نىدائىي: ئوبامانىڭ ئاتىلار بايرىمىلىق نۇتۇقى
-
نىدائىي: ئوبامانىڭ ئاتىلار بايرىمىلىق نۇتۇقى
ۋاقتى: 2015-06-16 ئاۋاتلىقى: 4590 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 2014-يىللىق ئاتىلار بايرىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
تەرجىماندىن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2014-يىللىق ئاتىلار بايرىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيادىكى بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنىدى. مەن 2015-يىللىق ئاتىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ۋە بارلىق ئاتىلارنىڭ 2015-يىللىق ئاتىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەمدە ئالىي سالام يوللايمەن.
نۇتۇق تولۇق تېكىستى:كۆپچىلىك سالام سىلەرگە! يەكشەنبە كۈنى ئاتىلار بايرىمى. ناۋادا سىز تېخى ئاتا بولمىغان بولسىڭىزمۇ سوۋغا تەييارلاپ قويۇڭ، ھازىرمۇ ئۈلگۈرىسىز. سېخىيراق بولايلى. ئەمما ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئاتىلىرىمىزغا ئاتا قىلغانلىرىمىز ئاتىلىرىمىزنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرىغا مەڭگۈ يەتمەيدۇ.مەن سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلاردا بىر ئاتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ چوڭ بولغۇچە ئاتام يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭسىز بىزنىڭ قىيىن كۈنلەردە قالىدىغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلەتتىم. شۇڭا مىچېل ۋە ئىككى قىزىمغا بىر ياخشى ئەر ۋە ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن كۈندە تىرىشىمەن، مەن بۇنداق چاغلاردا ئۆيدە بولالماي قالدىم. مەن ھەمىشە پۇرسەت بولسىلا ئاتىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە ئىلھام بېرىمەن، چۈنكى بۇ سىزنى توختىماي بالا تاپالايدىغان ئەرلا ئەمەس، بەلكى بالىلىرىنى تەربىيەلىيەلەيدىغان مەردانە ئاتىلاردىن قىلالايدۇ.يەنە ئۆتكەنكى نەچچە يىلدا، مەن نۇرغۇن ئاتىسىز ياشلارنى ئۇچراتتىم. مەيلى ئاتىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمىسىمۇ، ئارىمىزدىكى ھەربىرەيلەن ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئۇستازغا، بالىلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سالىدىغان قەھرىمانغا ئايلىنالايمىز. بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدە، مەن ھەممەيلەننىڭ تىرىشىپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياشلىرىمىزنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى قېزىشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ‹‹ئىنىمنىڭ ھامىيسى›› ناملىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ناۋادا سىز مەھەللىڭىزدىكى ھەرقانداق بىر ياشقا يېتەكچى بولماقچى بولسىڭىز توردىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ باقسىڭىز بولىدۇ.مەن بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق ياشنىڭ تۇرمۇشىدا ئاساسىي رول ئوينىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدىم. ئۇلۇغ ئاتا-ئانا ياكى يېتەكچىلەردىن بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش ـــ بىز مۇقەررەر تاللىشىمىز. ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بىرمۇ ھۆكۈمەت تۈرى يوق. يەنە، بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز نۇرغۇن ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل تاللىشىغا ياردەم بېرىمىز.نېمىشقا مۇشۇ ھەپتە ئەتىگەندە، بىز پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى مائاشلىق ئاتىلارنى ئاق سارايدا بىز دۇچ كەلگەن رىقابەتلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشكە تەكلىپ قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ھەپتىدە، مەن ئاق سارايدا ‹‹ئاق ساراي يۇقىرى مائاشلىقلار ئۇچرىشىشى›› ئۆتكۈزمەكچىمەن. بىز ھازىر نۇرغۇن سىياسەتلەردە 1950-يىللىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈۋاتىمىز، ھازىر ئۇ سىياسەتلەر بۈگۈنكى ئائىلىلەرگە يېتىشەلمەيدىغان چاغ بولۇپ قالدى، بۇ ئائىلىلەردە ئادەتتە ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ خىزمەت قىلىدۇ. ئانىلار ۋە ئاتىلار بالىلارنىڭ داۋالىتىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق، رۇخسەت سوراپ ئاغرىپ قالغان ئاتا-ئانىلار ياكى بالىلىرىغا قاراش ئۈچۈن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىسىمۇ بولىدۇ. ئاياللار ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىشقا ھەقلىق، نۇرغۇن ئاياللار ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلانغاندا، ئەرلەرمۇ تەڭ مەنپەئەتلىنىدۇ. بىز پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئاتا-ئانىنىڭ بىر ئائىلىنى قىيىنچىلىقتا قويۇشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن، ھازىر دۆلەتتىكى ھەربىر ئىشتات بىر-بىرىدىن قالماي، ئامېرىكىغا يېڭى قىياپەت ئاتا قىلدى.ئاتىلار تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ؛ ئۇلار ۋە ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكى ئاتىلارغا بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ھاياتلىقتا ھېچقانداق نەرسە ئاتىلارنىڭ بالىلىرىغا سەرپ قىلغان ۋاقتىدىنمۇ قىممەتلىك بولمىسا كېرەك. ھېچنېمە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەرقانداق ئۇتۇق قازىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشتىك بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلغانغا يەتمىسە كېرەك.بىز ھەربىر ئىشچان، مەسئۇلىيەتچان ئاتىنىڭ پۇرسەتلا بولسا، بىر يەكشەنبىلا ئەمەس، بەلكى ھەر يىلى، ھەر ئاي، ھەر كۈنى مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.رەھمەت سىلەرگە، ئاتىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئارام كۈنۈڭلار شادلىقتا ئۆتكەي!
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
‹‹مۇقام›› ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
2015-04-25 20:44:295314قارامايدىكى گۈزەل ئاپتاپپەرەسلىككە نەزەر
2015-07-31 13:00:474131داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (19)
2015-03-01 22:42:543502نىدائىي: سەرسان ھەرپ
2015-02-09 10:18:084468ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى
2015-03-05 17:36:283786127 قېتىم چاۋاك چېلىنغان نۇتۇقتىن ئۈزۈندىلەر
2015-10-13 15:14:047496سەلتەنەتلىك ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى
2015-04-22 18:21:153627دۇنيادىكى نادىر مىكروھېكايىلەر (1)
2015-02-05 17:12:533502
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-