نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ماشىنىسىنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ماشىنىسىنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

ۋاقتى: 2016-01-29 ئاۋاتلىقى: 3892 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ماشىنىسى «ياۋايى ھايۋان»نىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى



خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تاراتقۇلاردا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ماشىنىسىنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ماشىنىنىڭ نامى «ياۋايى ھايۋان» بولۇپ، 2017-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئىشلىتىشى مۇمكىنكەن. نۆۋەتتە، بۇ ماشىنىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار مەخپىي بولسىمۇ، ئەمما سۈرەتلەردىن «كادىلاك»نىڭ ئەڭ يېڭى رادىياتور رىشاتكىسى بىلەن ئالدى چىراغ لايىھەسى ئىشلىتىلگەن.
بۇ يېڭى تىپتىكى ماشىنا ئاخىرىدا قارا مەرۋايىت رەڭگىدە بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈشتە ماشىنا نىقابلىنىپ، ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى پىنھان تۇتۇلغان. بۇ ماشىنىنى ياساشقا ئاق ساراي ئەمەلدارى نازارەتچىلىك قىلغان بولۇپ، رەسمىي نامى «زۇڭتۇڭ مەخسۇس ماشىنىسى»، يەنە بىر نامى «مەپە 1-نومۇر» ئىكەن. نۆۋەتتە ماشىنىنى ياساش سودىگەرلىرى بۇنداق ماشىنىنى ياساپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى «گېنىرال» ئاپتوموبىل شىركىتى زۇڭتۇڭ مەخسۇس ماشىنىسىدىن ئىككىنى ياسىغان.

ئاق سارايدا نۆۋەتتە 12 ماشىنىدىن تەركىب تاپقان ماشىنا ئەترىتى بار بولۇپ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر بىر ماشىنىنىڭ قىممىتى بىر مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (توققۇز مىليون 860 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)دىن تۆۋەن ئەمەس. يېڭى ماشىنىنىڭ سۈرىتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۇ ماشىنىدا «كادىلاك»نىڭ ئۇزۇن ماشىنا گەۋدىسى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئىلگىرىكى تىپتىكىگە ئىنتايىن ئوخشايدىكەن.


ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ماشىنىسىنىڭ سىرتقى قىياپىتى قارىماققا ئىنتايىن ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى قۇرۇلمىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئوباما نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى سەككىز توننا كېلىدىغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىدە قوغداش قەۋىتى بار. ماشىنا ئىشىكىنىڭ قېلىنلىقى 20 سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، «بوئىن 747» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىشىكى بىلەن ئوخشاش. ماشىنا ئىچىدىكى بوشلۇقلار ئىنتايىن پۇختا بولۇپ، بىيو-خىمىيە قوراللىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. يۈك-تاق ساندۇقىدا يەنە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىگۈچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ناۋادا سىرتتا ھاۋادا زەھەر بولۇپ، ساپ ھاۋانى ماشىنىغا ئەكىرگىلى بولىدۇ.
ماشىنىنىڭ بارلىق دېرىزىلىرىمۇ ئىنتايىن پۇختا بولۇپ، ئۇنى مىدرىتىش، چېقىش بەسىي مۈشكۈل، شوپۇر تەرەپتىكى بىر كۆزنەك ھەق تۆلەشكە قولايلىقلاشتۇرۇلغان، ئەمما يەنىلا ئوق ۋە پارتلاتقۇچتىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. بالوننىڭ سىرتى كېۋلار تالاسى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بالوننىڭ پارتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بالون پارتلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، مېتال چاق چەمبىرى بىلەن ماشىنا داۋاملىق ماڭالايدۇ. ماي باكىنىڭ سىرتى ئوققا قارشى پولات تاختا بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئىچىدە ئالاھىدە كۆپۈكچە بار، بىۋاسىتە زەربىگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ماي باكىنىڭ پارتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئوبامانىڭ ماشىنىسىغا يەنە كېچىدە كۆرۈش ئاپپاراتى، GPS ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، شۇنداقلا سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. ماشىنىدا ھەتتا زۇڭتۇڭنىڭ قان تىپىغا ماس كېلىدىغان قانمۇ تەييارلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جىددىي ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈلگەن. يەنە ماشىنىغا يەنە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى، چاچما ئوقلۇق قورال، كېچىدە كۆرۈش ئەينىكى، شۇنداقلا ياش گازى چىقىرىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار ئورنىتىلغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى بىرتەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

نۆۋەتتە يەنە يېڭى تىپتىكى زۇڭتۇڭ ماشىنىسىغا بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ سەپلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بەلكىم ھەممىسى سەپلىنىشى مۇمكىن، يا بولمىسا تېخنىكىسى ئىلگىرىكى زۇڭتۇڭ ماشىنىلىرىدىنمۇ ئىلغار بولۇشى مۇمكىن.



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى