ئەردۇغان بىلەن ئەھمەدداۋۇتئوغلۇنىڭ سۈرىتى دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتتى
-
ئەردۇغان بىلەن ئەھمەدداۋۇتئوغلۇنىڭ سۈرىتى دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتتى
ۋاقتى: 2015-06-01 ئاۋاتلىقى: 3774 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەسلى تېمىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى بىلەن زۇڭلىسىنىڭ تەشۋىقات سۈرىتى دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتتى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇغان بىلەن تۈركىيە زۇڭلىسى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇ تەشۋىقات سۈرىتىنىڭ كۆلىمى 4709 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جىننېس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى.
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى››نىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بىلەن تۈركىيە زۇڭلىسى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەشۋىقات رەسىمى يېقىندا جىننېس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەشۋىقات سۈرىتى ھېسابلىنىدىكەن.
تۈركىيەدە 6-ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەردۇغان بىلەن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇغا كاتتا خۇشاللىق ئاتا قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AKP) ئالاھىتەن بۇ غايەت زور تەشۋىقات سۈرىتىنى ئىشلەپ چىققان. بۇ سۈرەتنىڭ كۆلىمى 4709 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئەردۇغان بىلەن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ باش سۈرىتى يېقىن كىرىشتۈرۈلگەن، بۇ تەشۋىقات سۈرىتى تۈركىيەدىكى تاراتقۇلار سۈرەتكە تارتقان نەچچە مىڭ پارچە سۈرەتتىن تەركىب تاپقان.بۇ تەشۋىقات سۈرىتى 30-ماي ئىستانبۇلدىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشا ئاشكارىلانغان، يەنە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ شەھەرنى ئىلكىگە ئالغانلىقىنىڭ 562 يىللىقىنى خاتىرلىگەن. جىننېس دۇنيا رېكورتى ئەمەلدارى سەيدا سۇبۇسۇ گېمىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۈر بويىچە ئىلگىرىكى رېكورت 2014-يىلى ھىندىستاندا يارىتىلغان بولۇپ، ئۇ تەشۋىقات سۈرىتىنىڭ كۆلىمى 3361 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوباما بۇلتۇر 477 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى
2015-04-16 11:02:113865ئوبامانىڭ مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:28:143975ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:24:433701ياپونىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى
2015-05-01 13:06:174915گۈل دېڭىزى ـــ موڭغۇلكۈرە يايلىقى (2)
2015-07-31 12:47:323879نىدائىي: سەرسان ھەرپ
2015-02-09 10:18:084451‹‹دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى››دىكى نادىر سۈرەتلەر
2015-04-28 19:07:484439ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش
2016-07-15 13:27:232632
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-