسىل تائاملار قاتارلىق ھۆججەتلىك فىلىم ۋە پىروگراممىلارنى، شۇنداقلا بوللىۋود كىنولىرى، مۇزىكىلىق ئوپېرا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجادىي پىروگرامما ماتېرىيال ئامبىرى 9000 سائەتتىن ئاشىدۇ. بۇ ئىستانسىنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى تېلېۋىزىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ئىستانسا ئائىلىدىكى تېلېۋىزىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ ھۇزۇرلىنىش پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش ئامىللىرى ۋە ئۇسلۇبلىرى ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنى مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جانلاندۇرغان. يەنە ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئۇسلۇب ياراتقان.
Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگرامما ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ مەدەنىيەت، ئەنئەنىنى يىلتىز قىلغانلىقىدا، شۇنداقلا ئۇنى دۇنيا مىقىياسىدا كەڭ كۆلەمدە نامايان قىلالىغانلىقىدا بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا سانسىزلىغان تېلېۋىزىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان. كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان ھېكايىسىمان ۋە ھۇزۇرلىنىش تىپىدىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، شۇنداقلا تەسىرى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بوللىۋودنىڭ كىنولىرى Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى دۇنيا مىقىياسىدا زور شان-شۆھرەتكە ئىگە قىلدى.
بۇ ئىستانسا 1995-يىلى ياۋروپاغا پىروگرامما تارقىتىشنى باشلىغان، 1998-يىلى ئامېرىكا ۋە ئافرىقىغا پىروگرامما تارقىتىشنى باشلىغان، ھازىرغىچە بەش چوڭ قۇرۇقلۇقتا پېيى بازارغا سېلىندى.
ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھىندىستان Zee تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلەيدۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇقىرى كۆرۈش ئۈنۈمى يارىتىۋاتىدۇ.

مەن ھازىرغا قەدەر بۇ ئىستانسا ئىشلىگەن «سۈيقەست ۋە نىكاھ» (48 قىسىم)، «مۆجىزە» (118 قىسىم)، «قېرىنداشلار ئارا مۇھەببەت-نەپرەت» (27 قىسىم)، «ھەر ئۆينىڭ غېمى باشقىچە» (75 قىسىم)، «ئائىلە مېھرى» (60 قىسىم)، «كېلىن» (جەمئىي 500 قىسىم، مەن ئالدىنقى 140 قىسىمنى كۆرگەن)، «تۆت قىزنىڭ تەقدىرى» (60 قىسىم)، «قارا مەرۋايىت» (70 قىسىم)، «تەقدىر» (61 قىسىم)، «چوڭ قىزنىڭ تويى» (80 قىسىم)، «ئۆمۈرلۈك ۋەدە» (50 قىسىم)، «بوللىۋود چۈشى» (20 قىسىم)، «ماڭلاي سۇرۇخ» (100 قىسىم)، «ھايات گويا بىر ئويۇن» (40 قىسىم)، «سىزنى سۆيگۈنۈم خاتالىقىم ئەمەس» (34 قىسىم)، «گۈزەل بەدەل»، «بىر قېيىنئانا، بەش كېلىن» قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.
































بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى