نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوبامانىڭ مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقى

ئوبامانىڭ مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-02-09 ئاۋاتلىقى: 3956 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 نۇتۇق ئەسلى تېمىسى: مائارىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ـــ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلشتىكى زۆرۈر ‹‹زاكالەت››
(بۇ نۇتۇقنى زۇڭتۇڭ ئوباما 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاشىنگتوندا ھەپتىلىك رادىيو پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن)

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

    ئالدىنقى ئايدا مەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، پۇقرالارغا بىزنىڭ قانداق قىلغاندا مائارىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدە دۇنيادا بىرىنچى بولالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەردىم. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىر ‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنىدىغان›› ھۆكۈمەتكە، بىزنىڭ زۆرۈر بولمىغان چىقىملارنى ئازايتىشىمىزغا مۇھتاج. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بىز دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشتا، تەربىيەلەش، مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە، تەتقىقات ۋە تېخنىكىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا، يېڭىدىن يول ۋە كۆۋرۈك ياساشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋە تور قۇرۇلۇشىغا مۇھتاج. 
    دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن شەھەر ۋە بازارلىرىدا مەن بۇ مەبلەغلەر ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتلەرنى كۆرۈپ يەتتىم. ئورېگون ئىشتاتىدىكى مەكتەپلەر ۋە ئىنىستىتۇتلار ئىنتىل، يەنى دۆلىتىمىزدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ياللىغۇچىنى يۇقىرى ساپالىق ئىشچىلار ۋە ئىنژېنېرلارنى چىقارغۇچى سۈپىتىدە مۇقىملاشتۇرۇۋېتىپتۇ. بالتىمور شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى پاركۋىل ئوتتۇرا مەكتىپىدە، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىكى ماتېماتىكا ۋە ئىلمىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، بىناكارلىق دەرسى ئەڭ ئالقىشلانغان دەرسكە ئايلانغان. 
    ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى بىر ‹‹ئورىيون›› ناملىق شىركەت نەچچە يۈز كىشىنى بىر مەھەل ئىلگىرى ۋەيران بولغان زاۋۇتتا توك تېجەيدىغان چىراغ ئىشلەپچىقىرىغقا ئورۇنلاشتۇرغان. ماركۇتتېدىكى كىچىك مەھەللىدە، مىچىگاندىكى يېرىم ئارالدا، كەڭ قاپلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئوقۇغۇچىلار ۋە كارخانىچىلارنى دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن ئۆزئارا باغلىۋەتتى. ‹‹ Getz’s›› بىر جەمەت شەكلىدىكى 3-ئەۋلاد كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ نامى بولۇپ، نۆۋەتتە مەھسۇلاتلىرىنى توردا ساتماقتا، ئەمما توردا مال سېتىشتا ئۇلار خادىملارنى بىر ھەسسە ئارتۇق ياللىغان، بۇ دۇكان يېقىندا بىر قېتىملىق رەتكە تۇرغۇزۇشتا ئامېرىكىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان 5000 شىركەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 
    بۇ جايلارنىڭ ھەممىسى مائارىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زۆرۈر ‹‹زاكالەت›› ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سالدى. ئەمما يەنە بىزگە كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ مەبلەغلەرنىڭ چىقىمىنى ئۈستىمىزگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەردى. خۇددى ھەربىر ئائىلىگە ئوخشاشلا بىزمۇ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ، مۇتلەق ئېھتىياج ھاسىل قىلغان ئىشلار ئۈچۈن مەبلەغ بوشلۇقى تەييارلىشىمىز زۆرۈر. 
    مەن نېمىشقا بۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ھەر يىلى دۆلەت ئىچى خىراجەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، مەزكۇر تەدبىر بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىللىق مالىيە قىزىل رەقىمىنى 400 مىليار دوللار ئازايتالىشى ھەمدە بۇ چىقىملارنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئېزىنخوۋېر ھۆكۈمىتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرەلىشى مۇمكىن. ئېنىقكى، بۇ سەۋىيە ئۆتمۈشتىكى ئۈچ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مەزگىلىدىكى سەۋىيەدىن يەنىلا تۆۋەن، شۇنداقلا زۇڭتۇڭ رىگان ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكىدىنمۇ تۆۋەن. 
    ھازىر، بۇ خامچوتلارنى توڭلىتىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدۇق. شۇ ۋەجىدىن، مەن تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان مەمۇرلارنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى ئۈچ يىل توڭلاتماقچىمەن ھەمدە مەن سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۆۋەن كىرىملىك مەھەللە ھەرىكىتى پىلانى قاتارلىق بىر مۇنچە تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەرمەكچىمەن. مېنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە سەل قارىغانلىقىم ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللانغان. 
    ئەمما، ھەر يىلقى دۆلەت ئىچىدىكى چىقىملارنى توڭلىتىش پەقەتلا بىر باشلىنىش. ئەگەر بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئۇزاق مەزگىللىك مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولساق، بىز مەيلى قايسى ساھەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۈملىدىن دۆلەت مۇداپىئەسى چىقىمى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى چىقىمى ياكى باج كېمەيتىش، باج تۆلىمەسلىك قاتارلىق قاتلاملاردىكى چىقىملارنىمۇ قىسقارتىشقا مۇھتاج بولىمىز.
مەن بىزنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان ھەرقانداق پىشىپ يېتىلگەن ئۇسۇللارنى، مەيلى ئۇ قايسى پارتىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ئويلىنىپ بېقىشنى خالايمەن. ئەمما، مەن دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان مائارىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەبلىغىنى ئازايتىشقا ھۆددە قىلالمايمەن، بىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى بىر تۈرلۈك تەڭپۇڭ ھالەتتىكى مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتالايدىغان ئۇسۇل. گەرچە مەن پەقەت ھەممەيلەننىڭ قۇربان بېرىشنى خالىسىلا، ئاندىن ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قائىدىنى بىلىمەن، ئەمما، بىز دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە چاقچاق قىلساق بولمايدۇ.  
    كېلەركى ھەپتە، پارلامېنت قىسقا مەزگىللىك خامچوت مەسىلىسىنى كەسكىن مۇنازىرە قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن، بىز قاتمال ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئالىي پالاتا ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك، بىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش پىلانىنى ھەمكارلىشىپ تۈزۈپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ نورمال ھەرىكەتلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىزنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. 
    بۇ ئەھۋالغا قارىتا، مەن ئۇلارنىڭ ئورتاق تونۇشقا كېلىشىگە ئىنتىزارمەن، بۇنداق قىلغاندا بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى تېزلىتەلەيمىز. ئەمما، بۇ جەريانلار ئۇنچىۋالا ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى مۇمكىن. نۇرغۇن مۇنازىرە ۋە ئىختىلاپلار بولىدىكەن، ھەرقانداق بىر پارتىيە ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئىككى تەرەپ چوقۇم ئۆزئارا يول قويۇشى كېرەك. 
    بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەللىرىمىز. مەن ئىككى پارتىيەدىكى ئەزالار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان بىر خامچوت تۈزۈپ چىقىشنى، ئۇنىڭ بىز قوبۇل قىلىشقا نائىلاج قالغان چىقىملارنىڭ ئازايتىپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، بىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىمىزغا ياردەمدە بولۇشىغا ئىنتىزارمەن. 
    كۆپچىلىككە رەھمەت، ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنۈڭلار خۇشال ئۆتسۇن!

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى