ھىتلېرنىڭ ياشلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
-
ھىتلېرنىڭ ياشلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
ۋاقتى: 2015-04-08 ئاۋاتلىقى: 4627 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھىتلېرنىڭ ياشلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
مېنىڭ گېرمان ياشلىرىم:بىر يىلدىن كېيىن، مەن يەنە سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.سىلەر بۈگۈن بۇ يەردە بەزى ئىشلارنى ئىسپاتلىدىڭلار، ھازىر پۈتۈن گېرمانىيەدە ئۇرۇش ئوتى يېلىنجاۋاتىدۇ.مەن سىلەردىن، گېرمانىيەدىكى بارلىق ئوغۇل-قىزلاردىن بارلىق گېرمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەتلەرنى قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.بىز ھەممەيلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى ئىستەيمىز، سىلەر ئارقىلىق بىز نىشانغا يېتەلەيمىز.بىز سىنىپ ئايرىمىسى بولمىغان دۆلەتكە ئىنتىلىمىز، سىلەر چوقۇم سىنىپىي كۆزقاراشتىن ئىبارەت بۇ خاتالىققا كۆڭلۈڭلاردىن ئورۇن بەرمەسلىكىڭلار كېرەك.بىز بىر بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيەنى كۆرەلەيمىز.سىلەر چوقۇم دائىم ئۆزۈڭلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار.بىز خەلقتىن بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىمىز، سىلەرمۇ چوقۇم ئۆزۈڭلارنى تەربىيەلىشىڭلار كېرەك.شۇڭا، سىلەر زۆرۈر بولغاندا، ھەم تىنچلىقنى سۆيۈشۈڭلار، ھەم قەيسەر بولۇشۇڭلار، يەنە ئىككىلا قولدا قاتتىق بولۇشۇڭلار كېرەك.بىز خەلقتىن ئىرادىسىزلىكنى ئەمەس، قەيسەرلىكنى تەلەپ قىلىمىز، شۇڭا، سىلەر چوقۇم ياشلىق مەزگىلىڭلاردا تاۋلىنىپ، پولاتتەك ئادەمگە ئايلىنىشىڭلار كېرەك.سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلارنى قۇربان قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلار زۆرۈر.......مەغلۇب بولساڭلار ھەرگىز بولمايدۇ.بىز بۈگۈن ياراتقان ھەممە نەرسىلەرنى كېيىنكىلەر ئۇنتۇپ كەتسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.بىز ئەمدى قوزغالمىساق، خارابىلىك ئىچىدە بايراقنى لەپىلدىتىمىز.سىلەر ئۇلارنى قولۇڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار.باشقا ئامال يوق..... بىز پەقەت قانداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىر يەرگە كېلەلىدۇق.قەلبىمىزنى چاڭگاللىۋالغان ئىدىيەلەر سىلەر ياشلارنىڭ كاللىسىنىمۇ قالايمىقان قىلماقتا.ھەرىكەتتىكى ئۇلۇغ ئارمىيە گېرمانىيەگە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن.گېرمانىيە بىزنىڭ ئالدىمىزدا!گېرمانىيە بىزنىڭ قەلبىمىزدە!گېرمانىيە مەڭگۈ بىز بىلەن بىللە!
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
2015-03-16 00:31:433977پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئۆمۈرلۈك تۆھپىكار — ناد
2016-01-31 19:34:5516873ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى (ھېكايە)
2015-03-11 14:39:024106نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى
2015-03-06 12:47:1544562016-يىلى قەد كۆتۈرگەن ئاسمان پەلەك بىنالار
2016-01-07 15:42:52437913 نەپەر پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ بايلىقى
2015-06-17 11:11:064390ما يۈننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىكى نۇتۇقى
2016-09-07 16:01:34451ھىندىستاننىڭ نۆل روپىيەلىك قەغەز پۇلى
2015-05-01 13:10:474659
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-