دۇبەي يەتتە يۇلتۇزلۇق يەلكەن مېھمانسارىيى
-
دۇبەي يەتتە يۇلتۇزلۇق يەلكەن مېھمانسارىيى
ۋاقتى: 2015-09-23 ئاۋاتلىقى: 3984 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇبەيدىكى يەتتە يۇلتۇزلۇق يەلكەن مېھمانسارىيى
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەرجىمىسى: يېقىندا ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ››نىڭ ساياھەت پىروگراممىسى مۇخبىرى يەر شارى بويىچە ئەڭ ھەشەمەتلىك مېھمانساراي ــــ دۇبەيدىكى يەتتە يۇلتۇزلۇق يەلكەن مېھمانسارىيىدا زىيارەتتە بولغان.
يەلكەن مېھمانسارىيى دۇنيادىكى تۇنجى يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بولۇپ، ئىچكى بېزىلىشىگە ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بۇ مېھمانساراي كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ. مېھمانسارايغا يۇقىرى دەرىجىلىك روللس-رويس كاتتا ئاپتوموبىلىدىن ئون نەچچىسى سەپلەنگەن بولۇپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. مېھمانساراينىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تىك ئۇچار قونىدىغان سۇپا بار بولۇپ، مېھمانلار تىك ئۇچار بىلەن ئۇدۇل مېھمانسارايغا چۈشەلەيدىكەن.نۆۋەتتە، بۇ مېھمانسارايدا جەمئىي 202 ئالىي دەرىجىلىك ياتاق ئۆي بار بولۇپ، ياتاق ئۆينىڭ ھەممىسى قوش قەۋەتلىك. مېھمانساراي يەنە مېھمانلارنىڭ مېھمانسارايدىكى تۇرمۇشىنىڭ راھەت، كۆڭۈللۈك بولۇشى ئۈچۈن، ھەر بىرىگە شەخسىي غوجىدار ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن.بۇنىڭدىن سىرت، مېھمانسارايدا تۈرلۈك نازۇ-نىممەتلەر بار بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر خىل ئەڭ ئېسىل يېمەكلىكلەر بۇ يەردە تېپىلىدىكەن. يەلكەن مېھمانسارىيىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياتاق باھاسى 900 فوندىستېرلىڭ ( تەخمىنەن 8896 يۈەن خەلق پۇلى ) ئىكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (1)
2015-02-28 17:50:353937جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى گىگانت شەخس __ ما خۇا
2016-07-04 10:57:331021دۇنيادىكى 10 پارچە نادىر سۈرەتكە نەزەر
2015-05-06 10:23:0638712016-يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
2015-12-11 01:19:024049‹‹ئىنتېرنېت ئابونتلار نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىس
2015-02-04 16:50:493306دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت بايرىقىغا نەزەر
2016-06-29 17:34:031113نىدائىي: نورۇزغا سۆز
2015-03-18 22:18:404249ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ ئىستېپا بېرىش نۇت
2016-06-29 16:11:592921
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-