نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى

ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى

ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 3763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى

   بۇ خارابە لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇققا جايلاشقان . تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ، ئەسلىدە شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى7 ~ 8 چاقىرىم بولۇپ ، قەدىمكى شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قىسمى قۇم ئاستىدا قالغان . ھازىر بۇنىڭ 93.6 مېتىر قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان . سېپىلنىڭ ئاستى كەڭلىكى 2.5مېتىر، ئۈستۈنكى كەڭلىكى 1.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىر بولۇپ ، سېپىل ئۈستىدە يوشۇرۇنۇش ئورنى بار . سېپىل ئەتىراپىدىكى ئون نەچچە كىلومېتىر دائىرىدە ئېرىق-ئۆستەڭ ، ئېتىز ئىزنالىرى بار . سېپىل چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان چوڭ تىپتىكى خىشتىن قوپۇرۇلغان . خىشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 30~ 40 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىرچە كېلىدۇ . قەدىمكى شەھەرنىڭ يەر ئۈستىنى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى شامال يالاپ كەتكەن بولغاچقا ، سېپىل تام ئاستى ئەسلىدىكى يەر يۈزىدىن 4 ~ 5 مېتىرچە تۆۋەنلەپ كەتكەن ، ئىمارەت خارابىسى قالمىغان . بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەسلىدە نېمىدەپ ئاتىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس . شەھەر سېپىلى ئاق سېغىزدىن قۇيۇلغان خىشتىن قوپۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ‹‹ ئاقسېپىل›› دەپ ئاتالغانىكەن . ئەمەلىيەتتە بۇ كېيىنكىلەر قويغان ئىسىم بولۇشى مۇمكىن .
    ئاقسېپىل قەدىمكى خارابىسى   بۇ خارابىلىكتىن بەش مىسقاللىق مىس پۇل ، چىشلىق چاق شەكلىدىكى پۇل ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىگە خاس مىس پۇل ، ئات سۈرەتلىك ئۇدۇن مىس پۇلى ، تاق قۇلاقلىق قىزىل ساپال كوزا، ساپالدىن ياسالغان ئات بېشى پارچىسى ، خەنزۇچە-كارۇشتىچە يېزىقتكى پۇل ، بەش دانە ساپال مايمۇن ، تۆت دانە ساپال بۇت پارچىسى ، تۆت قۇلاقلىق بىر دانە كوزا ، ئادەم سۈرەتلىك بىر دانە كوزا قاپىقى پارچىسى، ئالتە دانە ساپال ئۇرچۇق غالتىكى ، سەككىز دانە ئەينەك پارچىسى ، بىر قاپ مۇنچاق ، قىتان يېزىقىدىكى بىر مىس مۆھۆر... قاتارلىقلار تېپىلغان .
   سېپل تېمىغا ئشلىتىلگەن كېسەكنىڭ بىر يۈزىدە يېزىق بولۇپ ، ئاجراپ كەتكەن خىشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمىغان 17 ھەرپ بارلىقى ، ئۇنىڭ 15 ى قەدىمكى كارۇشتى يېزىقى، ئىككىسى قەدىمكى بىراخما يېزىقى ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە ئسپاتلاپ چىقىلدى . سېپىل تېمىدىكى يېزىقلارغا قارىغاندا، بۇ شەھەر خارابىسى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2300 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى